مەزى بېزى ياللۇغى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەردە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، سۈيدۈك يولى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ تەخمىنەن %25 ى مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىيدىغانلار كەمرەك، ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىيدىغانلار كۆپرەك بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بولۇپ قوزغىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدىغان، ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان بىرقەدەر جاھىل كېسەللىك بولۇپ، كىشىگە روھى، جىسمانىي جەھەتلەردىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئاغرىغانلاردا نېرۋا كېسەللىكى ۋە روھىي كېسەللىكنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ، جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىك.
مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب ئانچە ئېنىق ئەمەس، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا، ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.