ئەزھەر ئىسلام ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان ھىندىنوزىيىلىك بىر يىگىت ئوخشىمىغان تۆت خىل تىپتىكى قىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى مۇھەببەت ئىزھارىغا ئۇچرايدۇ، يىگىت ئىسلام شەرىئىتى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئۇنداقتا قالغان قىزلار قانداق قىلىدۇ، ياكى بۇ يىگىت ئسىلام شەرىئىتى بىلەن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ، قىزلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىسالىغا يەتكۈزەمدۇ؟ بۇ تەپسىلاتلارغا قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تەسىرلىك فىلىم مۇھەببەت ھېكايىسىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى!
بۇ فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئوقۇسام شۇنداق ياخشىدەك، بىز ئۇيغۇر ياشلىرى چوقۇم كۆرمىسەك بولمايدىغان فىلىمدەك قىلىدۇ.شۇڭا مېنىڭ تەكلىپىم ۋە تەلىپىم، بۇ فىلىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنسە، ياكى ئىچكى قىسىمدا ئىشەنچىلىك، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتمايدىغان،سىلەرنىڭ فىلىمنى تارقىتىش قائىدەڭلەرگە بوي سۇنىدىغان، سىلەرنى قوللايدىغان،ئەمگىكىڭلاغا ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلىرىمىزگە ئىچكى قىسىمدا ئەۋەتىپ بىرىلسە. سىلەر بۇرۇن نەچچە فىلىمنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىڭلار(ئۈچ ئەخمەق دېگەندەك).مېنىڭچە بۇنىڭدەك ئەھمىيەتلىك فىلىمنى تەمىنلىسەڭلارمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ دەپ قارايمەن.جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت!
سىلەرنى تەڭقىسلىكتە قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر!
يائاللا…ياخشى فىلىم كەن…..قۇلۇڭلار غا دەتكەلمىسۇن………..
بۇ فىلىم بەك تەسىرلىك ئىكەن،يىغلاپ ساپتىمەن تەرجىمە قىلغان دوسلارغا،كۆپ تەشەككۈر!
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن .بۇرۇن كىنو كورسەم ھەرقانچە بەك تەسىرلىك بولۇپكەت سىمۇ كۆزۇمدىن ياش چىقمايتىتى
ياخشى فىلىم كەن.
بۇ فىلىمدا مۇھەببەت بەك ئاساس بوپ كەتتىمۇ قانداق؟مېنىڭچە سەل………
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
مەن بۇ فىلىمنى كۆرگىلى بىرە ئايدەك بولغان ئەرەپچە خەتلىكىنى، بۇ فىلىمنى كۆرۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ بەكرەك ئاشۇ ئىسلامى مۇھىت مىنى تىخىمۇ قىزىقتۇرغان ئىدى.
ئەمدى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ فىلىممۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىنىپتۇ.ئاللاھقا شۇكرى. ئاللاھ ياخشى نىيەتتە قىلغان ئىشلىرىڭلارغا كۆپلەپ ئەجىر بەرگەي (ئامىن)
تەلىپىم مۇشۇ كىنونىڭ ئاپتۇرىنىڭ يەنە مەن بايقىغان ئىككى كىنوسى باركەن ئەگەر قىرىنداشلىرىمىز مالال كۆرمىسەڭلار ئۇ كىنولارنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار. بىزنىڭ قولىمىزدىن ئەمگىكىڭلارغا لايىق سىلەرگە ھىچ ياخشىلىق يىتىپ بولالمىدى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى سىلەرگە ۋە بىزلەرگە ھەقىقى ئىمان ئاتا قىلغاي ۋە شۇ ئارقىلىق قىيامەتتە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىغاي (ئامىن).
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام … ماڭا ئاشۇ ئەرەپچە خەتلىكىنى ئەۋەتىپ بېرەلەرسىلەرمۇ ؟
چ چ 512988860
مۇھەببەت ھىكايىسى دىگەن كىنونىڭ ئەرەبچە خەتلىكىنىڭ ئادرىسى مانا قىرىندىشىم.
