تونۇش: جەلەق (قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش) ئەسەبىي كېسەللىكلەرگە مەنسۇپ بولغان سالامەتلىككە ھەم ئومۇمىي جەمئىيەتكە زىيانلىق بىر خىل ئېغىر ئەخلاقسىزلىق. يەنى ياشلار، بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا ۋە يېڭىلا بالاغەتكە يەتكەن چاغلاردا ئۇلاردا توغرا جىنسىي ساۋات بولمىغانلىقى، بۇزۇق، ئەخلاقسىزش كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا ئۆگىنىپ قالىدىغان قەبىھ ئىللەتتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: جەلەقنىڭ (ئانانىزىم) ئاساسلىق سەۋەبى، جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلارنىڭ يامان تەسىر قىلىشى، ئەخلاقسىز ئادەملەرنىڭ خاتا يولغا باشلىشى، ئۆگىتىشى، بالاغەتكە ئەمدىلا يەتكەن چاغدىكى شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشى، ئۇزاق يېگانە ياشاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تەجرىبىسىز ياشلار بۇ خىل ئەسكى ئادەتكە كۆنۈپ قالىدۇ، ھەتتا ۋايىگە يەتكەن، تۇرمۇشلۇق بولغاندىمۇ تاشلىيالمايدۇ ( ئوغۇللار زەكىرىنى قولىدا ئىشقاپ مەنىي چىقىرىۋەتكەندەك، ياش قىزلار، ئەرسىز قالغان ئاياللاردىمۇ پەرىجە ساھەسىنى قولدا ئىشقاپ، بىر جىنىسلىقلار ئۆز ئارا تويۇنۇش، سۈنئىي زەكەرنى تىقىپ ئويناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شەھۋانىي تەلىپىنى قاندۇرىدۇ، بۇمۇ جەلەق ھېسابلىنىدۇ). يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن تاشقىرى، جەلەق مىراس قالغان ئەسەبى كېسەللىك ئامىلىدىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ خىل ناچار ئادەت توغرا جىنسىي ساۋات كۆرمىگەن ياشلاردا، ئوقۇغۇچىلاردا، تالىپلار، بويتاقلار، ئەسكەرلەر، مەھبۇسلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپتە ياش ئوغۇل-قىزلار بۇ ناچار ئۇسۇل بىلەن جىنسىي ئىنتىلىشىنى پەسەيتكەندەك بولۇپ، بارغانسېرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆنۈپ قالىدۇ. كۈن ئارىلاپ لەززەتلىنىش ئارقىلىق قىممەتلىك مەنىي سۇيۇقلۇقىنى داۋاملىق چىقىرىپ تاشلاپ بارغانسېرى ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كەم قان، زەئىپ بولۇشقا باشلايدۇ. چىرايى سارغىيىدۇ، بېشى قايىدۇ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. دائىم خىيالچان، غەمكىن، كىشىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇللار ئۆيلىنىشتىن قورقىدىغان، قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىزلار تۇرمۇش قۇرۇشنى خالىمايدۇ، تۇرمۇشقا چىقسىمۇ ئائىلىدە خاتىرجەم بولالمايدۇ، بارغانسېرى بېلى ئاغرىيدىغان، ئىچكى تاناسىل ئەزالىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. مەنىي ئېقىپ كېتىش كېسەللىكىدە تونۇشتۇرۇلغان ھەممە ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، يۈرەك ئاجىزلاپ، زېھنىي كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ھەرخىل ئەسەبىي، روھىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ئۆمرى قىسقىرايدۇ، جەمئىيەتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ئاساسلىق روھىي جەھەتتىن داۋالاش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بىمارنى بۇنداق يامان ئادەتتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىش، ئانانىزىم بىلەن دائىم شوغۇللىنىدىغان، بۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان كىشىلەردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە، نېرۋىنى كۈچلەندۈرگۈچى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، نېرۋىنى تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.