شىنجاڭغا تارقالغان رۇخسائىلە زاتلىرى
رۇخسائىلە، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ مەنىسى، رۇخسا گىيالىرىدىن تۈزۈلگەن ئائىلە دىگەننى بىلدۈرىدۇ. رۇخسائىلە، خەنزۇچە 蔷薇科، لاتىنچە rosaceae دەپ ئاتىلىدۇ. رۇخسائىلە دىگەن نامنى ئا. ر. جىمسارى دىگەن كىشى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. رۇخسائىلە دىگەن نامنى ئىپادىلەشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئازغان ئائىلىسى»، «ئەتىرگۈل ئائىلىسى» دىگەندەك ناملار قوللۇنىلغان. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ياشاۋاتقان رۇخسائىلەنىڭ 30 رۇقى ۋە ئۇنىڭ 145 زاتى كۆرسۈتۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئا.ر.جىمسارىنىڭ گىياھلارغا ئىسىم قويۇش قائىدىسى بويىچە، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى رەتكە تىزىلدى.