ئالامىتى: ئايال كىشى بىلەن بىر جايدا بولغاندا، جىنسىي ئەزا ھەرىكەتكە كەلمەيدۇ.
سەۋەبى: مەنىينىڭ كەملىكى ھەم مىجەزنىڭ سوغۇقلۇقىدىن، روھنىڭ كەم بولۇشى: سوغۇقلۇق بېسىپ كەتكەن ياكى پەينىڭ بوشاپ قېلىشى؛ قوزغاتقۇچى بۇسنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ.
سەزگۈ كۈچنىڭ توڭلاپ قالغانلىقىدۇر. مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي ئالاقە قىلمىغان ياكى ئايال كىشى بار جايدا بولمىغانلار سەۋەب بولىدۇ.
خىجىل بولۇش، مەسىلەن: بىر كىشى بىر ئايالغا ئاشىق بولغاندا ياكى شۇ كىشىدىن بەك خىجىل بولۇپ كەتسە قوزغالمايدۇ. ئاشىق بولغان كشىنى كۆرگەندە بەك خوشال بولۇش سەۋەبىدىن روھ مېڭىگە ئۆرلەپ كېتىپ، تۆۋەن ئەزادا روھنىڭ كۈچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆچلۈكمۇ سەۋەب بولىدۇ. (ياخشى كۆرمەسلىك).
ئىلاجى: مەنىينىڭ ئازلىقىدىن بولسا، مايلىق غىزا يېيىلىدۇ، پەينىڭ بوشاپ كېتىشىدىن بولسا، مەجۈنى ئازاراقى، پەينى چىڭىتقۇچى دورا بېرىلىدۇ. قوزغاتقۇچ بۇسنىڭ كەملىكىدىن بولسا، ئايالى بىلەن كۆپ چاقچاقتا بولسۇن ھەم ئايال كىشىنى ئەر كىشىنىڭ بويۇن ۋە جىنسىي ئەزاسىنى توتقۇزسۇن، ئەگەر خىجىل بولۇشتىن بولسا، مەست قىلغۇچى دورىلار ئىستېمال قىلىنىدۇ ھەمدە كۈندۈزى يورۇقتا بىر جايدا بولماي، كېچىلىرى قاراڭغۇدا كۆرۈشسۇن، مېڭە ئاجىزلىقىدىن بولسا، كۆڭلىنى ئاچقۇچى دورىلار بېرىلسە بولىدۇ. يەلنىڭ كەملىكىدىن بولسا، ئىسسىق يەل كەم بولسا، ئۈزۈم، ياڭاق بېرىلىدۇ. سوغۇقلۇق يەللەر كەم بولسا، سۈت، قاپاق ماش، بېلىق قاتارلىق نەرسىلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.