مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى02-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3837 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كۆرۈلىدىغان كۆپىنچە جىددىي باشلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: كۆپىنچە سۆزنەك، سىفلىس كېسەللىكىدە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقدان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئىششىيدۇ، بۇلاردىن تاشقىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۇغۇم ياللۇغى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۇششاق بۇغۇملار ياللۇغى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك دوۋسۇن ياللۇغىدىمۇ ئۇرۇقدانغا جاراسىملار ئورۇنلىشىپ جىددىي ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن. بەزىدە بىر تەرەپتىكى بەزىدە ھەرئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ ئىششىيدۇ. 

ئالامىتى: ئۇرۇقدان قىزىرىپ ئىششىپ قالىدۇ، تۇتقىلى قويمايدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئىسسىق بىلىنىدۇ، خۇسۇسەن ياللۇغلىنىش خاس ئۇرۇقداننىڭ ئۆزىدە بولسا ئاغرىش قاتتىق بولىدۇ، بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدىنىدە قىزىش ۋە باشقا ئومۇمىي بەدەن رېئاكسىيەلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق تارتقۇچى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قاننى قىزىتقۇچى، غىدىقلىغۇچى، يەللىك غىزالاردىن، مۇچ-ئاچچىقسۇ، پىياز، پولۇ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان تاماق، قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.