تونۇش: مەنىي ئېقىپ كېتىش جىنسىي ئالاقە قىلمىغان، جىنسىي ئەزادا قايىملىق يۈز بەرمىگەن ھالەتتە بەدەندە بىرخىل لەززەتلىنىش سېزىمى يۈز بېرىپلا مەنىي ئېقىپ كېتىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
مەنىي مەنىي خالتىسىدا ھاسىل بولىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، جىنسىي ئالاقە قىلغان چاغدا لەززەتلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. مەنىي مەنىي خالتىسىنىڭ قورىغۇچى مۇسكۇلى بوشاپ، مەنىي خالتىسى ئېغىزى ئېچىلغاندا چىقىدىغان شىرىلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئەرلىك ئۇرۇقداننىڭ زىچلىقىنى شالاڭلىتىپ، مەنىي مىقدارىنى كۆپەيتىپ ئۇرۇقلارنىڭ ئايالنىڭ جىنسىي يولىدا ھەرىكەتلىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىن ئاسان ئۆتۈپ، تۇخۇمدان نەيچىسىدە ئورۇنلىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەنىينىڭ ئەرلەر نەسىللىنىش ئەزالىرىدىن چىقىپ ئايال پەرىجىسىگە چۈشۈشى ئەسەبلەرنىڭ خىزمىتى، جىنسىي يولدا بىر قانچىلىغان نەسىللىنىش ئەزالىرىنىڭ لۆمۈلدەش، كېڭىيىش، ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلىك جىنسىي ئەزادا جىنسىي ئىنتىلىش قوزغالغان چاغلاردا جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا كېلىدىغان سۈزۈك سۇيۇقراق بىرخىل شىرىلىك سۇيۇقلۇق بار. ئۇ ئادەتتە مەزى سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ، ھەرخىل روھىي تەسىراتلار، گۈزەل قىز-ئاياللارغا، ئۇلارنىڭ رسىملىرىگە قاراش، خىيال سۈرۈشتىمۇ مەزى سۇيۇقلۇقى كېلىپ قالىدۇ، بۇ <مەزى ئېقىش> دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە سۈيدۈك يولى شارچە بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرخىل سۇيۇقلۇق سۈزۈك بولۇپ، ئۇ ئەرەبچىدىن <ۋەدى> سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق ئەرلەردە سۈيدۈكنىڭ ئالدىدا ياكى سىيىپ بولغاندىن كېيىن كېلىدىغان بىرخىل ھۆللۈكتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ خىزمىتى سۈيدۈك يولىنى نەمدەپ تۇرۇش، مەنىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە باشقىلاردۇر.
مەنىي ئېقىپ تۇرۇش كېيىنكى ئىككى خىل سۇيۇقلۇق ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قېلىشى كۆزدە تۇتۇلماستىن، بەلكى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئەرلىك ئۇرۇق بولغان مەنىي ئېقىپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، مەنىي مەزى ۋە ۋەدىي سۇيۇقلۇقلىرى بىردەك ئېقىپ تۇرىدىغان كېسەللىك ھالىتىمۇ بار. ئۇ <ئۈچ خىل سۇيۇقلۇق ئېقىش> دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ئېھتىلام بولۇش مەنىي ئېقىپ تۇرۇشنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى: جىنسىي ئالاقە قىلمىغان چاغلاردا مەنىينىڭ ئىختىيارسىز ئېقىپ كېتىشى مەنىي ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتى ياخشى بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ۋايىگە يەتكەندە جىنسىي ئالاقە بىلەن كەم شوغۇللىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن مەنىي خالتىسىدا مەنىي كۆپ يىغىلىپ قېلىشىغا باغلىنىشلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ بىرخىل تەبىئىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، مەنىي ئېقىپ تۇرۇشتا مەنىي كۆپ بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق ئېقىپ كېتىشىنى ھەمىشە بىردەك تەمىنلەپ تۇرالمايدۇ. مەنىي ئېقىپ كېتىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مەنىينىڭ ئۆزىدە بىرخىل تېزلىك ۋە غىدىقلىغۇچى، ئېچىشتۇرغۇچى خۇسۇسىيەت پەيدا بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مەنىي خالتىسى ئۇنى چىقىرىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مەنىي خالتىسىنىڭ مۇسكۇللىرىدا سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كۆرۈلگەندە ياكى ئۇنىڭدا ئىسپېرما پەيدا بولغاندا مەنىينى ياخشى تۇتۇپ تۇرالماي ئوڭاي چىقىرىۋېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سۈيدۈك چىقرىش ئەزالىرىدا بىرەر سەۋەبتىن تارتىشىش يۈز بەرگەندە مەنىي خالتىسىمۇ تەشەننۇچلىنىپ، مەنىينى چىقىرىۋېتىدۇ. مەسىلەن: سەكراتتىكى كىشىلەردىمۇ تارتىشىش سەۋەبىدىن مەنىي چىقىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى چاغلاردا مەقئەت مۇسكۇللىرى تارتىشقاندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۆرەك ئورۇقلاپ ئۇنى ئوراپ تۇرغان بۆرەك ياغلىرى ئازىيىپ كەتكەندە ئومۇمىي بەدەندە ئاجىزلىشىش يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە ئەرلەر تاناسىل ئەزالىرىدىمۇ سۇسلۇق يۈز بېرىپ مەنىي تۇتالمايدۇ. ئەرلەر جىنسىي ئالاقە، لەۋۋاتلىق، جەلەق (ئانانىزىم) بىلەن بەك كۆپ شوغۇللىنىش، قەۋزىيەتلىك، سۈيدۈك يوللىرى قىچىشىش، بوۋاسىر، ئۈچەيلەرگە يەل تولۇۋېلىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش سەۋەبىدىنمۇ مەنىي تۇتالمايدۇ.
