ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-04

    سوغۇق قىرغاق - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    سوغۇق قىرغاق

     ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    سوغۇق شامال ئۇرمىغىچە مەڭزىمگە،

    تۇرۇپ قالدىم نەم قىرغاقتا مۇڭلۇنۇپ.

    كۆل سۈيىمۇ مۇڭلاندىمۇ بىلمىدىم،

    لىغىلدايدۇ كۆز ئالدىمدا تولغۇنۇپ.

     

    يوق بۇ يەردە ماڭا شېرىن ئەسلىمە،

    كىپ باقمىغان سېنىڭ بىلەن مەن ئەسلا.

    كۆرمىگەنمەن بۇ يەردە گۈل بويۇڭنى،

    ئەمما نېچۈن مۇڭلىنىمەن بۇ ئەسنا.

     

    مۇڭلىنامدىم ياكى بۇندا سېنىڭسىز،

    كەلمەسلىكىڭ ۋە يا ئايان بولغاچقا؟!...

    راسىت، كەلمەيسەن، چوقۇم قارشى قىرغاقتىن،

    نىسىپ بولماس سېنىڭ بىلەن ياشاشقا.

     

    شۇڭا سوغۇق تۇيۇلماقتا بۇ قىرغاق،

    ياق، ھاياتمۇ سوغۇق شۇنچە شۇ قەدەر.

    جۈپسىزلىكنى سېزىپ قالسا قۇياشمۇ،

    چىقماسمىكىن يەنە بۇندا تاڭ سەھەر.

     

    سوغۇق شۇنداق تەنھالىقنىڭ قىرغىقى،

    ئۈمىدسىزلىك باسسا سېنى ئاھ! يەنە.

    ئۆلۈم ھىدى پۇراپ كېتەر بۇرنۇڭغا،

    بولغىنىدا ئىرىشكىنىڭ ھېچنېمە.

     

    ھاياتلىقنىڭ كوچىسىدا بۇ قىرغاق،

    قۇمۇشلىقنىڭ ئاۋازىدەك بىنەۋا.

    مەغلۇپ بولغان بېلىقچىدەك سالپىيىپ،

    كۆل بويىدىن تەنھا قايىتتىم مەن يەنە.

    分享到: