مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنى  كۆرۈلىشى: 7306 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ئۇرۇقداننىڭ قورۇلۇپ ئۆزلۈكىدىن كىچىكلەپ كېتىشىدىن نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرخىل كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئۆتكۈر سەۋدا خىلىتى (قۇرۇق سوغۇق) ئۇرۇقدانغا چۈشۈپ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قېلىش سەۋەبلىك ئۇرۇقداندا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، ئۇرۇقدان تەرەققىي قىلالمايدۇ، مەيلى كىچىك بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن ئۇرۇقداننى دائىم ئۇۋۇلاپ ياكى تۇتۇپ يۈرۈش سەۋەبلىكمۇ ئۇرۇقداننىڭ تەرەققىي قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۇرۇقدان يىگىلەيدۇ. 

ئۇرۇقدان ئۆتكۈر سىل قىزىتمىسىنىڭ ئۇرۇقدانغا چۈشۈشى سەۋەبلىكمۇ يىگىلەيدۇ.

سىفلىس ياكى يىرىڭلىق ئاقما كېسەللىكلىرىنىڭ باكتېرىيەسى ئۇرۇقدانغا ئورۇنلىشىپ تەدرىجىي ھالدا ئۇرۇقداننىڭ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ ئۇرۇقدان يىگىلەشنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇرۇقدان ئېقىپ يىگلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا ئانانىزىم (قولدا زەكەرنى ئويناپ مەنىي چىقىرىش) كۆنۈپ قېلىش ياكى ھايۋانلار بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش سەۋەبلىك بالاغەتكە يەتكەندىمۇ ئۇرۇقدان تېز تەرەققىي قىلماي كىچىك ھالەتتىلا تۇرۇپ قالىدۇ. 

جىنسىي ئالاقىگە ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كېتىش، شاراب، نەشە ۋە ھەرخىل زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش سەۋەبلىكمۇ ئۇرۇقداندا يىگلەش يۈز بېرىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ساقايماي باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئۆتكۈر سەپرا خىلىتىنىڭ ئاجىز كىسلاتاسىنىڭ ئۇرۇقدانغا ئورۇنلىشىپ قېلىشى سەۋەبلىكمۇ ئۇرۇقدان يىگلەيدىغان ئەھۋالمۇ بار. 

ئالامىتى: بەزىدە بىر ياكى ھەر ئىككىلا ئۇرۇقدان يىگىلىشى مۇمكىن، تۇتۇپ كۆرگەندە كىچىك بىلىنىدۇ، ئەگەر سىفلىس ياكى سىل سەپرا خىلىتى ئورۇنلاشقان سەۋەبلىك بولسا، قوشۇمچە ئۇرۇقدان تېرىسىنىڭ رەڭگى قىزىل، تۇتقاندا قىزىق بىلىنىدۇ، سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىب كەلگەنلىكىدىن بولسا ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ رەڭگى كۆككە مايىل بولىدۇ، تۇتۇپ كۆرگەندە ئۇرۇقدان كىچىك بولغاندىن سىرت، ئۇرۇقدان خالتىسى يىرىك ھەم سوغۇق بىلىنىدۇ. 

ئانانىزىم ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش ھەمدە ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقتىن بولسا بىمارنىڭ چىرايى ئاق ياكى تاتىراڭغۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان، لەۋلىرى گەز باغلىغان، روھىي ھالىتى ناھايىتى سولغۇن كۆرۈنىدۇ. ئورۇقدان خالتىسى تۇتۇپ بېقىلسا ئۇرۇقدان ناھايىتى سوغۇق بىلىنىدۇ، تەرلەيدۇ. قان تومۇرلاردىكى يىگىلەش مەنىي خالتىسى توسۇلۇش ياكى دوۋساق تۇغما پۈتۈك بولۇش ۋە ياكى ئۇرۇقدان نېرۋىلىرى بېسىلىش، ئۇرۇلۇش سەۋەبتىن كىچىكىدىن تەرەققىي قىلماي شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتكۈچى ماددىنى تازلىغۇچى، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەردىن، شارابتىن، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.