مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 840 رەت   / مەنبە: -

مەزى بېزى ياللۇغى سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملىنىشتىن بولغانلاردا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئاساسلىق يۇقۇملاندۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ، قاننىڭ يۇقۇملىنىشىدىن بولغانلاردا سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئاساسلىق يۇقۇملاندۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەزى بېزى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلانغانلارغا كەڭ سىپېكتىرلىق ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. 

ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى خېلى كۆپ، ئەمما «ئالاھىدە شىپالىق خاس دورا» كۆپ ئەمەس. دورا توختىتىلغان ھامان يەنە قوزغايدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئانتىبىئوتىكلار مەزى بېزى توقۇلمىسىغا سىڭىپ كىرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۈنۈمى تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى باكتېرىيىنى يېتىشتۈرۈپ ھەمدە ئۇنىڭ دورىغا سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى تەجرىبە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈنۈمى بولىدىغان ئانتىبىئوتىك دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. 

شۇڭا، مەزى بېزىياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ دۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىشى كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.