خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-08-25 16:28


 
قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرى
قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرى
قومۇلدا جاساق
خوشۇت تۈزۈمى 1657-يىلى ( كاڭشىنىڭ 36-يىلى 10-ئاي) يول قويۇلۇشقا باشلىغان. چىڭھۆكۈمىتى مىللىي ئىشلار باش مەھكىمىسىنىڭ ۋازارەت باشلىقى بورسەينى قومۇلغا خوشۇتقوشۇنىنى تەشكىللەشكە ئېۋەتكەن. بۇنىڭ قارمىقىدا، توغۇچى زەنگە، سەنلىڭ، سومونزەنگە، چەۋەنداز چېرىكلەرنى تەسىس قىلغان. شۇجودىمۇ ئايرىم بىر سومۇن زەڭگە تەسىسقىلىنغان.
قومۇل
  ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى يەرلىكتە، خوشۇت قوشۇنى تەشكىللەپ، خوشۇت تۈزۈمىنى يولغاقويۇشتا، مۇڭغۇللارنىڭ جاساق خوشۇت تۈزۈمىگە ئاساسەن، خوشۇتنىڭ خوجايىنى جاساق دەپئاتىلىدۇ. ئۇ خوشۇتنىڭ ھەربىي ئىشلار، خەلق ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. ئۇنىڭئاستىدا 2دىن 4كىچە ياردەمچى تەيجى قويۇلۇپ، جاساققا ھەمكارلىشىپ خوشۇتنىڭئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. خوشۇت زەنگە ھەر بىر خوشۇتتا بىردىن بولۇپ، بىر خوشۇتنىڭئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، مۇئاۋىن زەنگىدىن تۆۋەنلەر، سومۇن زەنگىنىڭ ئاز كۆپلىكىگەقاراپ تەسىس قىلىنىدۇ. 10سومۇن زەنگىدىن تۆۋەن خوشۇتلاردا بىردىن قويۇلغان، 10سومۇن زەنگىدىن تۆۋەن خوشۇتلاردا 2ئادەم قويۇلغان. 6-5 سومۇن زەنگىدە بىردىنسەنلىڭ قويۇلغان. سومۇن زەنگە بىلەن چەۋەنداز چېرىكلىرى ھەر بىر سومۇن زەنگىدەبىردىن قويۇلغان. ھەر بىر سومۇن زەنگە 153 ئەسكەرنى باشقۇراتتى. سومۇن زەنگە ماجا،50ئادەمنى باشقۇراتتى. 100 كىشى زاپاس قويۇلاتتى. ھەر بىر سومۇن زەنگىدە 6دىنسۈيلەمچى قويۇلغان. ھەر 10 ئائىلىدە بىردىن ئون بېگى قويۇلاتتى. بۇنىڭ تەشكىلىيسىستېمىسى مۇنداق:
   جاساق-ياردەمچى تەيجى- تۇغچى زەنگە- مۇئاۋىن زەنگە- سەنلىڭ- سومۇن زەنگە- چەۋەندازچېرىكلىرى- سۈيلەمچى- ئون بېگى ( تىل ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ئاتىلىشىمۇ ئوخشاشبولمايدۇ).
   چەنلۇڭيىللىرى، قومۇل جاساق ۋاڭنىڭ قارمىقىدا 27 نەپەر سەركەردە بولۇپ، خوشۇتنىڭئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان 2 بەگ، تۇغچى زەنگىدىن بىر، ياردەمچى زەنگىدىن 2،سەنلىڭدىن 2، سومۇن زەنگە چەۋەنداز چېرىكلىرىدىن 13ى بار ئىدى.
   چىڭسۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرى، بىشىرۋاڭنىڭ ئاستىدىكى ئەمەللەر ۋە ئۇنى ۋەزىپىگەتەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تۈزۈمى مۇنداق ئىدى. ۋاڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغانبەگدىن 2سى بولۇپ، كەملەپ قالغاندا مۆھۈر بەگكە يوللاپ، مۆھۈر بەگ ئىش بېجىرگۈچىئامبالغا يوللاش ئارقىلىق مىللىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ خانغا مەلۇم قىلىشىغايوللايتتى. تەستىق كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئورنىغا قويۇشقا بولاتتى. تۇغچى كۈسەنزەنگىدىن بىرسى بولۇپ، كەملەپ قالغاندا مۆھۈر بەگكە يوللاپ، مۆھۈر بەگ ئىشبېجىرگۈچى ئامبالغا يوللاش ئارقىلىق مىللىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ خانغا مەلۇمقىلىشىغا يوللايتتى. تەستىق كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئورنىغا قويۇشقا بولاتتى.
   مىرال زەنگىدىن 2سى بولۇپ، كەملەپ قالغاندا، مۆھۈر بەگكە يوللاپ، مۆھۈر بەگ ئامبالغايوللاش ئارقىلىق مىللىي ئىشلار مەھكىمىسىگە يوللايتتى. زالەن زەنگىدىن 2سى، فېندىبوشكۇدىن 13نەپەر بار ئىدى. 1-دەرىجىلىك قوغدىغۇچىدىن 5 نەپەر، 2-دەرىجىلىكقوغدىغۇچىدىن 3 نەپەر، 3-دەرىجىلىك قوغدىغۇچىدىن 4 نەپەر، 5-دەرىجىلىك يوسۇن –قائىدىچىدىنبىر نەپەر، 6-دەرىجىلىك يوسۇن قائىدىچىدىن بىر نەپەر ئىدى. يۇقىرىدىكى زالەن زەنگەۋە يوسۇن-قائىدىچىلارنىڭ ۋاڭلار تەيىنلەيتتى. يۇقىرىغا يوللىمايتتى. ( « قومۇلتەزكىرىسى، مۇسۇلمانلار رايون تەزكىرىسى»)
   جاساق تۈزۈمىۋارىسلىق تۈزۈمى بولۇپ، بۇ خىل تۈزۈمدە، تارىختىكى مۇسۇلمان ۋاڭلىرى چىڭھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىق بىلەن ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددەئورۇنغا ئىگە ئىدى.
  قومۇل- شىنجاڭبويىچە جاساقلىق تۈزۈمى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويۇلغان جاي. مىلادى 1759-يىلى (چەنلۇڭنىڭ 24-يىلى) چىڭ خاندانلىقى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن،شىنجاڭدىكى زور كۆپ قىسىم رايونلاردا بۇرۇنقى ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغان بەگلىكتۈزۈمى ئالمىشىپ تۇرىدىغان تۈزۈمگە ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەگلىك-ۋارىسلىققىلىشقا بولمايدىغانلىقى، چوڭ بەگلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى، كىچىكبەگلەرنىڭ شۇ كەنتتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى بەلگىلەنىدى. قومۇلدا بولسا يەنىلا،ۋارىسلىق قىلىنىدىغان بەگلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلاتتى.
    جاساقسىستېمىسى ۋەزىپە نامى بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتى تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ۋاڭ،گۇڭ، بەيزى، بەيلى، ۋاڭ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇنۋان بېرەتتى. جاساقلىق ۋەزىپىسىنىۋاڭ جەمەتى ئىچىدە ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى ئادەم ئۈستىگە ئالاتتى. ئۇنۋانى بولسىلا،ۋارىسلىق قىلىشقا بولاتتى. چەنلۇڭنىڭ 24-يىلى قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ئۇنۋانى « دەرىجىسىچۈشۈرۈلۈپ ۋارىسلىق قىلىنىشتىن پۈتۈنلەي ۋارىسلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن. تۇڭچىيىللىرى ياقۇپبەگ يېغىلىقىدىن كېيىن شىنجاڭ بويىچە بەگلىك نامىنى ئەمەلدىنقالدۇرۇپ، ئۆلكە مەمۇرىيىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، قۇرۇق ئورنىلا قالغان « پەقەتقومۇل ۋاڭلىقىلا خاۋاب بولماي يەر زېمىن ۋە باشقا ھوقۇقلار بۇرۇنقىدەك تۇرغان» (پي جىڭفونىڭ جىن خونىڭ « كوئىنلۇن خاتىرىسى» نىڭ 4-تومىدىن ئېلىندى).
