ئۇ سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدىكى بىر جۈپ يۇمىلاق بەزدىن ئىبارەت. سۈيدۈك يولى شارچە بېزى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى سۈيدۈك يولىنىڭ پەردىسىمان قىسمىغا ئېچىلىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇرۇق خالتا بېزى، مەزى بېزى، سۈيدۈك يولى شارچە بېزىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بەز ئاجرىتىپ چىقارغۇچى سۇيۇقلۇق سۈت رەڭدە بولۇپ، ئۇرۇق بىلەن ئارىلىشىپ مەنىي سۇيۇقلۇقىنى تەشكىل قىلىپ، ئۇرۇقنىڭ ھايات ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە مۇۋاپىق شارائىت يارىتىدۇ. بىر قېتىما چىقىرىلغان مەنىينىڭ مىقدارى 3-6 مىللىلېتىر بولىدۇ. ھەر مىللىلېتىر مەنىي سۇيۇقلۇقى ئىچىدە تەخمىنەن 100 مىليوندىن 200 مىليونغىچە ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭ پەقەت بىرى تۇخۇم بىلەن قوشۇلۇپ تۆرەلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ھەر مىللىلېتىر مەنىي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئۇرۇق بەش مىليوندىن تۆۋەن بولسا، ئاسانلىقچە ھامىلدار بولمايدۇ. ئىككى مىليوندىن ئاز بولسا، ئەرلەر تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.