مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1593 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىش ئۇرۇقدان خالتىسى كۈچلۈك قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.


سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ھەرخىل يەل خۇسۇسىيەتلىك ماددىلارنىڭ خالتا تېرە قاتلىمىغا ئورۇنلىشىپ قېلىشى،  تېرىنىڭ ئەسەبى كېسەللىكى ۋە ياللۇغلىنىشى، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرى، دىئابېت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. 


ئالامىتى: ئۇرۇقدان خالتىسى تېرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىپ ئازابلايدۇ، تولا قاشلاشتىن خالتا تېرىسى زىدىلىنىدۇ، قېلىنلىشىپ كېتىدۇ. بىمارنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئۇخلىشىغا دەخلى يېتىدۇ، قىچىشىش تۈپەيلىدىن بىمار ئەسەبىيلىشىپ تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. 


داۋالاش پرىنسىپى: يەل ھەيدىگۈچى، قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.