مەزى بېزىنىڭ ئالاھىدە توقۇلما قۇرۇلمىسىدا 15-30 دانە ئۆتكۈزگۈچى نەيچە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئېغىزى ئۇرۇق دۆڭچىسىنىڭ ئىككى يېنىدا، مەزى بەز ئېپىتېلىيىسىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. بەزنىڭ جۇغى كىچىك، ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر تار بولغاچقا، بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر بېسىلىپ ۋە ئېتىلىپ قېلىپ، ئوڭايلا قان تولۇپ قېلىش ۋە ئاجرالمىلار توختاپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملىنىش شارائىتى يارىتىلىدۇ. مانا بۇ مەزى بېزىنىڭ ئوڭاي ياللۇغلىنىشتىكى توقۇلماشۇناسلىق ئاساسىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.