ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-25

    « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى - 1 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى

    抒情长诗《飞石》的文化解读

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

       (بۇ ماقالە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2005– يىللىق 4 – سانىغا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تولۇقلاندى)

    قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.

     

    «سالغا تېشى »① شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق ئىچكى سەكرەشلەرنىڭ بىر قېتىملىىق سەمەرىسى ھەم شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك شەكلىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. تېما نۇقتىسىدىن ئېنىق ئايرىش توغرا كەلسە ئۇنى ئەنئەنىۋى تېما تۈرلىرى بويىچە ئاددى ھالدا مەلۇم ئىجتىمائى ياكى ئەخلاقى تۇرمۇش تېمىلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ  شائىرنىڭ  بەدىئى تەپەككۈرۈدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ ساددىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

     شېئىر  ---  قەلپنىڭ ساداسى، ئىنسان روھىنىڭ تەبىئەتتىكى ئەركىن پەرۋازىدىن ئىبارەت. لېكىن ئۇ يەنىلا مۇئەييەن ئىجتىمائى تۇرمۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش دەل شېئىرنىڭ تېمىسى ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپراق، شائىرنىڭ تەپەككۈر خامىنىغا بەرىكەت، تەسەۋۋر قۇشىغا قانات ئاتا قىلغان مەنبەدىن ئىبارەت.

    « سالغا تېشى » نى شائىرنىڭ بەدىئى زىمىنىغا ئۇرۇق قىلىپ چاچقان تارىم بويلىرى، تەكلىماكان ۋادىسى ۋە يىپەك يولى شائىرنىڭ بەدىئى دۇنياسىغا بىر پۈتۈن ئەتراپلىق، جانلىق تەپەككۈر بېغىشلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زامان – ماكان چېگرالىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ئانا تارىمنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھايات ناخشىسىنى ئاڭلىيالايدىغان، تەكلىماكان تۇپرىقىغا سىڭىپ كىرىپ « شەھرى كېتىك » رىۋايىتىنى تىڭشىيالايدىغان، يىپەك يولىدا قەدىمى كارۋانلارنىڭ ئىزىدىن ئەجداتلارنىڭ جاسارىتىنى كۆرەلەيدىغان شېئىرى ھىسسىياتنى ئاتا  قىلغان مەنبە دىيىشكە بولىدۇ.

    « سالغا تېشى » دا يارىتىلغان بۇ پوئىتىك مەنبەنىڭ رىشتىسى شېئىردا يارىتىلغان كۆپ قاتلاملىق تېمىلار، شېرىئي ئىماگلار، ئوبرازلار، سىموۋوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ تارىخى يىلتىزىغا شۇنچىلىك ئىچكىرىلەپ كىرگەنكى، بىز شائىرنىڭ ئۆركەشلىگەن ھىسسىيات دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ئۇنڭ ئەسلى مەنبەسىنى يەنى شائىر ياراتماقچى بولغان تەبىئى مۇھىتنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولىمىز.

    « سالغا تېشى » نى پەلسەپىۋىي تېمىدىكى شېئىر دىيىشكە بولىدۇ. پەلسەپىۋىي شېئىرلارمۇ لىرىكىلىق جەھەتتىن، تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئىپادىلەشتە باشقا شېئىرلار بىلەن ئوخشاش.  بىر پارچە شېئىردا يارىتىلىۋاتقان « شېئىرىي مۇھىت »، «تەبىئى مۇھىت » ئوبرازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىغا مەنسۇپ بولسا، كېيىنكىسى ئوبېكتىپ دۇنياغا مۇھتاج. « سالغا تېشى » دا يارىتىلغان «شېئىرى مۇھىت » شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئىجادىيەت نىشانى بولغان بولسا، شېئىرغا «تەبىئى مۇھىت »بولغان يىلتىز پەيلوسوفلارچە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان بۇغدا ئابدۇللا تەپەككۈر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بولغان.

    شېئىر ھامان رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سەنئەت. شېئىردىكى تەسەۋۋۇر ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن ھالقىپ  ئۆتەلەيدۇ. «شېئىرنىڭ پەۋقۇلاددە قىممىتىمۇ شائىر ھىسسىياتىنىڭ  مۇئەييەن ماددى تەنچە ئارقىلىق يارىتىلىشى، سوبېكىتنىڭ ئوبېكىتقا بولغان پائال ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا كۆرىلىدۇ »②. شائىر « سالغا تېشى » دا «تارىم »، «تەكلىماكان » ۋە«يىپەك يولى»غا مەنسۇپ بولغان ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى، بۈگۈننىڭ زامانىۋى ئەپسانىلىرىنى سۆزلەپلا قويماي، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت ئۈچۈن مۇقەددەس ھىساپلىنىغان ساختا بۇرچكارلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، شائىرانە ھىسسىياتىنى  پەلسەپىۋىي ئىدراكىلىققا ئىگە قىلىش بىلەن  ئوبېكىت ۋە سوبېكىت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى يەككە ئۆلچەم قىلىشتىن ئىلگىرلەپ، ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى كۆپ خىل، قاتلاملىق شېئىرى ئىماگلار بىلەن  ئىپادىلەپ بەردى.

    شائىر « سالغا تېشى » دا كۆپ خىل ئىماگلارنى ئۇيغۇر مىللى مەدىيىتى ۋە  مىللەت روھىنىڭ گۇۋاِچىلىرى سۈپۈتىدە  ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتىنى ماددى تۈسكە ئىگە قىلسا، بۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن شېئىرى ئوبرازلارنى ئادىمى تۈسكە  ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇلغان مەنا چوڭقۇرلۇقى ۋە ئوبراز قۇرۇلمىلىرى، بەدىئى ماھارەت  ۋە ئېستېتىك غايە ئۈستىدە ئىزلەندى. شۇڭا بىز « سالغا تېشى » نى ئوقۇغان چېغىمىزدا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھەيرانلىققا چۆمىمىز. شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، روھىيەت قىرغاقلىرىغا تۇتاشقان، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاجايىپ، لېكىن غەلىتە ئەمەس بولۇپ،   ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت  قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىغىدىن   بۆسۈپ   چىقىپ، ماكان –زامانسىز ئەبەدىلىككە ئىگە شېئىرى بوشلۇق يارىتالىغان. مانا بۇ بۇ شېئىرنىڭ يېڭىچە شېئىرلارغا خاس بولغان قىممىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى  يېڭى شېئىرىيەتنىڭ  شېئىرى تەپەككۈر ئەندىزىسىدە قايتىدىن بىخ ئۇرۇپ كۆكلاۋاتقان ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىگە تۇتىشىدىغان پەقەت شېئىرىيەت مىللىتىگىلا خاس بولغان«شېئىرىيەت كارىدورى».

    يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر شېئىردا كۆپ خىل ئىماگلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. « سالغا تېشى » دا دەل مۇشۇنداق كۆپ خىل ئىماگلار قاتارى كىتاپخانلارغا ناھايىتى كەڭ بولغان تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ قىسمەتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن تارىخ ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگىنىدە ۋە ئۇنى چۈشەنگىنىدە، ئۇلارنى يەككە قاتلاملىق ئوبراز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن بەلكى ماھىرلىق بىلەن «تارىم »، «تەكلىماكان » ۋە « يىپەك يولى » بىلەن سىموۋول قىلىنغان ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى يۇلغۇن، چۆل، مۇقەددەس دەرەخ، قۇملۇق، توغراق، ئادەم، تۆگە،  ئارخولوگىيەلىك تېپىلمىلار، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلار نىڭ ئوخشاشمىغان ماسلىق ۋە  سېلىشتۇرما ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەقدىرنىڭ «سالغا تېشى»غا ئوخشاش چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە تاشلانغان لېكىن ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن توغراققا ئوخشاش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،  پۇتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلىرىدىكى مەدەنىيەت تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، ئۆزىگە خاس ئىندۇۋىدۇئاللىق بىلەن دۇنياۋى خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى تىكلەپ ، كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان مىللىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ روھى كەچمىشلىرىنىڭ يىلتىزىغا يەتمەكچى بولىدۇ.

    پۈتۈن داستان يەتتە تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى بۆلەكتە يۇلغۇندىن ئىبارەت سىموۋۇللۇق ئوبراز بىزنى شائىرنىڭ ئۆزگىچە بولغان بەدىئى دۇنياسىغا باشلاپ ماڭىدۇ. يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى   بولۇپ،  زامان ( تارىخ ) نىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن، ماكان ( چۆللۈك ) نىڭ بوران – چاپقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا تىز پۈككەن. ھاياتلىق زەنجىرىدىكى رەھىمسىز شاللاش ۋە تاللاشلارغىچە شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي دىققىتىدىن چۈشۈپ قالمىغان. يۇلغۇننىڭ ھاياتى كۈچى خۇددى نېل ۋە دونايغا ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ ياشاشتىكى ئىنتىلىش كۈچىگە تەققاسلانغان بولۇپ، نېل، دوناي، پرومىتى، ئۇرۇق قاتارلىقلار  بۇ خىل ھاياتى كۈچكە ماس سېلۇشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولغان دىنوزوۋۇرمۇ زامان – ماكاننىڭ شاللاشلىرى ئالدىدا ئامالسىز. مانا بۇ خىل ماسلىق قانۇيىتىگە ۋە كۈچلۈك سېلۇشتۇرما بولالايدىغان ھاياتلىق كىرىزىسىگە شائىرنىڭ لىرىك تەسەۋۋۇرى خۇددى قىزىل يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانغا ئوخشاش ئۇلىنىپ كېلىدۇ.

    تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا،

      ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.

      شائىرنىڭ تەپەككۈرى تەبىئەت ياكى چۆل ھەققىدىكى بايانلارلا ئەمەس، يۇقىرىقى ئىككى مىسرادا شائىرنىڭ  سىموۋول دۇنياسى ھاياتلىق ۋە ياشاشىنى مەركەز قىلغان پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتكە تۇتىشىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ ئەسىرلىك كۈرەشلىرى جەريانىدا شەكىللەنگەن ھاياتلىق ۋە بەرباتلىقتىن ئىبارەت  پەلسەپىۋى دۇنياقاراشنى  مەركەز قىلغان چوڭقۇر قاتلاملىق تەپەككۈر بولۇپ، شېئىرنىڭ تېمىسىنى دۇنياۋى كەڭلىككە، شېئىرىي مەزمۇنلارنى پەلسەپىۋىي مەنبەلەرگە تۇتاشتۇرۇدۇ.

    ئىككىنچى بۆلەكتە، شائىر  تەپەككۈرىنى  دۇنياۋى كەڭلىكتىن مىللىلىككە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مۇقەددەس دەرەخ، تۇغ – شادا، قۇملۇق، داپ، تاش ئۆڭكۈرلەر، مىڭ ئۆي قاتارلىق شېئىرى ئىماگلار تەسەۋۇرىمىزغا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ مۇھىم مەيدانلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ  مەدەنىيەت ئىقلىمىغا باشلاپ كىرىدۇ.

    مۇقەدەس دەرەخقە چېگىلگەن لاتا،

    ...............................................

      قايتار ئادەملەر تۇغ – شادىغا،

                 ..............................................

    شېئىردىكى مىللى فولكلۇرلۇق مەدەنىيەتنىڭ سىموۋۇللىرى بولغان ئىماگلاردىن قەدىمكى زامان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئانىمىزىم ۋە ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھچىلىقىغا مەنسۇپ بولغان ساددا ماتىرىيالىستىك ھايات ۋە دۇنيا قارىشىنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل دۇنياقاراشلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىلا دۇنياغا كەلگەن تەبىئەت روھلىرى، ئىنسان روھلىرى ۋە كېيىنكى  قەھرىمانلىق روھلىرىغا سېغىنىش ھەم بىلىش تارىخىدىكى ساددا قاراشلىرىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ پەلسەپەۋى تۆت زات قارىشىنى بەرپا قىلىشىغىچە شۇنداقلا ئۇلارنى گۈزەل غايىۋى روھ غايىلىرى بىلەن بېزىشىگىچە بولغان روھىيەت كەچمىشلىرى تەسەۋۋۇرىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ ئاجايىپ كەڭرى شېئىرىي مۇھىتنى ھاسىل قىلىدۇ.

            ..............................................

    روھ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا .

    ..............................................

    ئاقار قۇملۇق لايلانماي پاكىز.

       قاتارلىق شېئىرى جۈملىلەردىكى قۇملۇق ئىماگى شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ھەم تۇپراقنىڭ ھەم سۇنىڭ ئوبرازى بولۇپ، يۇيۇلۇش، ئېقىش پېئىللىرى بىلەن ھەركەتلىنىۋاتقان شېئىرى ئىماگ(قۇملۇق ) بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا شائىرانە تەسەۋۋۇر بەخش ئەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شېئىرى مۇھىت ئوبېكتى بولۇۋاتقان چۆللۈك مۇھىتىغا جان ئاتا قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت زات قارىشىنىڭ شېئىردا تولۇق ئوتتۇرۇغا قويۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ شائىر تەپەككۈرىگە پەيلوسوفلارچە چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ.  

    ئۈچىنچى بۆلەكتە، شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان ماددى ۋە مەنئىۋى بايلىقلىرىنىڭ ھەقلىق ۋارىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، گۈزەل شېئىرى ئوبراز ۋە ئىماگلار سېستىمىسىدا بۇنى پۈتۈن ئالەمگە جاكالايدۇ. مۇقام، قاراقۇرۇم، ئىدىقۇت، خان سارايلىرى، ئىبادەتخانا، ئالتۇن مەبۇد، ئالتۇن چىراق، ئۇرخۇن، تارىم، تەڭرىتېغى، بۆشۈك، مەھمۇت،  يۈسۈپلەر ۋە بۇلاردا ئىپادىلەنگەن روھ يەنىلا مىللى – ئىتنىك – فولكلور شەكىللىك مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن، ئومۇمى ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ شېئىر تېمىسىنىڭ تارايغانلىقى ئەمەس بەلكى داستاننىڭ  مىللىلىككە، شائىر قەلبىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىككە تويۇنغان ھالىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us