مەنىي ئېقىپ كېتىش شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇلار شەھۋانىي ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلاش، شۇ خىل كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش، كىنولارنى كۆپ كۆرۈش بىلەن خىيالپەرەسلىككە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. شۇ خىل خىياللارنى قىلغان ھامان زەكەردە ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ-دە، مەنىي ئېقىپ كېتىدۇ. بەزىدە زەكىرى قايىم بولماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كېتىدۇ. مەنىي ئېقىپ كېتىش جىسمانىي جەھەتتىن بىرقەدەر ساغلام كىشىلەردە كۆرۈلسە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەمما، شۇ ئەھۋال نېرۋىسى ئاجىزلىغان بىماردا پەيدا بولسا بىرخىل ئېغىر قورقۇش ھېسسىياتىنى تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن روھىي-ئەسەبىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، نېرۋا ئاجىزلىق ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مەنىي ئېقىپ كېتىش يەنىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئالامىتى: مەنىي ئېقىپ تۇرۇشنىڭ ئومۇمىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ، بىمار بوشاڭ، ماغدۇرسىز بولۇپ قالىدۇ، ئورۇقلايدۇ، يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، ئادەم كۆپ جايلار ۋە سورۇنلاردىن قاچىدۇ، ئىشتىھاسى بۇزۇلىدۇ، قورسىقى كۆپىدۇ، ئىچى قاتىدۇ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىشتىن زارلىنىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بېلى ئاغرىيدۇ، قۇلىقى غۇڭۇلدايدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسى دائىم سوغۇق تەرلەپ، نەمخۇش تۇرىدۇ. ئۇرۇقدان ھەمىشە سوغۇق بىلىنىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى ۋە قېتىمى كۆپ، رەڭگى ئاق، سۇيۇق كېلىدۇ. بىمارنىڭ چىرايى دائىم غەمكىن، پەرىشان كۆرۈنىدۇ. دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، جىنسىي ئالاقىدىن ھېچقانداق لەززەت ئالالمايدۇ.
ئەگەر مەنىي ئېقىپ تۇرغان ھالەتتىمۇ ياشلىق ۋە باشقا سەۋەبلەردىن جىنسىي ئالاقە، جەلەق بىلەن يەنىلا داۋاملىق شۇغۇللىنىۋەرسە ماغدۇرسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تۇتقاق كېسەللىكى، پالەچلىك، سىل ياكى شىددەتلىك كېسەللىكلەرگە ئاسانلا مۇپتىلا بولىدۇ، كېسللىك ئېغىرلاشقاندا كېسەللىك شۇنداق ھالەتكە يېتىپ بارىدۇكى، ئىشتان سۈركىلىپ كەتسىمۇ، بىرەر رەسىمنى ياكى ئايالنى كۆرۈپ قالسىمۇ ئىختىيارسىزلا مەنىي ئېقىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىمار خىجالەتلىك، روھىي ئازان سەۋەبتىن ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا، قەستلەشكە ئوخشاش خىياللارنىمۇ قىلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: روھىي جەھەتتىن داۋالاش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تۇتقۇچى، قۇرۇتقۇچى، مەنىي كۆپەيتكۈچى، سەمرىتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەل پەيدا قىلغۇچى، غىدىقلىغۇچى لازا-ئاچچىقسۇ، سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك، قۇۋۋەتلىك غىزالار ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.