ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • كىم

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    مىسرالارغا كىرىپ چىققان كىم؟

    رەڭلەپ ئۇنى قېزىل قېنىدىن.

    تەنھالىقنى سىزىپ چىققان كىم؟!

    سويۇپ ئېلىپ ئۇنى تىنىدىن.

     

    غىرىپلىقنى باققان بۇردىلاپ،

    زادى كىمۇ بېرىپ تىنىدىن؟؟...

    كۆزلىرىدە قان ياش ئاققۇزۇپ،

    ئاھ ئۇرغان كىم ؟ ۋەجى نېمىدىن؟؟؟...

     

    شەبنەملەرنى كۆز يېشى دېگەن،

    سېزىپ قېلىپ خازان پەسلىنى.

    شائىرمۇ يا روھى ئاداشقان،

    كىم بىلىدۇ ئۇنىڭ ئەسلىنى؟؟!

    分享到: