ئادەتتە ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، ئەمما مەزى بېزى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قوزغالغان ياكى مەزى بېزى ئىششىغاندا قىزىتىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، توڭۇپ تىترەش، كوللاپس دېگەنگە ئوخشاش قان بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت قوزغالغاندا ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك ئالامىتى قىسمەن جايدىكى ئالامىتىدىن ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى ۋە ئۇرۇق نەيچىسى ياللۇغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەھۋال ئېغىرلاردا بۆرەك سانجىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.