مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1102 رەت   / مەنبە: -

1) بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى يۇقۇملىنىش، مەسىلەن: تېرە، نەپەس يولى، ئېغىز بوشلۇقى قاتارلىق ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىش قان ئارقىلىق كېڭىيىپ مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

2) تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي، تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى قاتارلىق مەزى بېزىگە يېقىن ئەزالاردىكى ياللۇغلارمۇ لىمغا كانىلى ئارقىلىق مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. 

3)مەزى بېزىدە تاش پەيدا بولسا ياكى مەزى بېزى يوغىنىۋالغان بولسا، ئۇنىڭغا قان تولۇۋېلىپ، غەيرىي خاس يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4) جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلار (كۆپىنچە سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى سەۋەبلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغلانغانلار) دا سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى سۈيدۈك يولى ۋە مەزى بېزى نەيچىسى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كىرىپ، ئۇنىڭدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. 

5) ۋىرۇس، مىكوپلازما، تامچە قۇرت قاتارلىقلاردىن يۇقۇملانغاندىمۇ مەزى بېزى ياللۇغلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.