ئۆزگىچەكارخانا مەدەنىيەتى ۋە خاس باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن رايۇنىمىز ئېچىملىك ساھەسىدە چولپان شىركەتكەئايلانغان شىنجاڭ ئابىدە بىيو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2006- يىلى12- ئايدا، قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، يىڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىدىكى مەرۋايىت شەھەر ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، مىللىي ئەنئەنىگەۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىچىملىك ئادىتى ۋە تەم سەزگۈسىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يۈرۈشئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
شىركەتىمىزتەرەققىيات جەريانىدا، تۈردە يىڭىلىق يارىتىش، توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزلۈكسىز تېرىشىش ئارقىلىق ئىستىملاچىلارنىڭ ئەلاباھاسىغا ۋە ئاز بولمىغان شان – شەرەپ، ئېتىراپنامىلەرگە ئېرىشتى. شىركىتىمىز 2007-يىلى 6-ئايدا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەت – دىن ئىشلىرى كوممېتىتى تەرىپىدىن ‹‹مۇسۇلمانچە مەھسۇلات ››،2007-يىلى 9-ئايدا، جوڭگۇ تاۋار ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ‹‹جوڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى››، ‹‹يۇقىرى ئۆلچەم،يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى››، ‹‹جوڭگونىڭ نوقتىلىق كېڭەيتىلىدىغان مەھسۇلاتى›› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا، 2007-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگۇ ئىشەنچىلىك كارخانىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن‹‹جوڭگۇنىڭ AAAدەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانىسى»، 2011 – يىلى 6- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەت – دىن ئىشلىرى كوممېتىتى تەرىپىدىن « ئاپتۇنۇمرايۇنلۇق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمىئىيىتىگە ئەزا ئورۇن »، 2011 – يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن « شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى » دېگەن كاتتا شەرەپلەرگەئېرىشتى. شىركەتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان ئابىدە ماندارىن ماڭگو قۇۋەت ئىچىملىكى جوڭگۇ ئەقلى مۈلۈك پاتنىت ئىدارىسى تەرپىدىن ‹‹مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قىپى پاتنىت گۇۋاھنامىسى›› غا ئېرىشتى. نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى 30 نەچچە خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، 2011 –يىلى4-ئايدا دۆلەتلىك نەشىرھوقوقى ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نەشىر ھوقوقى ئىدارىسى تەرىپىدىن شىركىتىمىز ئۆزى لاھىيەلىگەن 15 خىل مەھسۇلات ئەسەر ھوقوقى تىزىملىگىگە كىرگۈزۈلدى.
ئابىدەشىركىتى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، مائارىپنى قوللاش، مائارىپ ئارقىلىق خەلقنىڭ ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئىناق، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشنى ئاساسى مەخسەت قىلىپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ 2014 – يىلى تۇنجى قەدەمدە « ئابىدە ئوقۇش ياردەم فوندى » نى تەسىس قىلغان بولۇپ، تۇنجى قارارلىق ياردەم فوندى تارقىتىلغاندىن كىيىن جەمىئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشتۇق،يارىتىلغان ئىجتىمائىي ئۆنۈممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. 2015 – يىلى شىركەت بۇ ئىشقاتېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ، جەمىئىيەتنىڭ يۈكىنى بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلىتىپ، ۋەتەن، خەلققە كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش، ئابىدەنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ ئىستىمالچىلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش مەخسىتىدە فوندىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپ ۋە شەرتلەرنى بېكىتىپ چىقتۇق.
1. ئاساسى پىرىنسىپ
شىركىتىمىزئائىلىسىدە ئىقتىسادى قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ بېسىمىدىن خالاس بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىنتەڭ قەدەمدە يېتىشىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن تىرىشىپ ئۈگۈنۈۋاتقان، لېكىن ئائىلىسىدە ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا‹‹شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۇقۇش ياردەم پۇلى فوندى›› نى تەسىس قىلدى. ئابىدە فوندى ئاساسلىقى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ فوندىنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇۋاتقان دوكتور، ماگىستىر، تولۇق كورۇس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايۇنىمىزئىچىدىكى ئالىي مەكتەپتىكىلەرنىڭ نىسبىتى80%تىن تۆۋەن بولمايدۇ.
2. ياردەم بېرىش ئۆلچىمى
ئابىدەفوندىنىڭ 2 – قېتىملىق تارقىتىلىش سوممىسى 150000يۈەن بولۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تەبىئىي پەندىكىلەر ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە 3500 يۈەن، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىللىرىغا 3300 يۈەن، ماگېستىرئاسپىرانتلار ئۈچۈن 4000يۈەن، دوكتۇرانتلار ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە 5000 يۈەنبېرىلىدۇ.
3. ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى
① ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغدايدىغان،ئىدىيەسى ساغلام ئوقۇغۇچىلار؛
②دۆلەت قانۇن-نىزاملىرى ۋە مەكتەپ-قائىدە تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، مەكتەپتەتەسىرى ياخشى بولغانلار؛
③غايىلىك، ئەخلاقلىق، تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەش روھىغا ئىگە، ئۆگۈنۈشى ئالاھىدە ياخشى، ئىزدىنىش روھىغا باي، يىڭىلىق يارىتىش ئېڭىغا ئىگە بولغانلار؛
④ ئائىلە ئىقتىسادىدا ھەقىقىي قىيىنچىلىق بولغان، تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا،تېجەشچان بولغانلار؛
⑤ مەكتەپ ياكى جەمئىيەتتە جازاغا ئۇچۇرمىغان، تۇرمۇشتا رەتلىك، ناچار خۇي،
قىلىقى بولمىغانلار؛
6› ھەرقايسى پەنلەردە لاياقەتلىك بولغانلار (بىرەر پەندە لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ بىردەك ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.)
4. ئىلتىماس قىلىش، باھالاش ۋە تارقىتىش
يۇقىرىقى شەرتلەرگە ماس كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەستايىدىل توشقۇزۇپ
xjabdfoundation@163.com غائەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. ھۆججەت ئىسمى : ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسمى + مەكتىپى +كەسپى+ يۇرتى + تىلفۇن نۇمۇرى شەكىلدە يوللاپ بەرسە بولىدۇ. شىركىتىمىز مەخسۇس گۇرۇپپا تەشىكللەپ، باراۋەر ،ئادىل ۋەئاشكارا بولۇش پىرېنسىپى بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىپ، فوندى ياردىمىگەئېرىشكۈچىلەرنى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئاشكارىلايمىز. پۇل ئېرىشكۈچىنىڭ قولىغا بىۋاستە بېرىلمەيدۇ، بەلكى مەكتەپ ھىسابىغا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى ھىسابلىنىپ ئۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىشتا زۆرۈر ماتېرىياللار
① ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىمە نۇسخىسى؛
② ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتىپى ۋە ئائىلىسى تەۋە رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتى؛
③ نۇپۇس تەۋە ساقچىخاناچىقىرىپ بەرگەن جىنايى قىلمىشى يوقلۇق ئىسپاتى؛
④ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ بەرگەن ئىمتىھان نەتىجىسى(مەكتەپ تامغا بېسىلىشى لازىم) ۋە ئوقۇش جەريانىدا ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى؛
شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكاتەرەققىيات چەكلىك شىركىتى « ئابىدە ئۇقۇش ياردەم فوندى» غا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى چۈشۈرۈپ سەمىمىيلىك بىلەن توشقۇزۇپ، مەكتەپ ۋە ساقچىخانىنىڭ ئىسپاتىنى سىكانىرلاپ جەدىۋەل بىلەن قۇشۇپ تەمىنلىگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىپ بەرسە ياكىئۆزى شىركەتكە ئەكىلىپ كاتىپ ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى شىركەت ئۈندىدار سۇپىسى xjabida ، ۋېيبولارنى xjabida ياكى شىركەت تور بېتى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. شىركەتئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنى مىڭخۇا كۇچىسى 235-نۇمۇر، يۇپۇرغامەھەللىسى دوقمۇشىدىكى قىزىل چىراغ يېنىدا، 21 – يول، 912 – يول ئابتۇبۇسىغائولتۇرۇپ ئۈمىد كۇچىسىدا چۈشسىڭىز بولىدۇ.
شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى