مەكتەپداش ئىنىم ئۆمەرجان مەمتىمىن(ئاتەش)نىڭ ئىجادىي ناخشىسى – گۈزەلىم
-
سەھىپە:تېخنىكىلىق بىلىملەر
باھا:17 دانە
06-10-2012
مەكتىپىمىز شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا ھەر ساھەدە يېتىشكەن، ھەر كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن ياشلار يىغىلغان. بەزىلىرى مەكتەپنىڭ سەھنىلىرىدە ئوت چىقارسا، بەزىلىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى مونوپۇل قىلىدۇ. بەزىلىرى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا تۆھپە قوشۇش ئارمىنىدا يۈرسە، بەزىلىرى يۇرتىمىز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشنى تەشنا قىلىدۇ. بۈگۈن كەپەمدە ناخشا توۋلاپ بەرمەكچى بولغان بۇ ئىنىمىز بولسا، كېيىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئورنىغا چىقىپ قالسام سىزگە ئىمزا قويۇپ بىرىمەن دەپ سۆزلەپ يۈرۈيدۇ، مەيلى دېدىم، كەپەمدە تۈركلەرنىڭ ناخشىسىنى يوللاپ يۈرۈپتىمەن، ئەمدى بولسىمۇ ئىنى ئورنىدىكى بۇ مەكتەپدىشىمنىڭ ئىجادىنى ناخشىسىنى يوللاپ قويسام ھېچنېمە بولماس دېدىم. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا مەكتەپداش ئىنىم ئۆمەرجان مەمتىمىن(ئاتەش)نىڭ ئىجادىي ناخشىسى – گۈزەلىم، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…
گۈزەلىم
ئۆمەرجان مەمتىمىن(ئاتەش)
ئويلىماسمەن ئازار بېرىشنى كۆڭلۈڭگە،
شەبنەم يوقتۇر سىنىڭ شەھلا كۆزۈڭگە،
ھەمرا بولسۇن زىناقلار گۈلدەك يۈزۈڭگە،
ئەزىزەمدۇرسەن گۈزەلىم.
ئىشەن گۈزەل ساڭا ئېيتقان سۆزۈمگە،
چىن ئەقىدەم،ساڭا بولغان سۆيگۈمگە،
نەزەر سالغىن ساڭا سۇنغان گۈلۈمگە،
ئەزىزەمدۇرسەن گۈزەلىم.
گۈزەلىم،گۈزەلىم،گۈزەلىم،
سەن مىنىڭ ئەزىزەم، ئەزىزەم،
ئىنتىزارمەن يوللىرىڭغا،
ئاشىق بىقارار بويۇڭغا.
RAP (ئالىمجان بەكرى)
ئالدانما گۈزەل قىزچاق،داۋام ماڭ يولۇڭغا تىزراق.
تىلى شېكەر دىلى زەھەر نامەردلەردىن تۇرغىن يىراق.
سۆيگۈمگە ئىشەن دەيدۇ،كۆڭلىدە يوق سەن بىراق.
قىلمىشىدۇر قىممەتسىز سېلىشى پەقەت پىراق.
ئۇ گۇينىڭ سۆيگۈنى بىلەك،سۆيگۈگە تولغان ئىللەت.
ۋەدىسى قۇرۇق خىيال، كاچىتىغا بىر مۇش كېرەك.
يار تۇتساڭ مەندىن تۇتقىن، سۆزلىرىم قاۋۇل تىرەك.
قاۋۇل تىرەك بېرىدۇ، ئىشەن سەن سۆيگۈدىن دىرەك.
چاغلايمەن ئۆزۈم ئەركەك،سۆزلىرىمدە يوقتۇر پىچەك.
سەن ئۈچۈن يارىتىمەن، چۈشلۈرۈڭدىكى كېلەچەك.
كەل پەرى،كەل گۈزەل،مەن ئۇنىڭدىن بەك ئەۋزەل.
ھەشەمەتلىك داچا،ماشىنا قىلۇرمەن توققۇزىڭ تەل.
كىشى دەيدۇ مىنى ساڭا كۆڭلى يوق،
سۆزى ساختا سىنىڭ بىلەن كارى يوق.
بۇ بىر ھەسەت،بۇ بىر ئويۇن،
ساڭا بولغان سۆيگۈمدە شەك يوق.
ئىشەنمەسمەن بىراۋلارنىڭ سۆزىگە،
ئايرىماققا پۈككەن بىزنى كۆڭلىگە.
سەن ئەزىزەم، سەن مەھبۇبەم،
ئەزىزەمدۇرسەن گۈزەلىم.
گۈزەلىم،گۈزەلىم،گۈزەلىم،
سەن مىنىڭ ئەزىزەم، ئەزىزەم،
ئىنتىزارمەن يوللىرىڭغا،
ئاشىق بىقارار بويۇڭغا.