1) سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى تۇبېركۇليوز چارچاشقا قارشى دورىلاردا داۋالىنىدۇ. دوۋساق يىگىلىمىگەن، سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە نورمال چىققان، ئەمما پات-پات سىيگۈسى كېلىپ تۇرىدىغان، سۈيدۈكى قىستايدىغانلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى بىلەن ئاغرىغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.
2) مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ مەنىيسى قان ئارىلاش كېلىدۇ ھەم ئازىيىپ كېتىدۇ، مەنىيسىدە يىرىڭ ھۈجەيرىسى كۆپ بولىدۇ.
3) مەزى بېزىنى تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ئىنفىلتراتسىيىلەنگەنلىكى ۋە قېتىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر ئۇرۇق نەيچىسى يوغىناپ تەسۋىسىمان بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.
4) سۈيدۈك يولى سۈرەتكە ئېلىپ كۆرۈلسە، سۈيدۈك يولىنىڭ مەزى بېزىدىكى قىسمى كېڭىيىپ كەتكەن ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. سۈرەتكە ئېلىش دورىسىنىڭ مەزى بېزىدىكى تۆشۈككە كىرەلمەيدىغان-كىرەلمەيدىغانلىقى دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
5) زۆرۈر تېپىلسا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ياكى مەزى بېزىنى تېشىپ ھۈجەيرىشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقىمۇ بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.