تارىختىكى كىيىنىش سەنئىتىمىزدىن بۈگۈنكى بەزى مەسىلىلەرگە بىر نەزەر
يۈسۈپجان ياسىن

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان، بۇ زېمىننىڭ كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ۋە يات مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار ئامىللىرىنى قىينالمايلا قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشنى بىلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، سودا، سانائەت ۋە مەدەنچىلىك بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنى كىيىم – كېچەك ساھەسىدە مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئېرىشتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ مىللەت تۈركۈمى ئىنسانىيەتنىڭ كىيىم – كېچەك تارىخىدا «تۈرك پاسونى» دەپ ئاتالغان بىر خىل كىيىنىش سەنئىتىنى ياراتقان.
ئىنساننىڭ كىيىنىشى، يېتىپ - قوپۇشى ۋە تۇرالغۇسىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ زۆرۈر ۋاسىتىلەر ئالدى بىلەن توقۇمىچىلىق سانائىتىگە باغلانغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسىدە ھەربىي ئىشلار بىر مەسلەك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاچقا، چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش ۋە يۆتكىلىشلەر، ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان يۈرۈشلەر، تېز سۈرەتلىك ھۇجۇملار ۋە بۇنىڭ بىر مانېۋرى ھېسابلانغان ئوۋچىلىق ئىنساندىن كۈچ-قۇۋۋەت، ساغلاملىق ۋە چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق، ئېگىزلىك ۋە يايلاق رايونلىرىدا ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان قاتتىق سوغۇق ۋە قۇرغاق رايونلىرىدا بولىدىغان قاتتىق ئىسسىق كىلىماتى بۇلارنىڭ توقۇمىچلىق ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولغانىدى. تەبىئەت ۋە باشقا جانلىقلار دۇنياسى بىلەن زىچ باغلانغان ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز لەززەت ئالىدىغان مىللىي زوقىمۇ توقۇمىچلىق ئەسەرلىرىنىڭ موتىفلىرىنى يارىتىشتا مۇھىم بىر ئامىلغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، «مىللىي تۇيغۇ»سىنىڭ «دىنىي تۇيغۇ»سىدىن ئۈستۈن بولۇشى، دۇنياۋىي ھاياتنى ئاخىرەتلىكتىن مۇھىم بىلىدىغان ئەمەلىي پاراسىتى، رېئال ھاياتقا، تاشقى دۇنياغا ۋە ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىدىغان، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ئەمەلىيەتچىل، تىرىشچان خاراكتېرىمۇ بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ كىيىم–كىچەك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋىي ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان. دېمەك، تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مىللىي غايىسى، ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە سەنئەت قارىشى ئۇلاردا پاختا، يىپەك ۋە يۇڭ – تېرەلەردىن ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، قاتتىق سوغۇقتىن قوغدايدىغان ۋە قاتتىق ئىسسىقتىمۇ تەنگە راھەت بېرىدىغان، ھەرىكەت قىلىشقا، يېتىپ – قوپۇشقا ئەپلىك، ئۇرۇش ۋە كۆچۈشلەردە ئىشلىتىشكە، يۆتكەشكە قولاي بولغان ھەمدە كۆركەم، نەپىس ئىشلەنگەن ھەر خىل بۇيۇملارنى يارىتىشىغا ئاساس سالغان. شۇڭا، بۇ مىللەت تۈركۈمىدە توقۇمىلىق ۋە كۆنچىلىكنى بىر خىل سانائەتلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسى، ساغلاملىق ئىلمى، تەبىئەت قارىشى ۋە گۈزەللىك زوقى ئىپادە قىلىنغان بىر خىل سەنئەت تۈرى دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.
كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرى ۋە قول سانائەت تۈرلىرىنى ياراتقان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر تىككۈچىلىك ساھەسىدىمۇ پەسىلگە ئۇيغۇن، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە قولاي، سالامەتلىكىگە پايدىلىق، ئاتلىق ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ماس كېلىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنى ئىجاد قىلغان. يازما مەنبەلەر، قىياتاش رەسىملىرى، قورغان-قەبرىلەردىن چىققان كىيىملەر، قەدىمكى ئىزلاردىن بايقالغان ھەيكەللەر ۋە مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىن قارىغاندا، بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق، پۇتىغا ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك (ياكى پىيما كىيىش)، ئۈستىگە كۆڭلەك، چاپان، ئىشتان ۋە تون(پەلتو) كىيىش، بىلىگە كەمەر ياكى پوتا باغلاپ، پىچاق - خەنجەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېسىپ يۈرۈش ساك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرگە خاس كىيىنىش شەكلى ئىدى. بۇ خىل كىيىنىش شەكلى ئىچ كىيىم ۋە تاش كىيىمدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەرەنچە ۋە ئايالچە ئىككى خىل پاسۇنغا ئايرىلاتتى. تۈركىي قەۋملەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى مۇشۇ پاسوننى ئۆلچەم قىلىپ، ھەر دەۋردىكى گۈزەللىك زوقىغا ئۇيغۇن بولغان ھالدا ھەر خىل شەكىل بىلەن تەرەققىي قىلىپ ماڭغان. تارىخچىلار تەرىپىدىن «تۈرك پاسۇنى» دەپ ئاتالغان ۋە بۈگۈنكى مەدەنىي قىياپەتنى ئەسلىتىدىغان بۇ خىل كىيىنىش شەكلى يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك ھەرىكەت قىلىشقا ئاسان، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق قاتارلىق تۇرمۇش شەكلىگە قولاي ۋە ئاتلىق ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ناھايىتى ئۇيغۇن بولغان كىيىنىش ئۇسۇلى بولغاچقا، بۇ مىللەت تۈركۈمىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئەۋلامۇ - ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىي قەۋملەرنىڭ يامغۇر، قار، بوران، شىۋىرغاندىن قوغدىنىش ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تىككەن ھەر خىل كىيىملىرىمۇ (يەختە - تېرە پايپاق، چورۇق، پەلەي، يامغۇرلۇق، يامغۇرلۇق بۆك، سەندەل، ساقالدۇرۇق، يىشىم-ساپما، كىپىنەك تون) بار ئىدى.
كىيىم – كىچەك مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور كەشپىياتلارنىڭ بىرى دەزمالنىڭ ئىجاد قىلىنغانلىقىدۇر. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، قەدىمكى تۈركىي تىلدا «ئۈتۈك» دەپ ئاتالغان بۇ دەزمال ھاندۇۋا شەكلىدىكى بىر پارچە تۆمۈر بولۇپ، كىيىمنىڭ چاكلىرىنى تۈزەش ئۈچۈن قىزىتىپ بېسىلاتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ياشىغان ئەھمەد ۋەفىق پاشانىڭ بىلدۈرىشىچە، دەزمال نوقۇل كىيىم ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن ئەمەس. ئۇ يەنە كۆنچىلىكتىكى مۇھىم سايمان بولۇپ، خۇرۇمنىڭ يۈزىنى سىلىقلاش ۋە پارقىرىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن دەزمالنىڭ كۆنچىلىك تارىخىغا ئوخشاش ناھايىتى قەدىمىي بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. دەزمال ۋە «ئۈتۈك» سۆزى ئوتتۇرا ئەسىردە تۈركىي قەۋملەردىن رۇسلارغا ئۆتكەن. رۇسلار ھازىرمۇ دەزمالنى «ئۇتۇك» دەپ ئاتايدۇ.
تۈركىي قەۋملەر كىيىم - كېچەكنىڭ پاسۇنىنىڭ ئىلغار بولۇشىنى مەقسەت قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭ چىرايلىق، رەڭدار، كۆركەم ۋە يارىشىملىق بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. شۈەنزاڭ غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كىيىنىشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ : «قاغان يېشىل يىپەكتىن كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئۇزۇن چېچىنى ئەركىن قويۇۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىككى يۈزگە يېقىن قوماندان بار ئىدى. قوماندانلار قېلىن يىپەك رەختتىن كىيىم كىيگەنىدى. بەزىلىرى جۇۋىلىق ئىدى... قاغاننىڭ چېدىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىرلانغان ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۆزنى كور قىلغۇدەك چاقناپ تۇراتتى. ئېسىلزادىلەر يەرگە سېلىنغان كىگىز ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن يىپەك كىيىملەر بار ئىدى.» ساكلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملىشىپ، بىر خىل مەدەنىيەت تۈسىگە ئايلانغان بۇ خىل «تۈرك پاسونى» 8- ئەسىرگە كەلگەندە «ئۇيغۇر كىيىمى»(胡衣) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ دەۋرگە ئائىت خەنزۇ مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ بېشىغا ھەم تۇماق كىيىدىغانلىقى ھەم رومال سالىدىغانلىقى، خانىشلارنىڭ ئۇچى ئىلمەك ئۇزۇن بۆك كىيگەنلىكى، قاغانلارنىڭمۇ ئۇچلۇق بۆك كىيگەندىن باشقا، يەنە بېشىغا يىپەكتىن سەللە ئورايدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. تۈركىيەلىك مەشھۇر تارىخشۇناس، مۇتەپەككۇر ئىبراھىم كافەسئوغلۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىي قەۋملەردە «نوپۇزلۇق ئادەملەر ۋە مەرتىۋە ئىگىلىرى كۆپىنچە باش كىيىمىنىڭ ئۇزۇن ۋە كۆركەملىك بولۇشى بىلەن تونىلاتتى.» مىلادى 981- يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلگەن خەنزۇ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې ئىدىقۇتتا كىيىم - كېچەكلەرنىڭ گۈللۈك قىلىپ تىكىلىدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ «سۇمۇجى»(سۇمۇز) دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ئېسىل بۆك كىيىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. كۇچا، تۇرپاندىكى مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدە ۋە دۇنخۇاڭ غارلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆرۈنۈشلەردە تۈركىي قەۋملەرگە خاس كىيىنىش ئۇسلۇبىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى، يەنى ئۇچلۇق، سېلىندىرسىمان، ئۈستى يۇمىلاق بۆكلەر؛ ئىگىز قالپاق، ئالدى ۋە ئارقا تەرىپى قايرىمىلىق قالپاق؛ تىك ياقىلىق، يۇمىلاق ياقىلىق، قايرىلما ياقىلىق، كالتە ۋە ئۇزۇن يەڭلىك كۆڭلەك ۋە تون-پەلتولار؛ پىشى تىزغا تىگىپ تۇرىدىغان ياكى تىزدىن ئاشىدىغان تون ۋە يەكتەكلەر؛ كەڭ ۋە تار پۇشقاقلىق ئىشتانلار، بەل پۈرمە، ئېتەك پۈرمە، گارمۇن نۇسخىلىق ۋە يەرگە سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، كەڭ ئېتەكلىك ئاياللار كۆڭلىكى؛ ئۆتۈك، رەخت تەرلىك، تىزلىق، سەندەل، پايپاق قاتارلىق ئاياغ كىيىملىرىنى ئۇچرىتىمىز. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ لۇغىتىدىن 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ياكى مىڭ يىللار داۋامىدا مۇقىملاشقان كىيىنىش شەكلىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئەسىرىدە باش كىيىم، چاپان، ئىشتان، تون، ئاياق كىيىمى، رومال، كۆڭلەك، جىلىتكە قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى كۆرسەتكەن. يەنە تۈگمە، پەلەي، قول ياغلىق، لىپتىك، ساقالدۇرۇق، دەزمال قاتارلىق كىيىم-كېچەككە ئائىت مۇھىم ھالقىلارنىمۇ بايان قىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا بۇ ساھەگە ئائىت 180 ئاتالغۇنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى كىيىم تۈرلىرىنى ۋە كىيىنىش سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ. 