ئەرلىك ئاجىزلىق كىلنىكىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كىلىپ چىقىش سەۋەبى مۇرەككەپ بولغان ئەرلەر كىسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ، جىنسى تەلەپ ئىشتىياق بولسىمۇ،لىكىن جىنسى ئىقتىدار رۇشەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ نۇرمال جىنسى پائالىيەت ئىلىپ بارالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ يۇزئابرويى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايتى ئىنچىكە مەسىلە بولغاچقا بۇخىل كىسەللەر بىلەن ئاغىرغانلار خالىغانچە دوختۇرغا كۆرۇنەلمەيدۇ.ئىچىدىن قاتتىق ئازاپلىنىپ يۇرگەن بىلەن سىرىتتىن ناھايتى سالاپەتلىك يۇرىۋىرىدۇ. 90-يىللارنىڭ بىشىدا تىببى ساھە جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسىنى كىسەللىك دەپ تونىمىغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى مەزكۇر كىسەللىكنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتى ناھايتى تېز سۇرەتتە كۆپەيگەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قىززىق نوختا مەسىلىسىگە ئايلاندى.شۇڭا بۇ مەسىلە ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمىگە كىر گۇزۇلدى.
جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەن غەرىپ تىبابىتى بىلەن جوڭيى تىبابىتىنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلۇم پەرىق بولۇپ، غەرىپ تىبابىتىدە زەكەرنىڭ قايىم بولماسلىقىنى زەئىپ باھ دەپ تونىدۇ، جوڭيى تىبابىتىدە ھوزۇرلىنىش بولماسلىقىنى زىئىپ باھ دەپ تونىدۇ.ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىبابىتىدە زەئىپ باھ قانداق كىسەللىك ؟ زەئىپ باھ –يات جىنىسلىقلارغا نىسبەتەن جىنسى غىدىقلىنىش بولماسلىق ياكى جىنسى تەلەپ بولسىمۇ زەكەرنىڭ قايىم بولماسلىق ياكى قايىم بولۇش دەرىجىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن نۇرمال جىنسى تۇرمۇشقا دەخلى تەرۇز يىتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىىكنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا روھى كەيپىياتنىڭ ناچارلىقى، زىيادە ھىرىپ چارچاش،مۇھىت شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۇپەيلىدىن 1~2قىتىم جىنسى پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ زەئىپ باھ دەپ قارالمايدۇ.
تۇرى :
كىسەللىك خاراكتىرى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق ۋە فۇنكىسىيە خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق دەپ 2گە بۆلىنىدۇ.
ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق
مەلۇم ئەزا ياكى ئورۇننىڭ مەلۇم كىسەللىك ئۆزگىرىشى تۇپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى قانتومۇر، نېرۋا، ئىچىكى ئاجراتما ۋە دورا ئامىللىرى كەلتۇرۇپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا سۆڭەك سۇنۇش، ئىغىر زەخمىلنىش...قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.