Post Thumbnail of سوقۇلغىن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 21-ئىيۇن | زىيارەت:1,867

تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى تۈركىيەدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشا چولپىنى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ئالقىشلانغان ئون ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇربەگ بلوگىدا مۇستافا جەجەللىنىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىسىدىن «ئۆكسۈك»نى تەرجىمە قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغانىدى، بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئىجادىيىتى «سوقۇلغىن»نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.cn

Post Thumbnail of نەدىسەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 16-ئىيۇن | زىيارەت:4,104

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ھەممىمىز ماھىر زەيىننىڭ ئىنگىلىزچە ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلگەنىدۇق، بۇ ئاينىڭ بېشىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مىراج كېچىسى كېچىلىكىگە ماھىر زەيىن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ تۈركچە ناخشا ئوقۇپتۇ، قېنى ئەمسە بۇ گۈزەل كۈيدىن بىرلىكتە بەھرىمان بولايلى.

تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك

Post Thumbnail of تەقدىر (5-قىسىم)
فەيياز فىلىملىرى 2013 15-ئىيۇن | زىيارەت:1,583

ئىنسان زامان ۋە ماكان ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ھادىسە ۋە ھەقىقەتلەرنى زامان ئۆلچىمىگە قارىتا چۈشىنىدۇ ۋە ئۆلچەيدۇ، ھەمدە ئەزەلنى زاماننىڭ باشلانغۇچى دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ، دېمەك تەقدىر مەسلىسىنى چۈشىنەلمەسلىك مانا مۇشۈنداق خاتا بىر قىياسنىڭ نەتىجىسىدۇر، ئۇنداقتا زامان ۋە ئەزەلىيلىك دېگەن نېمە؟ دىققىتىڭلار داۋاملىق فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرجىمىسىدىكى «تەقدىر» نىڭ 5-قىسمىدا بولسۇن

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of ئىز قوغلاش
فىلىملەر،كىنو 2013 11-ئىيۇن | زىيارەت:4,877

ھىندىستان داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىرخاننىڭ مەزكۈر فىلىمى 2012-يىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنولارنىڭ بىرى بولۇپ فىلىم داڭلىق كىنو چولپىنى ئارمان كاپور ئولتۇرغان ئېسىل ماشىنىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشى بىلەن باشلىنىدۇ، ساقچى باشلىقى يىپ ئۇچى بولمىغان بۇ دىلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندە ئۆزى ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا يۇلۇقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ دىلو ئاخىرى پاش قىلىنالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 7-ئىيۇن | زىيارەت:2,712

بلوگىمىزدا تۈركىيەلىك داڭلىق شائىر، دىكتور بەدىرخان گۆكچەنىڭ «دادا ،ئانامغا ياخشى قارا»، «ئېسىڭدىمۇ»، «سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا» قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئىلان قىلغانىدۇق. تۆۋەندە مەۋلۇت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «بۇلاق تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى داڭلىق شائىر بەدىرخان ۋە مۇخبىر شۇنداقلا بۇ يىللىق مەۋلۇتنىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنىڭ سىنارىستى ئەھمەت تاش گەتىرەن ئەپەندى بۇ ھەقتە نېمە دەيدىكىن …

تەرجىمە قىلغۇچى : جانپولات (ئوكيان تورىدىن)، نالەن

Post Thumbnail of سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 3-ئىيۇن | زىيارەت:1,827

تۈركىيىلىك ياش ناخشىچىسى Bora Duran (بورا دۇرئان) نىڭ روك ئۇسلۇبىدا ئېيتىلغان «سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ملودىيىسى ۋە يۈرەكنى تىترەتكۈچى كۈيلىرى بىلەن تۈركىيىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا سەنئەت ساھەسىدە كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بىزمۇ بۇ ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر…

تەرجىمە قىلغۇچى: NAWA 0998

Post Thumbnail of پىنگۋىنچاق پورورو
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2013 1-ئىيۇن | زىيارەت:1,476

خوش، بۈگۈن ئۇماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بىر كۈن باغچىلاردا يۈرۈپ ھاردۇقمۇ؟ ئەمدى بۈگۈن كەچمۇ يەنە شۇ ئۇماق پەرزەنتلەرگە تەۋە بولسۇن، ئۇنداقتا ھېكايىمىزنى باشلايلى، ناھايىتى ئۇزاق بىر قارلىق دالىدا پورورو ئىسىملىك ئۇماق پىنگىۋىنچاق بىلەن ئۇنىڭ بىر قانچە يېقىن دوستلىرى ياشايدىكەن، ئۇلار شۇنداق ئىناق ئىجىل ياشايدىكەن، بىر كۈنى…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 28-ماي | زىيارەت:3,961

ئىنساننىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە غورۇرى بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ، جانابىي ھەق سۇبھانەۋەتەئالا ھەر بىر ئىنساننى ئىززەت-ئابرويلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ياراتقان، شەرەپلەندۈرگەن نەرسىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئۇنى دەپسەندە قىلىش قۇلغا قانداقمۇ ياراشسۇن؟ ئاللاھۇتەئەلا ئۆزىنىڭ مۇبارەك سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ سۈرە ئىسرا 70-ئايىتىدە « شەك -شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دېگەن، قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز 2013-يىللىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى» دە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك، ئايتۈرك

Post Thumbnail of ئىز قوغلاش (ناخشىسى)
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 25-ماي | زىيارەت:2,636

