بۇ ئۇرۇقدانغا سىرتتىن بىر نەرسە تېگىش ياكى بىرەر ئىششىق پەيدا بولغانلىقتىن كۆرۈلىدىغان ئۇرۇقدان ئىششىقى بولماستىن، بەلكى بەدەندىكى غەيرىي ئۆزگىرىشلەردىن كۆرۈلىدىغان ئۇرۇقداننىڭ چوڭىيىپ قېلىشىغا قارىتىلغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: كۆپىنچە بەدەندە بەلغەم ماددىسى ئېشىپ كېتىپ، بەدەن سەمىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان بېزى ئەتراپىغا ياغ يىغىلىپ سەمىرىپ يوغىناپ كېتىدۇ، لېكىن ئىششىق بولمايدۇ، ئېغىر نەرسىلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆتۈرۈش سەۋەبلىكمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، قىزلار توي قىلماي ئۇزاق مۇددەت بويتاق يۈرۈپ كەتسىمۇ ئۇرۇقدان قان تومۇرلىرىدا تەدرىجىي توسۇلۇش پەيدا بولىدۇ ھەمدە بۇ يەرگە بەلغەم ماددىسى ئورۇنلىشىپ ئۇرۇقدان سەمرىپ كېتىدۇ.
ئالامىتى: ئۇرۇقدان چوڭىيىپ نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: بەلغەم ماددىسىنى پىشۇرغۇچى، سۈرگۈچى، قىزىتقۇچى، قۇرۇپ قۇرۇتقۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ياغلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.