تونۇش: جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى: بۇ زەكەرنىڭ تۇرماسلىقى ياكى تولۇق ھەرىكەتكە كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئىنساننىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ياكى نەسىل قالدۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرخىل كېسەللىكتىن ئىبارەت.
ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال بولماسلىقى ئاساسلىقى مېڭە، جىگەر، تاناسىل ئەزا قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇش-بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللىك سەۋەبلىرى بىلەن ئاساسىي تەسىر قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، ئورگان خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ۋە روھىي ئامىللار خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
سەۋەبى: تاناسىل ئەزانىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى ئورۇقدان يوق تۇغۇلۇش ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئىككى چات كانال ئىچىگە ئورۇنلىشىپ قېلىشى ياكى ئۇرۇقدان ئىششىقى تۈپەيلىدىن ئۇرۇقدان يىگلەپ قېلىش ۋە جىنسىي بەزلەر خىزمىتى نورمال بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولىدۇ.
بەل ئومۇرتقا ۋە سېزىم نېرۋىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى، مەسىلەن، پالەچلىك، يۇلۇن زەخىملىنىش ياكى يۇلۇن بېسىلىش قاتارلىقلار.
روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى: بۇنداق كىشىلەردە باشقا ئورگان خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر نورمال بولسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى ساۋاتنىڭ يېتەرلىك بولماي قېلىشى، ئەپسانىي كىتابلارنى، سىنئالغۇ فىلىملىرىنى كۆپ كۆرۈش تۈپەيلىدىن مېڭە غىدىقلىنىش يۈز بېرىپ ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىش، ئويلىنىش سەۋەبىدىن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەيدۇ. بۇلار بىمارنى روھىي جەھەتتىن نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادەتلىرى، ياش قۇرامى، سۇ، ھاۋا، ئوزۇقلىنىشنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش، نەشە، ئەپيۇن چېكىش، شاراب ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەر يەنە تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەلەق بىلەن شوغۇللانغۇچىلار ئوخشاشلا جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللىك تەدرىجىي باشلىنىدۇ. جىنسىي ئىنتىلىش تۆۋەنلەيدۇ. زەكەر (ئالەت) نىڭ قوزغىلىشى سۇسلىشىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. بۇ يەنە تەدرىجىي روھى بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، سەمرىتكۈچى، سۈت، مەنىي كۆپەيتكۈچى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، قاننى قىزىتقۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.