ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ۋە مەنىي چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ؛ فىزىئولوگىيىلىك ئامىل، پىسخىكىلىق ئامىل ۋە مەدەنىيەت ئامىلى.
ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا بەدەن ئىقتىدارى ئۈلۈكسىز تۆۋەنلەيدىغانلىقى، تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىت ۋە يېمەك-ئىچمەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولغانلىقى، شەخىسلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى قىيىن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ساغلام ۋە كۈچلۈك ئەر بولغان تەقدىردىمۇ، زىيادە چارچىغان، ھاراق ئىچىپ مەست بولغان، ئېغىر كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايغان، كەيپىياتى ناچارلاشقان ئەھۋالدا، ئوخشاشلا زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
بەدەن ئەزالىرى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن باشقا، كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىكى مەسىلە كۆپىنچە روھىي بېسىم،كەيپىيات ۋە بەدەن كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا، ئالدى بىلەن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، سەۋەبىنىڭ روھىي مەسىلە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك.
داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە بولسا ئالدى بىلەن جىنسىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش ھەمدە جورىسى بىلەن بىللە جىنسىي ھەۋەسنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللارنى ئۆگىنىش لازىم.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ھايۋانات مەنبەلىك ياغ بار، ياغدا پىشۇرۇلغان، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، يەنە جىددىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئىسسىق سۇدا، پار مۇنچىسىدا يۇيۇنۇش قاتارلىقلار ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئىسسىق سۇدا، پار مۇنچىسىدا يۇيۇنۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.
بۇلاردىن باشقا، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. قولدا لەززەتلىنىش (ئانانىزم) بىلەن قەتئىي شوغۇللانماسلىق كېرەك. بولمىسا دائىم قول بىلەن زەكەرنى يىرىك ئۇۋلىغان چاغدا، زەكەردىكى ئىنچىكە قىلدام تومۇرلار ۋە نېرىپ توقۇلمىلار ئۈزۈلۈپ زەخمىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەزا ياخشى قاتماسلىق، يىگىلەپ كېتىش، مەنىي بالدۇر كېتىش، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا قاننىڭ زەكەر ۋە نېرۋىغا ئېقىپ بېرىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بىمارنىڭ زەكىرىنىڭ قايىم بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئەگەر زىيادە چارچاشتىن ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق بولسا ياكى ياشقا چوڭىيىپ قالغان ئەرلەرنىڭ زەكىرى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن قايىم بولىدىغان بولۇپ قالسا،بەك ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا
B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار
B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە جىنسىي تەلەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئۇنىڭدىن باشقا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ چارچاشنى تۈگىتىش، بېسىمنى پەسەيتىش، روھنى كۆتۈرۈش رولى بار.
ۋىتامىن E
جىنسىي ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىنسىي تەلەپنى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ۋىتامىن E نىڭ ئەر، ئاياللارغا نىسبەتەن ئوخشاشلا جىنسىي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش رولى بار؛ خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئارتېرىيىگە يىغىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ.
سىنىك
جىنسىي ئىقتىدار ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ نورمال ۋە ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خروم
خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، مۇسكۇللارنى ئۆستۈرىدۇ، ياغنى ئازايتىدۇ.
ماگنىي
يۈرەك كېسىلىنى ئازايتىدۇ ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
فوسفور
يۈرەكنىڭ قانۇنىيەتلىك سوقۇشىغا، بۆرەكنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىنى ساقلاشقا ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسىنى يەتكۈزۈشكە قارىتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مانگان
چارچاشنى تۈگىتىدۇ، نېرۋىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش ۋە تىت-تىت بولۇشنى پەسەيتىپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ.
سېلېن
ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىشكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك.
كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر
كۆكتات: سەۋزە، چېچەكسەي، كۆكمۇچ قاتارلىقلار.
مېۋە-چىۋە: شوخلا، قوغۇن، لىمون قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.
دانلىق ئاشلىق، قارا ئاشلىق: بۇغداي ئۈندۈرمىسى، خاسىڭ، ياڭاق، كاۋا ئۇرۇقى، گازىر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار.
باشقىلار: توخۇ گۆشى، بېلىق، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، پىۋا ئېچىتقۇسى، ئادەمگىياھ، پىچەكگۈل قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.