    يۇقىرىدىكىۋەزىپە ۋە ئۇنۋانلاردىن باشقا، قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ قول ئاستىدا، چىڭ ھۆكۈمىتى يەنەنەسەپ بەرگەن. تۇڭچى يىللىرىدىكى ياقۇپبەگ يېغىلىقىدىن كېيىن، قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ نەسەپلىرى ئومۇميۈزلۈك بىر دەرىجەئۆستۈرۈلگەن. مىلادى 1877-يىلى ( گوەنشۇنىڭ 3-يىلى 3-ئاي ) چىڭ ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكىتۆھپىسى بار كىشىلەرنى تارتۇقلىغان: « 3-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقىغا ئىگەغوجامنىياز، ئابدىرھىملا بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىغۇچى قىلىپ ئىشلىتىلىپ،2-دەرىجىلىك قالپاق قوشۇپ بېرىلگەن. 3-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقىغا ئىگەناسىردىن، 4-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقىغا ئىگە قاسىم نىياز، 2-دەرىجىلىكسەركەردە قىلىپ ئىشلىتىلىپ، ناسىر دىنغا 2-دەرىجىلىك قالپاق، قاسىم نىيازغا3-دەرىجىلىك قالپاق قوشۇپ بېرىلگەن. 4-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقىغا ئىگە نازى،مەخمۇت يارىغا، 2-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقى بېرىلگەن. 4-دەرىجىلىك توز قاناتقالپىقىغا ئىگە سوپى قارىي، 4-دەرىجىلىك توز قانات قالپىقىغا ئىگە خۇدا بەردى.ئۈچىنچى دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. خۇداقۇل، خوجىمەت، مەتىم نىياز، سۈبۈر، قاپاقباقى قاتارلىقلار، 4-دەرىجىلىك قالپاقتىن 3-دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. شېرىپ سايىم،چورۇق، راۋزىن، گۇەنمەيۋۇ، سۇپائاخۇن مەمەتنىياز، توختى نىياز، مەمەت تۆمۈر، مەمەتقاتارلىقلار 5-دەرىجىلىك قاناتىق، قالپاقتىن 4-دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن.6-دەرىجىلىك قالپاققا ئىگە غوجامبەردى، بوسۇق قاتارلىقلار ۋە 6-دەرىجىلىك كۆكقاناتلىق قالپاققا ئىگە تۆمۈر نىياز، خوجامنىياز، ھەسەن، ئەزىمەت قاتارلىقلار 5-دەرىجىلىككەئۆستۈرۈلگەن ( شاۋشىڭنىڭ « غەربىي دىياردىكى شېئىرلار» دېگەن كىتاپنىڭ 3-تومىدىنئېلىندى) بۇنىڭدىن قومۇل ۋاڭلىقنىڭ دەرىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
   چىڭ ھۆكۈمىتىتەيىنلىگەن مەنسەپ، ئورۇن، دەرىجىلەردىن باشقا، قومۇل ۋاڭلىقى ئۆز تەۋەسى ئىچىدەئىشى ۋە جايغا قاراپ بەگ، قازى، مىراپ، يەر باشقۇرغۇچىلار، دورغا، قورمال، خېتىپ،سىدىر، شاڭيو قاتارلىق چوڭ كىچىك ئەمەللەر تەسىس قىلىناتتى.قومۇل ۋاڭى ئۆزتەۋەسىدە ئەدلىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق ئىدى. شىنجاۇ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىنكېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەدلىيە ھوقۇقىنى يەرلىكئەمەلدارلارغا قايتۇرۇپ بەردى. قومۇلدىكى ئەرز- داۋا ئىشلىرىنى يەنىلا ۋاڭباشقۇراتتى. قومۇل ۋاڭنىڭ دائىملىق قوغداش ئەترىتى بار ئىدى. مىلادى 1910-يىلى ( شۇەنتۇڭنىڭ 2-يىلى) شىنجاڭ شوڭغۇسى قالدۇرغان ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، ئۆلكەقۇرۇلغاندىن كېيىن « پەقەت قومۇل ۋاڭ ئەۋلادىغا تەۋە 60 نەپەر ئەسكىرى بولۇپ، ھەريىلى 1 مىڭ 200 سەر كۆمۈش تەييارلاپ مەشىققە ئىشلىتەتتى» قومۇلدا « جاساق»ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىبىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مەنسەپلىرىدىن لەشكەر بېشى، ئامبال، سەنزەن ئامىلىقاتارلىقلارنىمۇ ئۆتىگەن.
