ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-25

    « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى -3 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى  قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن  پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات،  شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ...

     سىمۋول «سالغا تېشى » داستانىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش  ئۇسۇللىرنىڭ بىرى. «سالغا تېشى» داستاننىڭ ماۋزۇسى ۋە داستاندىكى سىموۋۇل ئاساسى بولۇپ، ئۇ داستاندا شائىرنىڭ پۈتۈن ئالەم ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ئومۇمى قاراشلاردىن  چۆل ۋە ئىنسان ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە بۇرۇلىشىدىكى سىموۋۇللۇق ئوبراز بولغان.

                         تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا،

                         ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.

           ئۇنىڭدا بار يارىلىش، ئۇدۇم،

    كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان.

    داستاندا «سالغا تېشى» تەڭداش ھالدا چۆل ھەم ئىنساننىڭ سىموۋۇللۇق ئوبرازى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۈرىدىكى بۇ خىل تەسەۋۋۇر تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ گارمونىيىلىك ھالدا ئېچىپ بېرىلىشى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىل مەنبەلىك ھەم شۇنداقلا مىللىلىككە تويۇنغانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. شۇنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويۇش مۈمكىنكى، « سالغا تېشى » داستانى ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىگە ۋە مىللىي روھ مەزمۇنىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكالىدى. داستاندىكى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھ ماكان ۋە زاماننىڭ تەرەققىيات تارىخى جەريانى ۋە  ئۇنىڭ كېسىشمىسى، يۇغۇرۇلمىسى ئارقىلىق «تەكلىماكان» مەدەنىيىتىنىڭ بەدىئى مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىدۇ. داستاندا ئۆتمۈشنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلىرى ۋە«تەكلىماكان» ئادەملىرى ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئۆزارا گىرەلىشىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلسا، بۇ مەدەنىيەت تارىخىغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئىشەنچ، ئۇدۇم، ئېتىقادى شۇنداقلا تاللاش ۋە شاللاشلاشلىرى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى مەردانە، ئوچۇق – يورۇق شۇنداقلا قىزغىن، ئۈمۈتۋار كەيپىياتنى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. داستاندا يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ ھەرگىزمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلمىگەن بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن يۈكسەك ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە قىلىنىپ تويۇنغان خاراكتېر گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

    چۆل بىلەن ئىنسان ئوبرازىنىڭ داستاندا جىپسىلىشىپ كېلىشى، تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى، چۆل بوستانلىقلىرى، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى شۇنداقلا ئۇلارغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە شېئرىي ئوبرازغا  ئايلانغان مۇجەسسىمى. داستاندىكى ئۆتمۈش مەنزىرىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى، ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىلمۇ – خىل شېئىرىي ئوبراز ۋە ئىماگلار ئارقىلىق ناھايىتى گۈزەل شېئىرىي مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ خىل شېئىرىي مۇھىت ئوقۇرمەننى قەيسەر، مەردانە شۇنداقلا ھاياجانلىق روھىي ھالەتتە يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بۇ خىل يۈكسەكلىكنىڭ تەسىرىدە «سالغا تېشى» داستانىنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلەر، ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ۋە ياكى ئاللىقانداق مەدەنىيەت سەمەرىلىرى، ئېتىقات، ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئەمەس بەلكى مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي تىندىنسىيەلىك روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشكە بېغىشلانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق روھىي خاراكتېرى بولۇپ، ئۇ كۈندۈلۈك كۈلتۈر ئادەتلىرىمىز، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق تارىخ ۋە كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ. 

    تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى چۆل ئادەملىرىنىڭ جىسمانى قۇدرىتىنى تاۋلاش بىلەن روھ – ئىدراكىنى پاكىزلىغان، يەرلىك مىللىي مەدەنىيەت بىلەن كىرمە مەدەنىيەتلەرنى يۇغۇرۇپ ئۆزگىچە تەكلىماكان مەدەنىيىتىنى ياراتقان. چۆل بوستانلىقلىرى بۇ يەردىكىلەرگە ئىدراك ۋە ھىسسىيات ئاتا قىلغان، ئۆزلۈك ۋە ئۆملۈكنى، تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۈگەتكەن. تەكلىماكاندىكى دەريالارنىڭ ئانا تۇپراقتىن باشلىنىپ، يەنىلا ئۈن – تىنسىز ئانا تۇپراققا سىڭىپ كېتىشى تەكلىماكانلىقلارغا سەۋرى-تاقەت، جاسارەت، باتۇرلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تونۇتقان. مانا بۇلار «سالغا تېشى»داستانىنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى.

    داستان كىلاسسىك داستانچىلىقىمىزدىن كەسكىن پەرقلەنگەن. شائىرنىڭ ئىستىلى ھەققىدە يەنە شۇلارنى دىيىش مۈمكىن؛ شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ داستاندا ئۇزۇن يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن لىرىكا ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغان. داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، ئېپىكىنى ئەمەس لىرىكىنى ئاساس قىلغان. ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائى ئەخلاق تېمىسى ئەمەس، چاغداش دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئۆزلۈك ھەققىدە، مەدەنىيەت ھەققىدە ئزدىنىش ئاساسى لىنىيە قىلىنغان. شائىرنىڭ پىكرى چاقماقتەك تېز، ئۆزگىرىشچان، ھاياجانلىق بولۇپ، ئېستېتىك جەھەتتىن يۈكسەكلىك ۋە تراگېدىيە بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ شائىرنىڭ شېئىرىي ئىندۇۋىدۇئاللىقى ھەم شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشىغا تولۇق ئىمكانىيەت ياراتقان.    

    قىسقىسى، «سالغا تېشى» مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ئىچكى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغان. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاس بولغان ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت روھى بىلەن مىللەتنىڭ مىللى- ئىتنىك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ كېسىشمىسىدە ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە روھى ھەققىدە ئىزلىنىلگەن. شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئىنسان روھىنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ يېڭى شېئىرىيىتىمىزدىكى نادىر ئۈلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شېئىرى شەكىل، شېئىرى ئوبراز، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي تىل، بەدىئى غايە قاتارلىق جەھەتلەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى بىر بەدىئى دۇنياسىنى بەرپا قىلغان.

    «سالغا تېشى» ئالدىنقى ئەسىردىن يېڭى ئەسىرگە قارىتىپ ئېتىلغان. ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بەدىئى سېپىللىرىدىن قاڭقىپ چىقالىدى. ئىشىنىمىزكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيەسى بارغانچە كۈچىيىدۇ . چۈنكى  « شېئىر  مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ » . ⑤

     ئىزاھاتلار:

     ①بۇ داستان  «تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 1995 – يىللىق 3 –سانىدا ئېلان قىلىنغان . شېئىرىيەت ساھاسىدە مۇنازىرەلەرنىڭ بولۇشىغا سەۋەپ بولغان .

    ②« قەشقەردىكى يەر شارى »،  7- بەت،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 12 –ئاي 1 –نەشرى

    ③ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》، 52 –بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى.   

    ④ئېللىنىزىم  ---  ئىلىن (گرېك ) مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان، گرېكلەشكەن دۆلەتلەر دەۋرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ.( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》 53-بەت)

    ⑤بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »،   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 2002 – يىلى 10 – ئاي 1- نەشرى.  

     

    پايدىلانغان ماتىرىياللار :

     1. بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما (1)  «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004 –يىلى  8 – ئاي 1- نەشرى.

    2.بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما ( 2) «كومزەك كۆتۈرگەن قىز »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004–يىلى  8 – ئاي 1- نەشرى.                         

    3. « قەشقەردىكى يەر شارى » ،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 12 – ئاي 1 – نەشرى.

    4. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى.

    5.بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »،   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى     2002 –يىلى     10 – ئاي 1- نەشرى.

     

                                            2005 – يىلى 26 – ئىيۇن 

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到: