2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2013دېكابىر9

شىنجاڭدا قانداق ئوتلاق تۈركۈملىرى بار؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزدىكى چوڭ چارۋاچىلىق رايونى بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ، شىنجاڭدا مول ھەم سۈپەتلىك بولغان ئوتلاق بايلىقى بار. شىنجاڭنىڭ ئوتلاق بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا تۈنجى قىتىم، قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ، تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۇزۇن، تەكشۈرۈش دائىرەسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان، ئوتلاق بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجەلىرى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرى، 1993-يىلى «شىنجاڭنىڭ ئوتلاق بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» ناملىق كىتاپ شەكلىدە خەنزۇ تىلىدا رەسمىي نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇنىڭغا بۇ يىل 20 يىل بولدى. لېكىن تاھازىرغىچە، بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى مەن كۆرمەدىم. خەلقىمىزگە شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈملىرى ھەققىدە مەلۇم مەلۇماتلارنى بېرىشنى ئۆزەمنىڭ بىر مەجبورىيەتى دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈملىرى، پەسىللىك ئوتلاقلار ۋە ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلگىنىمچە ئاددى بايان قىلدىم.