مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1305 رەت   / مەنبە: -

شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە چېنىقمايدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ، دائىم چېنىقىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز بولىدىكەن . شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي ئىنىستىتۇتى 1997 – يىلىدىن باشلاپ 45 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 45 مىڭ شۋېتسىيىلىك ئەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى ئون يىلدەك ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان . بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ، دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ، خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دائىم چېنىقىدىغانلاردىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن . مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىلەنمۇ مۇئەييەن باغلىنىشلىق ئىكەن .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.