2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2014يانۋار14

تاغلاش، تاغداش، تاغقاش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تاغلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەرزىمىنىنىڭ 58 ٪ نى ئىگەللەيدۇ. بۇ تاغلار، شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن جۇغراپىيە دەرىسلىرىدە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە رايونىمىزدىكى تاغلار بىلەن تۇنۇشقاندا، «ئالتاي تاغ سىستېمىسى»، «ئالتاي تاغ تىزمىسى» دىگەندەك ئىسىملارنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن. «ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، قۇرۇم تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ئالتۇن تېغى، پامىر ئىگىزلىكى» دىگەندەك ناملار بىلەن تۇنۇشقان. مەن شىنجاڭدىكى تاغلارنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن، بىز قوللۇنىۋاتقان بۇ ئاتالغۇلار ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ناھايىتى ئاددى ھەم يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تاغلارنىڭ چوڭ-كىچىك دەرىجە ئايرىمىسى، ئۇلارنىڭ تەبىرى ۋە ناملىرى توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلدىم.