ئەرلەر 40ياشتىن ئاشقاندا ئاسانلا دىئابېت كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، مېڭە قان تومۇر قېتىشىش كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېشى40تىن ھالقىغان ئەرلەر ھەر تەرەپتىن دىققەت قىلىپ، ساغلاملىققا پايدىسىز بولغان ئامىللاردىن ھەزەر ئەيلىمىسە، بەلكىم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولالماي قېلىشى مۇمكىنكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرلار يېشى 40دىن ئاشقان ئەرلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدىكەن:
غەم-ئەندىشىنى ئاز قىلىپ، خۇشال -خۇرام ئۆتۈش؛ يىغىلىشقا ئاز قاتنىشىپ، كۆپرەك بوش ئازادە تۇرۇش؛ خىزمەت جىددىيچىلىكى ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن ئۆزىنى تارتىپ، كۆپرەك ئارام ئېلىش؛ئىجتىمائىي ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە ئاز قاتنىشىپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇش؛ ھاراق زىياپىتىگە ئاز قاتنىشىپ، ئاىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش؛ چىراغ ئاستىدا بىر سائەت ئاز ئولتۇرۇپ، كۈن نۇرىدا بىر سائەت كۆپ تۇرۇش؛ ماشىنىدا بىر سائەت ئاز ئولتۇرۇپ، بىر سائەت پىيادە مېڭىش؛ بىر قېتىملىق گۆشلۈك غىزانى ئاز يەپ، بىر قېتىم كۆكتات مېۋە-چىۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛ كېچىلىك بەزمىگە بىر قېتىم ئاز قاتنىشىپ، بىر سائەت ئارتۇق ئۇخلاش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.