دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان قەھۋە ۋە مەزى بېزىگە ئالاقىدار تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئانالىز قىلغان، يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللانغان، 550مىڭ ئادەمنى سىناققا قاتناشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئادەم كۈندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى%2.5 ، مەزى بېزى كېسىلى بار، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ مەزى بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى %24تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرى قەھۋەنى قانۇنىيەتلىك ئىچىپ بەرسە ئاخىرقى باسقۇچتىكى مەزى بېزى راكى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى%64 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى، بۇ بايقاش قەھۋەدىكى كۆپ خىل خىمىيىۋى بىرىكمىنىڭ ئوكسىدلىنىش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغاچقا مەزى بېزى راكىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.