  مىنگونىڭدەسلەپكى يىللىرىدا قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ زېمىنىدا يەنىلا جاساقلىق ئايماق تۈزۈمىساقلانغان. ئۇ چاغدا بىر نەپەر جاساق، 2 نەپەر توسراقچى تەيجى، بىر نەپەر زەنگى، 2نەپەر مىرال زەنگى، 2 نەپەر زالەن زەنگى، 13 نەپەر سومونولو زەنگى، 13 نەپەر فېندۇبوشكو زەنگى بار ئىدى.30-يىللاردا،يەنى مىنگونىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ زېمىنىدىكى ھاكىمىيەتئاپپاراتلىرى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، كۆپ ئىدى. تۆۋەندىكىلەر مىلادى 1922-يىلىدىن1928-يىلىغىچە قومۇل ۋاڭ زېمىنىدىكى ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

1. ۋاڭمەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى
چىڭ ۋاڭ:شامەخسوت
ۋاڭ مەھكىمىسى:چوڭ تەيجى: يۈسۈپ مۇجۇۋۇل
كىچىك تەيجى: يۈنۈسنوشتۇر
ۋاڭنىڭمەسلىھەتچىسى: سېيىت غازىبەگيۈنۈسغازىبەگ
خەنزۇ تىلماش:شى زوجىن

1) چوڭ تەيجىگەقاراشلىق ئورۇنلار

(1) ئىشخانا (ھەر قايسى تەيجىلەرنىڭ ئىشخانىسى): مۇدىر كاتىپ غوجامنىياز قارى بولۇپ، ئىچكىئىشلار، تاشقى ئىشلارغا ئائىت ئالاقىلارنى يېزىشقا مەسئۇل بولاتتى. 4 نەپەر كاتىپبولۇپ، ئۇلار سوپا توغىچى، ئىسھاق، توختى، يەنجىنمىن.

باش بوغالتىر:يۈسۈپ غازى
بوغالتىر:ياقۇپ خېتىپ
كادىرباشقۇرغۇچى: 2 نەپەر، ئىشان قاتارلىقلار.
باش تەرجىمان:يولۋاس غازى بولۇپ، ئىچكى-تاشقى تەرجىمانلىق ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاتتى.باراتشا،ھوشۇرشا دەپ 2 نەپەر چوڭ تەرجىمان بولۇپ، چوڭ ئىشلار تەرجىمىسىنى ئىشلەيتتى.4 نەپەر كىچىكتەرجىمان بولۇپ، ئۇلار: مەمەتنىياز، ھاشىم، ناسىر، مەمەتشاھلار، ئۇلار ئادەتتەتەرجىمانلىقنى ئۈستىگە ئالاتتى.
كۈتۈۋېلىشئالاقە ئىشلىرىغا يارى، پىلىشانبەگ، قاتارلىق ئىككى كىشى قويۇلغان بولۇپ، مېھمانكۈتۈش ئۆيىنىڭ ئالاقە، كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
(2) مۈلۈكباشقۇرۇش جەھەتتە: ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسى، گۆھەر خەزىنىسى، قىممەت باھالىقبويۇملار خەزىنىسىنى چوڭ تەيجى يۈسۈپ قوشۇمچە باشقۇراتتى. ئاشلىق ئامبىرىنى مەسلىھەتچىيۈسۈپ قازىبەگ قوشۇمچە باشقۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئابدىرەھىمبەگ باشقۇرغۇچىلىققا،ياقۇپ خېتىپ بوغالتىرلىققا قويۇلغان.  
(3)ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىيىتى جەھەتتە: سۇچىلىق جەھەتتە 4 نەپەر مىراپ بولۇپ، ئۇلار:تۇرسۇن، يۈنۈس، شېرىپ، تۆمۈرخان. ئۇلار 66 ئۆستەڭنى باشقۇرىدۇ.
رۇستەم، توختىئىككىيلەن ئېتىز ئەمگەكلىرىنى باشقۇرىدۇ. شېرىپ، توختى قاتارلىق 2 دورغائىشلەپچىقىرىش مەمۇرىيەتنى باشقۇراتتى. كۆن- خۇرۇم ئىشلەشكە 4 كىشى مەسئۇل بولۇپ،مۇدىرى سۇپا ھاجى.

(4) قوراللىققوغدىنىش جەھەتتە: چىن ۋاڭنى قوغدىغۇچى ئىبىراھىم تۇردىبەگ بولۇپ، 40 ئەسكىرىبىلەن چىنۋاڭنى قوغدايتتى.ۋاڭمەھكىمىسىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قاسىم بولۇپ، 40 نەپەر ئەسكىرى بار ئىدى.ئۇلار ئىچكى جەھەتتە قوغداشقا مەسئۇل بولاتتى.يولبارسقوراللىق قوغدىغۇچى ئەترەتنىڭ قوماندانى بولۇپ، بىر قوغداش ئەترىتى ۋە ئاتلىقئەسكەرلەر ليەنىگە رەھبەرلىك قىلاتتى.خوجانىيازقوغدىغۇچى ئەترەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئارتۈرۈكتە تۇراتتى.

2) كىچىكتەيجىگە قاراشلىق ئورۇنلار
(1) ئىشخانا (تەيجى قارمىقىدىكى ئىشخانا )
مۇدىر كاتىپ:نۇر دورغا
كاتىپلار: ئىبىرايىم روزى، يۈسۈپ، نۇردىن. تەرجىمانلار4 نەپەر: ھاشىم، ئوسمان، ئىسمايىل ئىبىرايىم. توختى دېگەن كىشى مېھمان كۈتۈشئۆيىگە مەسئۇل بولاتتى. ئۇندىن باشقا، 30 نەپەر ياساۋۇل بولۇپ، بۇيرۇق يەتكۈزۈش،خەۋەرچىلىك، مال سېتىۋېلىش، باج سۈيلەش، سېلىق سېلىش ۋە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشقامەسئۇل بولاتتى.  
2) ئەدلىيە – سوتچىلىق جەھەتتە: 3 نەپەر قازىبولۇپ، ئۇلار روزىمەت، نامان تۇرا، شېرىپ قاتارلىقلار. ئۇلار دىنىي قائىدىلاربويىچە مىراسلارنى تەقسىم قىلاتتى. 2 نەپەر خېتىپ تاغلىق رايوندا نىكاھ ئىشلىرىنىباشقۇراتتى. 2 نەپەر مۇپتى باسىت، مەمەتنىيازلار دىنىي تۇرمۇش، جۈمە نامازقاتارلىقلارنى باشقۇراتتى.
3) ئىچكى جەھەتتە ئىشلىتىدىغان ئاشلىق جەھەتتە:مىلىكبەك مۇدىركىرىم-چىقىم باشقۇرغۇچىلار: روزىمەتبەگ، غوجابدۇلپەششەپ، مېرۇل پەششەپ.
4) تۇرمۇش پاراۋانلىق ۋە باشقا ئىشلار: تاماقدورغىلىرى،ئېلى، سادىر بولۇپ، 6 تاماقخانىنىڭ تاماق ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.ئاشپەز باشلىقلىرى زايىر، پىتى.
ئىچكى قىسىمدىكى قول ئىشكارلارنى باشقۇرغۇچى شېرىپغازى، تۇردى دورغا.ئات ھارۋىلارنى باشقۇرىدىغان مېرابلار: ھاشىم،كۆسۆ.
باغ باشقۇرغۇچىلار باشلىقى: تۇرغان، يۈنۈس.
دەرۋازىۋەن: باقى نىياز، يۈسۈپ.

2. قومۇل ۋاڭلىق زېمىنىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتتەشكىلاتلىرى
   ۋاڭ مەھكىمىسى ئۆز زېمىنىدىكى بىر نەچچە مەمۇرىيرايونغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ھەر بىر مەمۇرىي رايوندا بىردىن غۇجىبەگ ياكى قازىبولۇپ، رايون باشلىقى دورغا دەپ ئاتىلاتتى ( قازى ياكى مىراب9). دورغىنىڭ تەۋەسىدەقورمال ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىيەتنى باشقۇراتتى. خېتىپ نىكاھ، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىنىباشقۇرىدۇ. يەر باشقۇرغۇچىلار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىقۇللار، مەدىكارلارنى باشقۇراتتى. مىراپ چارۋىلارنى باشقۇرىدۇ. قورا دورغىسىمەخسۇس چارۋىچىلارنى باشقۇرىدۇ. ھەر بىر دورغا 10قورمالنى باشقۇرىدۇ. ھەر بىر قوراقوي 500دىن 1000غىچە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر بىر دورغا بىر نەچچە كىچىكباشلىقلارنى قويۇپ، ھەر قايسى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. كونكىرتنى تەسكىلىيئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:
1. شەھەر ئەتراپىدىكى 6 رايون باشلىقى توختىئۇچىبەگ.
(1) ئاقيەر رايونى: قازى قاھار، قورمال- سۇلايمان،خېتىپ-گاسىل نومپۇق. يەر باشقۇرغۇچىلاردىن: ئابدامەت، ھاشىم، ئىسمائىل، مارداق،خېلىل، غوجام ئوسمان.
(2) دۆۋەجىن رايونى: دورغا- مەمەتشا، خېتىپ-كەگەز،نومپۇق قوشۇمچە ئۆتەيدۇ. يەر باشقۇرغۇچىلار 4 كىشى بولۇپ، ئۇلار سىدىق سۈپۈرگە،سىدىق سېپى، تۇرسۇن، توختى.
(3) شەھەر ئىچى رايونى: شاڭيۇ- زاكىر، يەرباشقۇرغۇچىلار: روزى مەمەت، مەمتېلى، رۇستەم، سورغا.
(4) راھەتباغ رايونى: دورغا- توختى، قورمال- سۈۋۈر،مۇپتى- باسىت. يەر باشقۇرغۇچىلار 6 كىشى: غىياس مەمەت نىياز، لوخمان، باي توختى،ئېلانچى يۈنۈس، ئويۇپ.
( 5) تۆۋەنتۇر رايونى: شاڭيۇ-يۈنۈس، يەرباشقۇرغۇچى« قوي توختى، قوي كىچىك، يۈنۈس، ئېلانچى مەمەتنىياز.
( 6) بوغاز رايونى: دورغا- يارى، قورمال- سورغامۇپتى- نىياز، يەر باشقۇرغۇچىلار: رىشىت، مەمتېلى، ئابدۇجېلىل، يۈنۈس، مىراپ-نۇر.

2. ئاراتۈرۈك 6 رايون بولۇپ، ئۈچىبەگ ئابدىنىياز.
(1) توخۇلۇ رايونى: بىر مىراپ بولۇپ غوجىبەكقوشۇمچە ئۆتىگەن، قورمال-تۇرسۇن، موپتى-توخنىياز، مىراپ 4 كىشى بولۇپ، خوجىنىياز،توخسۇن، باھار، مەمەتنىياز. يەر باشقۇرغۇچى: ئاۋشاڭ.
(2) نېرىنكىر رايونى: دورغا- ھاشىم تۇرسۇن، قورمال-سادىق، مۇپتى- ناسىر زاكىر، مىراپ 5 نەپەر بولۇپ، ئىمىن، توخنىياز خۇدا بەردى،سادىق.
(3) باي رايونىدا مىراپ – ھەيدەر، قورمال- تۇران،مۇپتى-بوسۇق.
(4) تۈركۆل رايونىدا دورغا- باقىنىياز،قورمال-ئىمىن، موپتى-پەزۇل، تۆمۈننىياز. مىراپ 5 نەپەر: پەزۇل، كۆسۆنىياز، باقىنىياز، باقى يارى، غۇجا نىياز.
(5) ئاداق رايونىدا : دورغا- ئابدۇراخمان، قورمال-توختى، مۇپتى- تاھىر.
(6) نوم رايونى: دورغا- سالى، قورمال- توختى،مۇپتى- ناسىر، يەر باشقۇرغۇچىلار 4نەپەر بولۇپ، ئىبىراھىم، ياقۇپ، سادىر، پەزۇل.
3. تەنسەن رايونىنىڭ ئۈچبېگى- ئابدۇرېھىم.
(1) ئېدىر رايونى: دورغىلىقنى ئابدۇرېھىم قوشۇمچەئۈستىگە ئالغان. قورمال- ئىبىراھىم، نۇرۇللا مۇپتى- سەدۇل، مىراپ- سېتى.
(2) قارمۇقچا رايونى: دورغا- سېيىت رېھىمنىياز.
(3) ئارتام رايونى: دورغا- راشىدىن
(4) خوتۇنتام رايونى: دورغا- سۇبۇر، قورمال-ئىبىراھىم، مۇپتى- مۆمىن.
(5) شوپۇل رايونى: دورغا- سالى مەمەتنىياز،قورمال-شانىياز، مۇپتى- پەتتۇللا.
(6) قوراي رايونى: دورغا- ئاۋۇت، قورمال- ئىمىن،مۇپتى- ئادىل ئىسمايىل، خېتىپ- يەھيا.
(7) تاراتى رايونى: دورغا- قۇربان، مۇپتى- خوجامنىياز،يەر باشقۇرغۇچى- نىياز.
(8) كۆشۈتى رايونىدا: دورغا- قۇربان نىياز.
(9) تۆمۈرتى رايونى: دورغا-تاھىر خوجامنىياز.قورمال-جەرۇل.
(10) باغداش رايونى: دورغا- ھۆسۈيۈن. قورمال-ئابدۇل مۆمۈن، مۇپتى- شادى، يەر باشقۇرغۇچىلار: تۇرسۇن ئابدۇل، جېلىل.
4. قارادۆۋە رايونىدا قازى- ھاجى باقى.


(1) سۇمقاغىنىڭ قازىسى خوجىنىياز.
(2) ئاستانىنىڭ قازىسى- شانىياز، ئۇرۇنباسار- قازىكۆسۈ. قورمال-يارى مەممەت، مۇپتى- يۈسۈپ، يەر باشقۇرغۇچى- توقسۇن، يارى، يۈسۈپ.
(3) تۇغۇچىنىڭ قازىلىقىنى ھاجى باقى قوشۇمچەئۆتىگەن.
(4) لاپچۇقنىڭ قازىسى- سۇلايمان، ئورۇنباسارقازىسى- پاشا، قورمال-مەمەتشا، مۇپتى- ھاپىز، خېتىپ- يۈسۈپ.
(5) قارادۆۋىنىڭ قازىسى- ھاجى نىياز، قورمال- توختىسۇلايمان، يەر باشقۇرغۇچى- تۇرسۇن.
3. تۈرمە-زىندانلىرى
1. ۋاڭنىڭ تۈرمىلىرىۋاڭ ئوردىسىنىڭتۈرمىسى ۋاڭ ئوردىسى ئىچىدە بولۇپ، 2 مو يەرنى ئىگىلىگەنىدى. 18 ئېغىز تۈرمە باربولۇپ، بىر نەپەر تۈرمە باشلىقى قويۇلغان. 4 كىشى جىنايەتچىلەرنى باشقۇرىدىغانبولۇپ، جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇش، كىشەن سېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.تۈرمىدە،جازالانغۇچىلارغا تاماق بېرىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىلىكلىرى ھەر كۈنى تاماق ئەكەپبېرەتتى. بۇ تۈرمە شامەخسوت ھۆكۈمدارلىق قىلغان ۋاقىتلار يەنى 1914-يىلى (مىنگونىڭ 3-يىلى) دا سولانغان گۇناھكارلار 500دىن ئاشقانىدى.
2. نومدىكى چوڭتۈرمە ۋە سۇ تۈرمىسى
نومدىكى چوڭتۈرمە ئەردىشىر دەۋرىدە سېلىنغان. نومنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، 4 مويەرنى ئىگىلەيتتى. 40 ئېغىز ئۆيى بولۇپ، ئوپا شەكلىدە ئىدى. يەردىن 4 مېتىرچوڭقۇرلۇقتا ئويۇلۇپ، يەر ئۈستى قىسمى بىر مېتىردەك قوپۇرۇلاتتى. بۇ چوڭ تۈرمىدە،سولانغان جىنايەتچىلەر مىلادى 1919-يىلى 113 گە يەتكەن.جىنايەتچىلەرنىنازارەت قىلىدىغانلار ئىچىدە دورغا، قورمال، مۇپتى، خېتىپ قاتارلىقلار بار ئىدى.بۇ تۈرمىدە جىنايەتچىلەرگە ھەر كۈنى 2 گەردىنە شويلا، بىر زاغرا بېرەتتى. ھەرئايدا 4 قوي سويىلاتتى. ( ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قارىماي 4 قوي سويۇلاتتى).
   نومنىڭ قىرسايدېگەن يېرىدە بىر سۇ تۈرمىسى بولۇپ، قارماققا قۇدۇقتەك بولۇپ، تېگى كۆرۈنۈپتۇراتتى. شوتا بىلەن جىنايەتچىلەر سېلىنغاندىن كېيىن، شوتىنى ئېلىۋېتەتتى. ھەركۈنى بىر ۋاقلىقلا تاماق بېرەتتى. جىنايەتچىلەر كۈن بويى لاي پاتقاقتا تۇرۇپ،كۈنمۇ كۆرەلمەيتتى. سۇ تۈرمىسىگە سولانغانلارنىڭ %90 تى ئۆلۈپ كېتەتتى. بۇندىن باشقاتوغۇچىدىمۇ كىچىك بىر تۈرمە بولۇپ، توغۇچىنىڭ ئەمەلدارلىرى قوشۇمچە باشقۇراتتى.جىنايەتچىنى قايسى تۈرمىگە سولاشنى ۋاڭ ئوردىسىدىن بېكىتەتتى. ئادەتتە، 16 تاغنىڭجىنايەتچىلىرىنى توغۇچىغا، ئاستانە تەرەپ ۋە قومۇل ئەتراپىدىكى جىنايەتچىلەرنىنومغا سولاتتى.

   مەنبە ؛ قۇمۇل تارىخ ماتىرىياللىرى .
جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى قۇمۇل شەھەرلىك كومىىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمەت كومىتېتى تۈزدى .
          1988- يىل 10- ئاي ، قۇمۇل
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار