مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1471 رەت   / مەنبە: -

 1. زېھنى ئوچۇق بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى بىمالال ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش ، زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش كېرەك .

   2.خۇش پېئىل ، پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولۇش ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ، چوڭ–كىچىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش . 

   3.ئارام ئېلىشقا ماھىر، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش .

   4.ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە تولۇق ماسىلىشالايدىغان بولۇش .

   5.ئادەتتىكى زۇكامغا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش.

   6.بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق ، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى تەكشى ، ئۆرە تۇرغاندا باش، مۈرە، بىلەك ماس كەلگەن بولۇش .

   7.كۆزى نۇرلۇق ، ھەرىكەتچان بولۇش، كۆزى ئاسان ياللۇغلانمايدىغان بولۇش .

   8.چىشلىرى پاكىز، چىشىغا قۇرۇت چۈشمىگەن ، ئاغرىمايدىغان بولۇش . چىشىنىڭ رەڭگى نورمال، قانىمايدىغان بولۇش .

   9.چېچى پاقىراپ تۇرۇش ، كېپەك بولماسلىق.

   10.مۇسكۇلى يېتىلگەن ، تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.