ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان.

  • داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى  قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن  پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات،  شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ...

  • « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى

    抒情长诗《飞石》的文化解读

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

       (بۇ ماقالە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2005– يىللىق 4 – سانىغا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تولۇقلاندى)

    قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.

  • خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

    ئەگەر بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك)، بۇنىڭ بىشارەتلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى دېيىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىيات ياكى «ئەدەبىياتچانلىق» ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈكتۇر (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك). ئۇ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرگە قارىتىلغان بىر خىل ئالاھىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ھەرقانداق بىر خىل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولىدۇ. بىرىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات (بىر خىل غەرب كۇلتۇرى مىخانىزمى سۈپىتىدە) ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر خىل تارىخى تەقەززالىقنى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت شەكلىدۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات بىر خىل ئومۇميۈزلۈك بولغان، جانلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت.

  • مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

    ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى ياكى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىدى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى شەرھلىگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولانىد بارتىسنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» (25) سى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىشتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى (كونا كۆز قاراشلاردا ئاپتور بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ۋە ۋولف (26) دەپ قارىلاتتى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  • ئەدەبىياتنى نېمە مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟ 

    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات چوقۇم ھەمراھ بولۇشى زۆرۈر بولغان كۇلتۇر ئالاھىدىلىكى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىياتمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  • ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

    مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  • ئەدەبىيات دېگەن نېمە

    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.

  • مارىي كولېرىدىج (1861~1907)

     

    (مارىي ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «قىزىقارلىق بايانلار»، «ئىككى يۈزلۈك پادىشاھ»، «رەسىم سىزىش قەسىرىدىكى خانىم»، «مارىي شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.)

  • جۇلىيانا خورىتا ئېۋىڭ (1841~1885)

     

    (جۇلىيانا ئەنگىلىيەنىڭ ئىنگىلىزتىلى بالىلار يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ «جاپا»، «شامال تۈگمىنىدىكى جىن(ئادەم ئىسمى)»، «قىسقىغىنە ھاياتتىكى ھېكايە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.)


  • ئىقبال مىرزا شېئىرلىرىدىن 

    ئۆزبىكىستان بۈگۈنكى دەۋىر شائىرى ئىقبال مىرزا 1967-يىلى فەرغانىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «يۈرەكنىڭ شەكلى»، «سېنى سېغىنىمەن»، «كۆڭۈل»، «مېنى ئەسلەمسەن»، «تاللانغان شېئىرلار»، «قوشاقلىرىم»، «سېنى بۈگۈن كۆرمىسەم بولماس» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىغان. 1999-يىلى «شۆھرەت» مىدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان.  2005-يىلى «ئۆزبىكىستان خەلق شائىرى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف ئىقبال مىرزا ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ :«زامانىۋىي ئۆزبەك شېئىرىيىتى ئىقبالىنى كۆرۈۋاتىدۇ...» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەنىكەن. تۆۋەندىكى شېئىرلار ئۇنىڭ 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان «سىزنى كۈيلەيمەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

  • ...غا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    بەك يېراق سەھەردە ئېچىلغان گۈلسەن،

    ئېھ!، بۇندا ئەمدىلا ئويغاندى قۇياش.

    جىگدىنىڭ چېچىكىدەك سۇس ۋە يېقىملىق،

    سېنىڭدىن بەختىمنى قىلىمەن قىياس.

  • تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىسلامنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ بۇددىزىم ۋە ياكى باشقا دىنلاردىكى «زاھىد»لىق قاراشلىرىغا ئوخشىمايتى. ئىسىلامىيەتتىن ئاۋۋال ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا ئوخشىغان پانتىزىملىق قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تەسەۋۋۇپ پەيدا بولىشىدىنلا ئىسلام تەۋھىد ئەقىدىلىرىنى ۋە ئىسلام كالامى «قۇرئان»نى مەنبە قىلغان ئىدى.[1] ئۇنىڭ ئىددىيىۋى ئاساسلىرى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە «قۇرئان»دىكى بىر قىسىم ئايەتلەر ئىدى

  • ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    قىسقىچە مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئۇيغۇر ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن سوپىستىك قاراشلار ۋە بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە كەلگەندە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كۈچەيگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلاملىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ.

  • سوغۇق قىرغاق

     ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    سوغۇق شامال ئۇرمىغىچە مەڭزىمگە،

    تۇرۇپ قالدىم نەم قىرغاقتا مۇڭلۇنۇپ.

    كۆل سۈيىمۇ مۇڭلاندىمۇ بىلمىدىم،

    لىغىلدايدۇ كۆز ئالدىمدا تولغۇنۇپ.


  • كىم

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    مىسرالارغا كىرىپ چىققان كىم؟

    رەڭلەپ ئۇنى قېزىل قېنىدىن.

    تەنھالىقنى سىزىپ چىققان كىم؟!

    سويۇپ ئېلىپ ئۇنى تىنىدىن.

     

  • ئىچىگە يېقىلىش

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھالەتنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەككىن؟ كېچىدەك قاپقارا ئۈمىدسىزلىك، كېچىدەك قاپقارا غەم، يەنە شۇ كېچىدەك قاپقارا خىياللار...

    ھەئە، بۇ ئىلگىرىكى قاپقارا كۆز، قاپقارا قاش، قاپقارا قاشلارنىڭ ئورنىغا ئالماشقان يېڭى خىيالىي بوشلۇق. 

  • كېچەمگە كەلمەيسەن

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    مەن بىلىمەن سەن ئەمدى كېچەمگە كەلمەيسەن ئاي !!!

    مېنى بۇ قارا كېچىلەر باغرىدا قارىغا ئايلانسۇن دېگەنسەنمۇ ھە ؟... ئايسىز قارا كېچىلەرنى ياقتۇرمايتىمغۇ مەن ؟؟؟

  • ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قەبرە ياساش ئادەتلىرى توغرىسىدا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى

    ئىنسانىيەت ئۇزۇن دەۋىرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى رايون، مىللەت، ياكى ئىجتىمائىي توپلار ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان تۈرلۈك تۇرمۇش-ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بارا-بارا ئىنچىكىلىشىپ، قىلىپلىشىپ بىر ئومۇمىي توپنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلانغان.