2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2013دېكابىر4

شىنجاڭدا قانداق يەر تىپلىرى بار؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز بويىچە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون. ئۇنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 166 مىليون 256 مىڭ 300 گېكتار بولۇپ، مەيلى يەر شەكلى ياكى يەر تىپلىرى جەھەتتە بولمىسۇن تۇرلىرى ناھايىتى مول. شىنجاڭدا قانداق يەر تىپلىرى بار؟ ئۇلارنىڭ كۆلەملىرى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ؟ بۇلار، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىز بىلىشكە تىگىشلىك مەلۇماتلاردىن ياكى ئېقتىسادى مەسىلىلەردىن ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىلىدىن بۇرۇنقى مەلۇمات مەنبەلىرىگە ۋە ئۆزەمنىڭ شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا بىلگەن يەر تىپلىرىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يەرلەرنىڭ تىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۆلىمى، ئىگەللىگەن نىسبەتلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.