مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3756 رەت   / مەنبە: -

سەۋەبى: بۇ كېسەللىكتە ئۇرۇقدان ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىدىن زەكەرنىڭ ئىككى تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا، يەنى يوتا يېرىقى ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ ياكى ئەڭ ئېغىرلىرى ئۈچەي ھەم بۆرەك ئەتراپىدىكى قاپچى كىرگەتلەر ئارىسىغا بېرىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇرۇقداننى قول بىلەن تۇتقاندا، ئۇرۇقدان قولغا ئۇرۇنمايدۇ، سىيىش قىيىنلىشدۇ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىدۇ. بەدەندە ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئىككى ئۇرۇقداننىڭ يۇقىرىغا چىقىۋالغان ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 

ئۇرۇقدان كىچىكلەپ قېلىش كېسەللىكىدە، ئۇرۇقدان ئەسلىي ھەجمىدىن كىچىكلەپ قالىدۇ. ئۇرۇقدان يۇقىرىغا چىقىۋالماي ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل كېسەللىكىنڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئوخشاش بولۇپ، ئاساسەن ئۇرۇقداندا سوغۇقلۇقنىڭ زىيادە بولۇپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. 

داۋالاش: ئۇرۇقدانغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش لازىم. ئىسسىق مۇنچىغا كىرىپ سۇنى قىزىق تەڭشەپ يۇيۇنۇش، دورىلاردىن داۋائىل ھىلتىيىت ئىستېمال قىلىش كېرەك. بابۇنە، زىغىر، ئىكلىلمىلىك، سەۋسەن يىلتىزى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇلارنى قاينىتىپ، ئىلمان ھالەتتىكى سۈيىگە ئۇرۇقداننى چىلاپ ئولتۇرۇش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يەلدىن بولغان بۆرەك ئاغرىقىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، بۆرەكنى بابۇنە يېغى، سەۋسەن يېغىدا ياغلاش لازىم. ئۇرۇقداننى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن ھىڭ، شومشا ئۇرۇقى قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.