سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى مىكروپلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەردە كۆپ ئۇچىرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىارەت.
سەۋەبى: بۇنىڭدا قان ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۆز ۋاقتىدا تەلتۆكۈس داۋالىيالماسلىق سەۋەبىدىن سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇلاردىن باشقا سۈيدۈك يولى ياكى دوۋساقنىڭ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىسمەن ياللۇغلىنىشلىرىمۇ مەزى بېزىگە بىۋاستە كېڭىيىپ كىرىشى مۇمكىن.
ئالامىتى: سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى خىلمۇخىل بولىدۇ، گەرچە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىن پەيدا بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن كېسەللىكلەردە ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش تارىخى ئېنىق بولمايدۇ، بىماردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈيدۈك قىسىلىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە سۈيدۈك چىقىرىش ئېغىزىدا ئاقۇچ، سۇيۇق، يېلىمسىمان سۇيۇقلۇق پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى كىلىنكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سيىش، سۈيدۈك يولى قىزىرىش ۋە سىيىش قىيىنلىشىش، سىيگەندە سوۋسۇن ۋە چاتتا بىرخىل يېقىمسىزلىنىش ھېس قىلىش، سۈيدۈك ئارقا يولى چات ئارىلىقى ۋە سوڭ چىقىۋېلىش، بوشراق ئاغرىش قاتارلىقلار بولىدۇ، ئاغرىقنىڭ تارقىلىشى كۆپىنچە سەھەردە ئېنىق بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىشىدۇ، مەنىي تېز كېتىش، مەنىي چىققاندا ئاغرىش، خىيالىي ئېھتىلام بولۇش، قىسمەنلىرىدە مەنىي قان ئارىلاش كېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، بۆرەك، باھ، بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: زىيادە ئەمگەك قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، زىيادە غىدىقلىغۇچى يەللىك غىزالارنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئانانىزىم بىلەن شوغۇللىنىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. توڭلاتقۇغا سالغان سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. قوغۇن يېمەسلىك كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.