ئىز قوغلاش ناملىق بۇ فىلىم ئامىرخاننىڭ 2012-يىلدىكى ئەڭ ياخشى بىلەت كىرىمى ياراتقان فىلىمى بولۇپ مەزكۈر فىلىم ئامىرخان بىلەن كەرىنا كاپۇرنىڭ «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق بىرگە ھەمكارلىشىپ ئىشلەنگەن فىلىمىدۇر، فىلىمدە داڭلىق چولپانلار رول ئالغان بولۇپلا قالماستىن بېلەت كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان، ھەمدە مەزكۇر فىلىم بوللوۋود ئوسكار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان، فىلىم قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بېلەت كىرىمى ئەڭ ياخشى بولغان ئون كىنونىڭ بىرى بولغان، ئۇنداقتا فىلىم ئېلان قىلىنغىچە فىلىمنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ تۇرايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of چاناق قەلئە ئۈچۈن چال
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 23-ماي | زىيارەت:2,755

بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار بىرلىشىپ ئېيتقان تەبىئەت ئۈچۈن چال يۈرۈشلۈك ناخشىلىرىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن تەڭ پۈتتۈرۈپ تۈگەتكەنىدۇق، بۇ يۈرۈشلۈك ناخشىلار ئىچىدىكى «كۈندۈز كېچە» ناملىق ناخشا ھەممىدىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى، بۇ قېتىم بۇ ئەترەتتىكىلەر تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشى زامانىسىدا غەلىبە نۇسرىتىنى چالغان ھالقىلىق جاي چاناققەلئە ئۈچۈنمۇ بىر ئەسەر ئىجاد قىلىپتۇ، قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار ئۇلارنىڭ بۇ ئىجادىيىتىدە بولسۇن….

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ(www.uyghurbeg.cn) ، مەلەك

Post Thumbnail of قېرىنداشلىق
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 20-ماي | زىيارەت:2,866

قېرىنداشلىق-پەيغەمبىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراستۇر، قېرىنداشلىق-ھەربىر كىشىنىڭ بىر-بىرىنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىشىدۇر، قېرىنداشلىق-ھەركىشىنىڭ بىر-بىرىگە جەننەتنى تەۋسىيە قىلىشىدۇر ، ئىنسانلار ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ بەكرەك يېقىنلىق يوقتۇر، دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەردوغان ئەپەندىنىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، ئۇ بۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «قېرىنداشلىق» دەپ ئۆتكەنىدى، ئۇنداقتا بۈگۈن سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى نەق مۇشۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «قېرىنداشلىق»

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of بارىش مانچودىن 2 ناخشا
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 15-ماي | زىيارەت:2,716

تۈركىيەنىڭ مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى بارىش مانچونىڭ ناخشىلىرىنى خېلى كۆپچىلىك ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن، بلوگىمىزدىمۇ ئۇنىڭ بىر ناخشىسىنى تىڭشاپ ئۆتكەنىدۇق، بۈگۈن ئالدىمغا ئۇنىڭ «ئۇنۇتمىغىن دۇنيا فانىي، بەرگەن ئاللاھ ئالار جاننى» دېگەن ناخشا تېكىستى ئۇچراپ قالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەرھۇم ئېسىمگە كېلىپ قالدى، گەرچە كونا كۈيلەر بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىككى ناخشىسىنى سىلەر بىلەن قايتا ئاڭلىغۇم كەلدى. (مەزكۇر تەرجىمىنى شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا كىرمەستە كىرىشتۈرۈپ قويغان، تېخنىكىلىق ۋە سۈپەت كەمچىللىكلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر)

تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك

Post Thumbnail of تەقدىر (4-قىسىم)
فەيياز فىلىملىرى 2013 12-ماي | زىيارەت:1,642

تەقدىرگە ئىمان ئىماننىڭ بىر شەرتىمۇ؟ يەنى بىر كىشى تەقدىرگە ئىمان ئېيتمىسا ۋە تەقدىرنى تەرك ئەتسە ئۇ ئىماندىن ئاجرىغان بولامدۇ؟ بەلكىم تەقدىر نامىدىكى ھۈججەتلىك فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان دوستلار ئاستىدىكى سىن ئارقىلىق بۇنىڭ جاۋابىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، ئۇنداقتا دىققىتىڭلار داۋاملىق فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرجىمىسىدىكى «تەقدىر» نىڭ 4-قىسمىدا بولسۇن

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

Post Thumbnail of قېنى سۆزلە
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 8-ماي | زىيارەت:2,062

تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يېقىندا ھەتتا كومپيۇتېرنى ئېچىشقىمۇ ۋاقىت چىقمايدىغان بولۇپ قالدى دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كۆچكەندىن بېرى بۇ يېڭى ئۆيدىكى تور سۈرئىتىنىڭ قۇلۇلىدىنمۇ ئاستىلىقى مېنى تور دۇنياسىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرغىلى تۇردى، نەچچە كۈندىن بېرى تور بەتنى داۋاملىق ماڭدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئەمدى ئارام ئېلىش كېرەكمۇ دېگەن خىياللارمۇ كاللامدا پېرقىراپلا يۈرمەكتە، خوش، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي، ئاران بىر تورغا چىققاندا قۇرۇق كەلمەي تۆۋەندىكى ناخشىنى بولسىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاچ تۇراي

تەرجىمە قىلغۇچى : نالەن

Post Thumbnail of مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستىتى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 1-ماي | زىيارەت:3,995

ئۆتكەندە ئىساپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەڭ گۈزەل ئەلھەمبىرا ئوردىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنىدۇق ھەم بۇ ئوردا توغۇرلۇق ئاز-تولا بىلىملەرگە ئىگە بولغانىدۇق، بۇ قېتىم دىققىتىڭلاردا بولىدىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان دىن تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خەلىقئارالىق ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرىستىتىدۇر

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇئەتتەر

 سىز 3-بەتتە، جەمئىي 21 بەت « 1  2  3  4  5 » ...  ئاخىرى » 
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.