13- ئەسىردە ياشىغان خۇڭ خاۋ مۇنداق يازغان : «ئۇيغۇرلار يىپەك تارتىپ، كىمخاپ، شايى ۋە يىپەك تورلانى توقۇشقا ئۇستا ئىدى. يەنە بەش خىل رەڭلىك يىپتىن توقۇلما تون توقۇيتتى. بۇنداق تونلار ‹كىس› دەپ ئاتىلاتتى. بۇ بەكمۇ چىرايلىق بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كالاۋۇتون-ئالتۇن يىپ ئىشلەشكە ئۇستا ئىدى. شۇ كالاۋۇتوندىن تىكىلگەن چاپانلارنىڭ دۈمبىسىگە گۈل ۋە دەرەخ نۇسخىلىرىنى كەشتىلەيتتى.» ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىق، كۆركەم كىيىنىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە 13- ئەسىردىكى لاتىن مەنبەلىرىدىمۇ مەلۇمات بار. دېمەك، پاسۇنىنىڭ ئىلغار-زامانىۋىي ۋە شەكلىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۇيغۇر كىيىملىرىنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىناتتى. بۇ ئالاھىدىلىك ھەر كىشىگە گۈزەللىك، ئازادىلىك ۋە ھوزۇر تۇيغۇسى بېغىشلىغان، يات مىللەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ ئۆرنەك قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
تۈركىي قەۋملەر كىيىم – كېچەككە يانداشتۇرۇپ ياسىنىش ۋە تارىنىشقىمۇ بەك ئەھمىيەت بەرگەن. مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، ساك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر ۋە ئوغۇزلاردا ئەرلەر ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، بۇرۇت قۇياتتى. چېچىنى قويۇپ كەينىگە تاشلىۋالاتتى. بۇ خىل چاچ قويۇش شەكلىنىڭ «ئىزىنچۇ چاچ»(قويۇۋېىتىلگەن چاچ) دەپ ئاتالغانلىقىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدىن بىلىمىز. قىز – ئاياللار يۈزىگە چىرايلىق گىرىم قىلاتتى. ئالتۇن- كۆمۈش ياكى قىممەتلىك تاشلاردىن ھالقا، مۇنچاق(زىننەت ئۈچۈن بويۇنغا ئېسىلىدىغان قىممەتلىك تاشلار)، مارجان، زىنجىر، بىلەيزۈك، ئۈزۈك، بوغماق(بۇ نەرسە ئالتۇن ياكى كۆمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈستىگە قىممەتلىك تاشلار ۋە مەرۋايىتلار ئورنىتىلاتتى، نىكاھ كىچىسى ياسانغان كېلىنگە تاقاپ قويۇلاتتى) ۋە تاج قاتارلىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايتتى. چېچىنى ئۆرۈيتى، كۆپىنچە ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالاتتى. يەنە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئىككى تال يالغان چاچنىمۇ تاقىۋالاتتى. مەسىلەن، چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ تۆت تال ئۆرۈمە چېچى بار. ئۇنىڭ ئىككى تېلى يالغان چاچ. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرىيمۇ مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ : «ئۆنىكلەندى-چاچ سالدى. خوتۇن چاچ سالدى. يەنى ئۆچكە چۇپۇرىدىن ياسالغان ماڭلاي چاچ تاقىۋالدى.» ئاياللارنىڭ يەنە چېچىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە تاج تاقىغاندەك تۈگىۋالىدىغان ۋە تۈرمەل قىلىپ يۆگىۋالىدىغان ئادەتلىرىمۇ بار ئىدى. تۈركىيەلىك مەشھۇر تارىخشۇناس ب. ئۆگەل ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلاردىكى چاچ پاسونىغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىملىرىگە قارىغاندا، ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە 10 خىلدىن كۆپرەك چاچ پاسونى بولغان. بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللارغا ئائىت چاچ پاسونى ئىدى. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدا ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قەدىمكى قەبرىلەردىن قاش قەلەم، ئۇپا - ئەڭلىك بۇيۇملىرى، ھەر خىل سۈرمە تاشلار، قاش قەلەم، گىرىم خالتىسى، تارغاق، ئەينەك، بىلەيزۈك، ھالقا، مارجان قاتارلىق بۇيۇملار بايقالدى. ھۇنلاردا گىرىم قىلىش ئۈچۈن بىر خىل قىزىل بوياق قوللىنىلغان. بۇ بوياق جۇڭگودا مودىغا ئايلانغان. چاچلىرىغا ئېسىل پۇراقلىق مايلارنى سۈرىدىغان تۈرك ئاياللىرىنىڭ كەرىگە ئىشلەتكەنلىكى پرىسكوسنىڭ خاتىرىسىدىن مەلۇم. لى يەنشۇ ياپپانلار ھەققىدە توختالغاندا «بېشىغا يىلىم چاپىدۇ، چاچلىرى پاقىراپ تۇرىدۇ» دەپ يازغان. ب.ئۆگەل ئىلان قىلغان تۇرپاندىكى تام رەسىملىرى ئىچىدىمۇ چېچىنى تۈگىۋالغان بىر ئايالنىڭ چېچىنى ئۆرۈم قىلىپ بېشىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ چەمبەر شەكلىدە تۈگىۋالغان يەنە بىر ئايالنىڭ يۈزىگە موي قەلەم بىلەن گىرىم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ۋە يەنە بىر ئايالنىڭ پىچاق بىلەن ئۆزىنىڭ چىكىسىنى تىلىپ گۈل چىكىۋاتقان تەسۋىرى بار. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدىمۇ قىز-ئاياللارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە گىرىم قىلىشىغا ئائىت سۆزلۈكلەر ئۇچرايدۇ.
يۇقىرىدىكى تۈرلۈك بايانلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇسۇلى كۆركەم ۋە مەدەنىي بىر سەۋىيەگە يەتكەن. بولۇپمۇ باشقا مىللەتلەر كىيىمگە توپچا ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەندە بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ تۈگمە قادىغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ تۈگمىلەرنىڭ، شۇنىڭدەك باش كىيىم قاداقلىرىنىڭ، كەمەر توقىسى ۋە پىستانلىرىنىڭ ئالتۇن، كۆمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتاللار ياكى ئېسىل تاشلار بىلەن بېزەلگەنلىكى، كىيىمنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن دەزمال ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاياللارنىڭ لىپتىك تاقىغانلىقى بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ كىيىم–كېچەك سەنئىتىدە ناھايىتى چوڭقۇر ئىزدەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ سەھنە كىيىملىرىمۇ ئاشۇ خىل پاسون ۋە شەكىللەر ئاساسىدا يارىتىلغانىدى.
قىسقىسى، تۈركىي قەۋملەردە كىيىم-كېچەكلەر تۈرلۈك ئېسىل ماتېرىياللاردىن كۆركەملىك، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان، يارىشىملىق، ھەرىكەتكە ۋە تۇرمۇشقا قولاي، بولۇپمۇ ئاتلىق ھاياتقا ئەپلىك قىلىپ تىكىلگەن. بۇ كۈنىمىزدىكى زامانىۋىي كىيىنىشنىڭ دەسلەپكى تىپىنى تەشكىل قىلاتتى. شۇڭا، بۇ خىل كىيىنىش ئۇسۇلى مىلادىدىن بۇرۇنلا باشقا مىللەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردە خەنزۇلار ھەربىي ئىشلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىپ، ئاۋۋال ئىشنى كىيىم - كېچەكنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىغان. جاۋ بېگى ۋۇلىڭۋاڭ پۇقرالىرىنى ھۇنچە كىيىندۈرۈپ، ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشنى ئۆگەتكەن. بۇ ھەقتە ب. ئۆگەل مۇنداق دەيدۇ : «شالۋار ياكى ئىشتان كىيىش ئۇرۇشچى قەۋملەرگە ئائىت بىر كىيىم ئىدى. ئاتقا مىنگەن ھەر قانداق كىشى ئىشتان كىيىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئومۇمەن ھاياتى ئات ئۈستىدە ئۆتكەنلەر ئۈچۈن ئەھۋال يەنە باشقىچە ئىدى. جۇڭگودا ھۇنلاردىن بۇرۇن ئىشتان يوق ئىدى. پەقەت ئاتلىق قوشۇن قۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئىشتان كىيىش زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا چىقتى.» ئىشتان ھەققىدە ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ۋ. م. مكگوۋېرن مۇنداق دەيدۇ : «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ كىيىم-كېچىكىگە(بولۇپمۇ ئەرەنچە كىيىملەردە) تەسىر كۆرسەتكەن رايون. چۈنكى، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئات يېتىشتۈرۈش ۋە ئات مىنىش بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئۇلار شۇ ۋاقىتتا باشقا يەرلەردىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان كەڭ تون كىيىشتىن ۋاز كىچىپ، ئەپچىل بىر كىيىمنى ئىجاد قىلغان. بۇ بىز دەۋاتقان ئىشتاندۇر. ئەڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئەسىر داۋامىدا ئىشتان كىيىش پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن چەكلەنگەن. كېيىنچە ئات مىنىش ئادىتىنىڭ ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىشى بىلەن ئىشتان كىيىش ئەنئەنىسىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئات مىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر مەھسۇلاتى ئۆتۈكتۇر. قەدىمدە ھەر قايسى يەرلەردە ئاساسەن ياغاچ ئاياق كىيىش ئومۇملاشقان بولۇپ، كېيىنچە ئۆتۈك بۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.» خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن لىڭدى ھۇنچە كىيىنىشكە ناھايىتى ھىرىسمەن ئىدى. پايتەختتىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۇنى بەس - بەستە تەقلىد قىلىشاتتى. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلىمۇ ياۋروپادا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن. رىملىقلار كەندىردىن تىكىلگەن كۆڭلەڭنى تۇنجى قېتىم ھۇنلاردا كۆرگەن. پرىسكوس شەرقىي رىملىقلارنىڭ ھۇنلارنىڭ كىيىمىنى ئەينى شەكىللىرى ۋە ھۇنچە نامى بىلەن بىرلىكتە قوبۇل قىلغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى چېڭ چيەن كۆكتۈرك تىلىدا سۆزلەشنى ۋە كۆكتۈركلەردەك كىيىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن كۆكتۈركلەرگە ئوخشايدىغان ھەر بەش كىشىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ بىر قەبىلە تەشكىللىگەن ۋە ئۇلارغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتو(جۇۋا) كىيدۈرۈپ، چېچىنى تۈگۈپ ئارقىسىغا تاشلاتقۇزغان. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان بىر چېدىردا تۇرغان. ئادەملىرىگە قوي سويدۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، يېنىغا ئېسىۋالغان قىلىچى بىلەن گۆش كېسىپ يەيتتى. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە يەنە ئۆتۈكمۇ ئەرەب مەملىكەتلىرىدە كىيىلگەن. مىلادى 8- ئەسىردە خەنزۇلاردا ئۇيغۇرچە كىيىنىش مودىغا ئايلانغان. لوياڭ ۋە چاڭئەن قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرچە كىيىنىش، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى چېلىش ۋە ئات مىنىش كۈچلۈك دولقۇنغا ئايلانغان. بۇ دولقۇن 50 يىل داۋاملاشقان. بۇ دولقۇننىڭ تەسىرى سۇڭ دەۋرىدىمۇ كۆرۈلگەنىدى. سۇڭ ئوردىسىدىكى ئۇسسۇلچىلار ئەترىتى ئىچىدە بېشىغا ئۇيغۇر بۆكى(胡帽) نى كىيگەن، بىلىگە كۆمۈش كەمەر تاقىغان ۋە بېشىغا كىگىز قالپاق(毡帽) كىيىپ، بىلىگە كۆمۈش كەمەر باغلىغان ئىككى ئەترەت بار ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا قارا قىتان خانلىقىنى قۇرغان قىتانلارمۇ ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. مىلادى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا قالغان قىتانلار ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارچە كىيىم كىيىدىغان بولۇپ بولغان. يەنە ئاشۇ ئەسىردە چىڭگىزخان ۋاسىتىسى بىلەن موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ سارىيىدا خاقان بالىلىرىنى ئوقۇتقانلار ئۇيغۇر مۇئەللىملىرى ئىدى. شاھزادىلارنىڭ تەربىيەچىسى ۋە ئىنىكئانىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايالچە ۋە ئەرەنچە كىيىم پاسونىمۇ چىڭگىزخاننىڭ سارىيىغا ئۆرنەك بىر كىيىم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئۇيغۇر كىيىملىرى موڭغۇل ئىستىلاسىغا ئەگىشىپ، شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە روسىيە دالىسىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئەڭ ئېتىبارلىق كىيىم سۈپىتىدە تونۇلغان.
دېمەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر كىيىم-كېچەك ساھەسىدە، ياسىنىش، تارىنىش خۇسۇسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ھەر دەۋرگە نىسبەتەن مەدەنىي بولغان كىيىم پاسونىنى ياراتقان. بۇ خىل كىيىملەر ۋە ياسىنىش ئۇسۇلى خاس بىر «مەدەنىيەت ئامىلى» سۈپىتىدە 13- ئەسىرگە قەدەر شەرق ۋە غەرپتىكى نۇرغۇن مىللەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىي كىيىنىش شەكلىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، كىيىم-كېچەك مەدەنىي بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىنى تەشكىل قىلغان مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرى ۋە ماددىي شەكىللىرىنىڭ بىرى شۇ مىللەتنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. بولۇپمۇ كىيىم - كېچەك بىر شەخسنىڭ، بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك ھاياتىداجىسمانىي، ئەخلاقىي ۋە ئېستېتېكىلىق نۇقتىدىن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇئۈچ نۇقتا «قۇرئان كەرىم»دىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. «ئەئراف سۈرىسى»نىڭ 26-، 27- ئايىتىدەئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋىي قىياپەت ئۆلچەملىرى بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىپ، كىيىنىش«زىننەتلىنىش» دەپ تەرىپلەنگەن. «نەھل سۈرىسى»نىڭ 81- ئايىتىدە كىيىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇتۇلغان. «قۇرئان كەرىم»دە كىيىم ھەم زىننەت، ھەم نېمەت دەپ قارالغاچقا، «مۇددەسسىر سۈرىسى»نىڭ 4-ئايىتىدە «كىيىمىڭنى پاكىز تۇت» دەپ بۇيرۇلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ ھاياتىدا كىيىم –كېچەككە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ھەدىس كىتابلىرىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كىيىم – كېچەك ھەققىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىگەدائىر رىۋايەتلەر سۆزلەنگەن ۋە «كىتابۇل لىباس» دەپ ئاتالغان خاس بۆلۈملەر بار. مەسىلەن، بىر ھەدىستە «كىيىمىڭلارنى چىرايلىق كىيىڭلار، ئات-ئۇلاغلىرىڭلارنى ياراملىق تۇتۇڭلار، ئادەملەرگە يۈزدىكى خالدەك نەمۇنە بولۇڭلار» دېيىلگەن. پەيغەمبىرىمىزكىيىم - كېچەككە ناھايىتى دىققەت قىلغاچقا، كىيىمنىڭ كىرلەشكەنلىكىنى ئاسان بايقاش ۋە ھەر ۋاقىت پاكىز كىيىنىش ئۈچۈن ئاق رەڭلىك كىيىم كىيەتتى. يېڭى قىسقا چاپاق كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنىكى يەتتى. كىشىلەرگە ماددىي ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە چىرايلىق كىيىنىشنى تەۋسىيە قىلاتتى. بۇنى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن بىرى دەپقارايتى. پەيغەمبەر يەنە باشقا مىللەتلەرگە خاس كىيىملەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلمىغان. بۇنىڭغا ئۇنىڭ «رۇمى» ۋە «شامى»دەپ ئاتالغان ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىدىكى تار يەڭلىك جۈببە(ئۇزۇن، كەڭ، تۈگمىسىز چاپان) كىيگەنلىكىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ كىيىنىش جەھەتتە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاپ قېلىشىنى، كىيىمنى كىبىر ۋە ماختىنىش ئۈچۈن كىيىشنى ھەرگىز ياقتۇرمايتتى. دېمەك، پەيغەمبىرىمىز ئىلغار كىيىنىش چۈشەنچىسىگە ئىگە زات ئىدى.
ئىسلامىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بەدەن ئارقىلىق بەجا كەلتۈرىدىغان بەزى ئىبادەتلەر ( ناماز ئوقۇش، ھەج قىلىش) مەزگىلىدىكى كىيىنىشى ھەققىدە ئەمەل قىلىشىقا تېگىشلىك ئاساسلار بولغان. بۇنىڭ سىرتىدا، ئىسلامىيەتتە كىيىم ماتېرىيالىغا ئائىت بەزى بۇيرۇقلار ۋە ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە ئائىت بەزى تەرتىپلەر بولسىمۇ، كىيىم –كېچەكنىڭ شەكلى ھەققىدە ئارتۇقچە بىر مۇداخىلە يوق.مەسىلەن، پەيغەمبەر ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن قانداق كىيىنگەن بولسا، ۋەھىي كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇنداق كىيىنگەن. پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن كىيىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق خاتىرە يوق. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدەئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچى شەخسلەرنىڭ كىيىنىشىدە ئەنئەنە ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. دېمەك، ئىسلام دىنى ئەسلى كۆركەم، گۈزەل كىيىنىشنى، كىيىمنىڭ شارائىتقا ئۇيغۇن، ھەرىكەتكە، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇشىنى، ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپىتىنى نامايان قىلىشنى،دەۋرگە خاس سۈپەتكە ئىگە بولۇشنى، ئىنساندا گۈزەللىك زوقى پەيدا قىلىشنى تەۋسىيەقىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغان ھەر قانداق كىشىدە ئىلغار چۈشەنچە ۋە گۈزەل، مەدەنىي، زامانىۋىي قىياپەت بولۇشى كېرەك.
ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە(661-750) ئەرەبلەردە ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىش مودا بولغان. بۇ دەۋردە ئەرەبلەر ئەرەب مىللەتچىلىكى،ئىقتىسادىي زۇلۇم، قىرغىنچىلىق ۋە ئەرەب كىيىملىرىنى ئىسلامىيەت نامى ئاستىداباشقا مىللەتلەرگە تېڭىشتىن يىراق تۇرمىدى. شۇڭا ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە تۈركىي قەۋملەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ھەم ئەرەبلەرگىمۇ قارشى تۇرغانىدى.ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە(750-1258) ئەرەبلەر پارسلارنىڭ كىيىم-كېچەك كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئابباسىيلار ئۇمەۋىيلەرنىڭ دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئاق رەڭنىڭ ئورنىغا پارس كىيىم-كىچەك كۈلتۈرىنىڭ مەھسۇلى بولغان قارا رەڭنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئىلگىرى ئەرەبلەر قىلىچنى مۈرىسىگە ئاساتتى. ئابباسىيلارنىڭ ئىككىنجى خەلىپىسى مەنسۇر دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ ئەرەبلەرنىڭ قىلىچنى بېلىگە ئېسىشى،قارا رەڭلىك كىيىم كىيىشى ھەققىدە پەرمان چىقارغان. دۆلەت خادىملىرىغا ۋە خانادان ئەزالىرىغا «ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر،ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى «فەسەيەكفىكەھۇمۇللاھ ۋە ھۇۋەس سەمىئۇل – ئەلىم» دېگەن ئايەت(«سۈرە بەقەرە»،137-ئايەت) يېزىلغان قارا رەڭلىك كىيىم كىيدۈرگەن. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلىپە ھوزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن «سەۋاد» دەپ ئاتالغان قارا رەڭلىك بىر جۈببە كىيىش شەرت ئىدى. 9- ئەسىرگەكەلگەندە ئەرەب خەلىپىلىرى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىگىز ۋە ئۇچلۇق قالپىقىنى كىيىشكەباشلىدى، يەنە تۈرك ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدىكى تەختتە ئولتۇرۇش ۋە قەدەھ تۇتۇش ئەنئەنىسىنى، قوشۇننى «10 لۇق تۈزۈم» بويىچە تەشكىللەش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى.
دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى ھەمدە مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىك زوقى ۋە كىيىنىشكە بولغان تەلىپىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ئومۇمەن كىيىم –كىچەكنىڭ شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، تارىخنىڭ ئالدىنقى دەۋرىگە مەنسۇپ كىيىم–كىچەككەكىيىنكى دەۋردىكى ئەۋلادلار ئەينەن شەكىلدە ۋارىسلىق قىلمايدۇ، بەلكى ئەجدادلارنىڭ كىيىنىش چۈشەنچىسىنى ۋە ئۇلار ياراتقان كىيىم-كېچەكنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ماتېرىيالى ۋە شەكلىنى يېڭىلىغان ھالدا داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىيىم-كىچەككەيېڭى زوق، يېڭى چۈشەنچە ۋە يېڭى تەركىپلەرنىسىڭ دۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ دەسلەپ تەبىئەت جىسىملىرىغا تىۋىنىش،ئەجدادلارنى ئۇلۇغلاش، كۆك تەڭرىگەچوقۇنۇش قاتارلىق ئېتىقاد تىپلىرىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن مانى، بۇددا دىنلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئاخىرىدا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان. بۇ دىنلار ئىچىدە كېيىنكى ئۈچ دىن يات مىللەتلەر مۇھىتىدىن قوبۇل قىلىنغان دىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار ئىراندا بارلىققا كەلگەن مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن پارس كىيىم-كېچەكلىرىنى، ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن بۇددادىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ھىندى كىيىملىرىنى، ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەرەب كىيىملىرىنى دىننىڭ بىر قىسمى دەپ قوبۇل قىلىۋالىدىغان ئەھۋالنى سادىر قىلمىغان ياكى ئۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەينەن شەكىلدە ئېلىپ كىرگەن ئىشلىرىمۇ يوق. ئۇيغۇرلار تارىختا قايسى دىن بىلەن ئۇچراشسا شۇ دىننىڭ ئەقىدە ۋە مەنىۋىي ئۆلچەملىرىنى ئۆزىنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، گۈزەللىك زوقى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ماسلاشتۇرغان ۋە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىمۇ شۇئاساستا ياراتقان. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتىدە ھەرگىزمۇ مەلۇم دىنگە خاس بولغان كىيىم-كېچەك تىپى ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى دىنىي ئەقىدىنى ئۆزىنىڭ روھى، چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي شارائىتى بىلەن يۇغۇرغان بىر «مىللىي ئالاھىدىلىك»گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيتىمىز يەنەمۇشۇ ئۆلچەم بىلەن تەرەققىي قىلىشى كېرەك. شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، «ئەنئەنە» ياكى«دىنىي ئېتىقاد»نى پەش قىلغان ھالدا تارىخنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدىكى كىيىم –كېچەككە ئەينەن ۋارىسلىق قىلىشقا ئورۇنۇش، ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ زوقىدىن قالغان، تۇرمۇش مۇھىتىغا ماس كەلمىگەن كىيىملەرنى قايتائوتتۇرىغا چىقىرىش، كىيىنىشتىكى تەقلىتچىلىك ۋە سۈلكەتسىزلىك، يات مىللەتلەرنىڭ كىيىم–كېچەك ساھەسىدىكى ئىلغار تەرەپلەرگە ئاڭسىزلىق بىلەن قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر پەقەت نادانلىقنىڭ،جاھىللىقنىڭ، تەپەككۇرسىزلىقنىڭ ۋە مەدەنىيەتكە قارشى مەۋقەنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئەلۋەتتەبۇ خىل پوزىتسيە مىللەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەندىن باشقا، مىللەتنىڭ روھىنى، بىرلىكىنى،مەدەنىيىتىنى زىدىلەيدۇ. يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇسۇلىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش ۋە ئىسلامىيەتكەئۇيغۇن يول تۇتۇش دەپ قارايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىنسانلارغا «قۇرئان كەرىم»نى بايان قىلغان، ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆگەتكەن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىۋە ئەخلاقى بىلەن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان بىر ئۇلۇغ زاتتۇر. شۇ سەۋەبلىك، ھەر بىرمۇسۇلمان ئۇنى ياخشى بىلىشى ۋە توغرا چۈشىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمانلارئېتىقاد جەھەتتە تېخىمۇ سەمىمىي بولغاندىن سىرىت، تۇرمۇشتا مۇھەممەد پەيغەمبەرنى قانداق ئۆرنەك قىلىشنى ۋە ئۇ كۆرسەتكەن مىزانلارغا قانداق ئەمەل قىلىشنى بىلىشى كېرەك. مۇھەممەدپەيغەمبەر ھەققىدە «قۇرئان كەرىم»دە «سەن ئەلۋەتتە بۈيۈك بىر ئەخلاققا ئىگىسەن»(«سۈرەقەلەم» 4-ئايەت) دېيىلگىنىدەك، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىمۇ «مەن پەقەت ئەخلاقىي گۈزەللىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەنىدى.
شۇڭا، مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىشنى نۇقۇل ھالدا «ساقال قۇيۇش»، «كالتائىشتان كىيىش»، «بورا ئۈستىدە ئۇخلاش»، «ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىش»، «نىل رەڭ پەلتو كىيىۋېلىش»، «مىسۋاك بىلەن چىش چوتكىلاش»، «تۆگەبىلەن سەپەر قىلىش»، «چاۋا يىغىپ ئوت قالاش» دەپلا چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس، بۇيەردە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كىيىنىش چۈشەنچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە بارلىق مەنىۋىي سۈپەتلىرىنى ۋە ئەخلاقىي مىزانلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ياشاشتۇر. بۇ ھەقتە تۈركىيەدە ئوتتۇرامەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «دىن كۈلتۈرى ۋە ئەخلاق بىلىمى دەرسلىكى» دېگەن كىتابنىڭ40-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن : «پەيغەمبەر يېتەكچىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئومۇمەن ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى، ئىنسان سۈپىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرى ــ ئۇنىڭ تاماق يىيىشى، سۇ ئىچىشى، ئۇخلىشى، ئارام ئېلىشى، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى بۇتۈردىكى ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ. ئىككىنچى، ئۆزى ياشاۋاتقان ۋە مەنسۇپ بولغان جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قىلغان ھەرىكەتلىرى ــ يىگەن تاماقلىرى، كىيىم كىيگەن كىيىملىرى،ئۆيىدە ئىشلەتكەن سايمانلىرى، تاماق يىگەندە قوللانغان نەرسىلىرى بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئىسلام دىنىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى بولغان دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرى ــ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى، سۈننىتى مۇشۇ مەزمۇن دائىرىسىدە باھالىنىدىغان ھەرىكەتلەردۇر.مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزمنى ئۆرنەك قىلىشى، لېكىن ئۆرنەك قىلغاندا ئاڭلىق بولۇشى، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يەرلىك ۋە ئالەمشۇمۇلدائىرىسىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك.
ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قىلغانلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك دائىرىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ دىنىي جەھەتتىن بىر باغلىغۇچىلىق تەرىپى يوق.چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ھەر قانداق بىر ئىنسانغا ئوخشاش تاماق يىگەن، كىيىم كىيگەن،ئۇخلىغان، ئارام ئالغان، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان نەرسىلەرنى قوللانغان، ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ ئىقلىم شارائىتىغا، ئۆرپ – ئادىتىگە ئۇيغۇن بىرشەكىلدە كىيىنگەن. شۇ رايوندا يېتىشتۈرۈلگەن مىۋىلەرنى يىگەن. شۇڭا، ھەزرىتىمۇھەممەدنى ئۆرنەك قىلىش دېگەنلىك ئۇنىڭ يىگەنلىرىنى يىيىش، كىيگەنلىرىنى كىيىش،قوللانغان نەرسىلىرىنىڭ ئەينىسى قوللىنىش دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك. پەيغەمبىرىمىزنى ئۆرنەك قىلىش ئۇنىڭ دىنىي ھاياتىنى ۋە ئەخلاقى ئوبرازىنى ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئەكىس ئەتتۈرۈشتۇر. يەنى ئىبادەت قىلغاندا ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئەستائىدىل بولۇش، ئۇنىڭدەك دۇرۇست، ئىشچان،پاكىز، ئىشەنچىلىك، ياردەم سۈيەر، كەمتەر، پىداكار، ئادىل ۋە كەڭ قوساق بولۇشتۇر.»
دېمەك،بۇ كىتابتا پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىشتا ئۆگىنىدىغان تەرەپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك تەرىپى ئەمەس، بەلكى ئالەمشۇمۇل تەرىپى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسانلار بىر شەخسنى ئۆرنەك قىلىشتا ئۇنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي سۈپەتلىرىنى ئۈلگە قىلغاندىلا ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرالايدۇ، يەنە كېلىپ ئىنساننىڭ مەنىۋىي سۈپەتلىرىنى ھەر قانداق بىر دەۋردە ھاياتقا تەتبىقلىغىلى بولىدۇ. ماددىي نەرسىلەر بولسا ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئەينى شەكلى زوقتىن قالىدۇ، ئۇنى يېڭىلاش زۆرۈرۈىيىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مۇھەممەدپەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىپ ياشاش ئۇنىڭ دەۋرىدىكى قىياپەت ۋە تۇرمۇش ۋاستىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەنىۋىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنى ھاياتىمىزغا ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا تەتبىقلاش ئارقىلىق ئەخلاقىي جەھەتتە تاكاممۇللىشىشتۇر.ئەخلاق جەھەتتە تاكاممۇللىشىش مىللىي گۈللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بۈگۈنكى مەۋجۇت رېئاللىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش دېگەنلىك پاكىز،ياخشى سۆزلۈك، كۆركەملىك، يېقىشلىق، رۇھلۇق بولۇش؛ دۇرۇست، سەمىمىي، كەڭ قورساق،ئېتىقاتلىق ئىنسان سۈپىتىدە ياشاش؛ خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەر ئىشقائەقىل ۋە تەپەككۇر كۆزى بىلەن قاراش؛ ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى مىزان قىلىش؛ئىرقچىلىقتىن يىراق تۇرۇپ ئىنسانلار باراۋرلىكىنى ھىمايە قىلىش؛ مېلىنى ۋە جېنىنى جەمئىيەتكە ئاتاش؛ تەپرىقىچىلىك ۋە پىتنە-پاساتتىن خالىي بولۇش، ھاياتىي كۈچى يوق ئەقىدىلەردىن ۋاز كېچىش؛ ئەل - يۇرتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش؛ ئاۋامنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە ئاجىزلارنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈش؛ مائارىپ ۋە ئىلىم-پەننى ئالدىنقى ئورۇنغاقويۇش؛ جەمئىيەتتە ئىلمىي مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىش؛ دۇنيا بىلەن تەكشى قەدەم ئېلىش؛تەشەببۇسكار، پائالىيەتچان ۋە ھەمكارلىق روھى بار زىيالىيلارغا ئايلىنىش؛ پىداكار ۋەئويۇشقاق ئاۋاملاردىن بولۇش؛ مىللەتنىڭ تارىخى، كۈلتۈرى ۋە تۆھپىكار شەخسلىرىگەھۆرمەت كۆرسىتىش؛ خاتىرە كۈنلەرنى ئەستە ساقلاش ۋە قۇتلۇقلاش؛ مەنىۋىي يېتەكچىلىك ئوبرازى بار شەخسلەرگە ئەگىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ . قىسقىسى، پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش چوڭ بىر مەنىۋىي قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل مەنىۋىي قۇرۇلۇشنى يارىتالىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي بەخت-سائادەتكە ۋە مىللىي غايىسىگە ئېرىشىشى تەبىئىيدۇر.
( مەنبەسى : <<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>نىڭ 2015-يىل 5-ئاۋغۇستتىكى سانى)