بۇنىڭدا تىخىمۇ چۈشۈنۈشلۇك ئىكەن ئەرەبچە بىلسىڭىزلام.
http://watch.dardarkom.com/agnabi/5192-ayat-ayat-cinta-server-7.html
http://watch.dardarkom.com/agnabi/5193-ayat-ayat-cinta-server-8.html
بۇ ئىككىلا ئادرىستىن چىقىدۇ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم . بولسا شۇنداق نادىر كىنولاردىن بىزنىمۇ بەھىرمان قىلسىڭىز كۆپ خۇرسەن بولاتتىم . بۇ كىنو راست بەك ياخشىكەن .
ئۇ كىنولارنىڭ ئىسمىنى يوللاپ قوياي توردىن ئىزدىشىڭلارغا قۇلايلىق بوپ قالار.
ketika cinta bertasbih Dalam Mihrab Cinta
ketika cinta bertasbih—————–Dalam Mihrab Cinta
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تور مەنبەسىنى تەمىنلىگەن بولسىڭىز ، رەھمەت !
مەن چۈشۈرۈپ باقمىدىم، سىلەرگە ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن(ئامىن)
ketika cinta bertasbih بۇ فىلىم 1 ۋە 2 سى چىقىپ بوپتۇ.
ketika cinta bertasbih
http://www.megaupload.com/?d=1j01hiik
Dalam Mihrab Cinta
http://www.filesonic.com/file/904952594/dalam.mihrab.cinta.2010
.jiwang.org.avi
ketika cinta bertasbih بۇ فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن. خىلى بولىدىكەن.
مەن بۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسدا ئەمەس ، سىزنىڭ خېتىڭىزنى كۆرۈپ، بۇ ئاپتورنىڭ باشقا كىنولىرىنى كۆرۈپ باقاي دىدىم ~ رەھمەت !
بۇ كىنو نىڭ قايسى تىلدا ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم بەزى يەرلىرى ئەرەبچە بەزى يەرلىرى ئېنگىلىزچە كۆپىنچە يەرلىرى باشقا بىر تىلدەك تۇرىدۇ قايسى تىل ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم
تەشەككۇر! قۇلۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن خۇدايىم!!! تېخىمۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ كۆرسە دىگەن ئۈمىدتىمەن …
سالام ،شاھ ئۇيغۇر تورىدىكى جاپاكەش ئۇستازلاغا.
سالام..
مەن سىلەدىن سورىمايلا توۋەندىكى فىىلمنى مۇنبەرلەرگە يوللىغان ئىدىم .
سىزلەدىن باشتا سورىمايلا مۇنبەرلەرگە چىقارغىنىمنى كەچۇرگەيسىلە،
http://www.sawrim.com/bbs/read.php?tid=70
تور سۈرئىتىم ياخشىراق بولغان بولسا كۆرەلەركەنمەن
سىلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىلغان ئەمگىكىڭلارغا كۆپ دۇئالار ھەمرا بولسۇن ! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~
ناھايىتى تەسىرلىك فىلىمكەن،،ھازىرقى ياش بالىلار چۇقۇم كۆرۈشكەن تىگىشلىككەن،،تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزۈمگە ياش كەلدى،،نېمىدىگەن تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئۇ،،،،خۇدايىم قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن،،،تېخىمۇ ياخشى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقىلى نېسىپ قىلسۇن،،،،
راسىت گەپنى قىلسام بۇ فىلىمنى كۆرگۈچە قانچە يەردە يىغلاپ تاشلىدىم بۇنى بىر ئۆزۈملا بىلىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن سىزنى كۆرشەلمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىر يىقىنىم غا ئوخشىتىۋاتىمەن چچ رىڭىز بولسا قوشىۋېلىڭە 178710970
نېمە دىگەن تەسىرلىك ئىشلەنگەن ئېسىل فىلىم بۇ . بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە يەتكۈزگەن ئەركان خوتەنىگە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ نامى بىلەن ئىيتىمەنكى ، سىزگە كۆپ رەھمەت ئەزىز قىرىندىشىم . بۇ فىلىمنى كۆرگەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ مۇشۇ روھ بىلەن ياشىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . شۇ تاپتا بۇ فىلىمدىكى ئاۋۇ فاخرۇغا مەنمۇ ئاشىق بولۇپ قىلىۋاتقاندەك ھېسىياتتا مەن . مۇشۇنداق ئېسىل فىلىملەرنى بىزدىن ئايمىغايسلەر ئەزىز قىرىنداشلرىم !
گەرچە مىنىڭ ۋاقتىم يوق بولسىمۇ نەچچە سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ فىلىمنى ئاخىرى كۈرۈپ تۈگەتتىم ،مەن بۇ فىلىمنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىكى ئويغانمىغان دوسلىرىمنىڭ دىلىنى يۇرۇرۇتۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىندىشىم ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن. قەلبىڭىزنى دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن. ئاللاغا ئامانەت
بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغۇچى ئەركانى قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! «ساغلاملىق چوڭ بايلىق» دەپ، ئۆزىڭىزنى ئاسراشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. بەك چارچاپ كەتمەڭ!
ھەممىدىن بەك فاخرىنىڭ تارتقان ئەرىزيەتلىرى ،ھەمدە شۇلارنى يەڭگەن روھى كۈچ ، ئاندىن قالسا فاخرىنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ كەڭ قورساق مىجەزى ، مارىيەنىڭمۇ شۇنداق ئاقكۆڭۈل مىجەزى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى . ھەممىدىن بەك ئۇ قىزنىڭ مىتورودا سۈرىنى يادقا ئىلىپ بىرەلىگەنلىكى ، شۇنىڭدەك جان ئۈزۈش ئالىدىدا ئۇنىڭ ياراتقان ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائاللاھقا بىر قىتىم بولسىمۇ چىن قەلبىدىن باش ئۇرغانلىقنى شۇنچىلىك تەسىرلىك چىقپتۇكى، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم .
ئاللاھ سىزگىمۇ ۋە بىزگىمۇ رەببىمىز ئۆزى قۇبۇل قىلغۇدەك ئىيمان ئاتا قىلغاي(ئامىين)
ماڭا سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز … ئاۋۋال رەھمىتىمنى بىلدۈرۋالاي …
http://watch.dardarkom.com/agnabi/5193-ayat-ayat-cinta-server-8.html
لىكىن يىزىقى ئەرەبچە
تورداشلارغا خۇشخەۋەر! مەزكۇر فىلىم 115 تور بوشلۇقىغا يوللاندى! يېقىندا چۈشۈرۈش تەمىنلىنىدۇ! ۋاقتىدا چۈشۈرۋالغايسىلەر!
ۋاسكىتبول گۈزىلى خانقىز قارىغاندا مەزكۇر فىلىمدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان چېغى، بەك ھاياجانلىنىپتۇ! مەنمۇ شۇنداق بولغان! سىزنىڭ باھايىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
بۇ فىلىم ھەر بىر مۇسۇلماننى ھاياجانغا سالغۇسى!
تەسىر قىلماي بولامدۇ دەيسز ئەركان . شۇ تاپتا ئۆيدە قىلىدىغان ئىش يوق بىكار بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا ئۇلانما تورىغا كىرسەم سىلەرنىڭ بۇ بىلوگنىڭ ئادىرسىدا بۇ يىڭى فىلىم تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قىلىۋاتقان ھەممە ئىشمنى قويۇپ يىرىمنى كۆرۈپ بولدۇم . ئاندىن كەچلىك تاماقنى ئىتىپ بىكار بولۇپ داۋامىنى كۆرۈپ چىقىپتىمەن . كۆرگۈچە قانچلىك ھاياجانلاندىم ، كۆز ئالدىمغا نىمىلەر كەلدى بۇلارنى بىر ياراتقان ئىگەم ھەم ئۆزۈملا بىلىمەن . كۆرۈپ بولۇپ شۇنداق ئېسىل تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالدىكى ، خۇددى تىنىم پاكىزە يۇيۇپ يىنىكلەپ قالغاندەك ، روھىم شۇنداق كۆتۈرلۈپ كەتتى .ئىش قىلىپ ياشلارنىڭ روھىيتىگە مەنىۋىيەتنىڭ ئۇرقىنى سالالىغۇدەك ئېسىل تېما ئىكەن . مەن سىلەرنىڭ بىلوگىدىكى ھەر قانداق بىر تەرجىمە فىلىملەرنى كۆرمەي قالمىدىم . راىستىمنى ئىيتسام سىلەرنىڭ بۇ بىلوگنى تىپىۋالغىنىمدىن شۇنداق خۇش . بۇ بىلوگدا تۇنجى كۆرگەن تېمام شۇ بولدىكى ھىلىقى شارۇلخان رول ئالغان مېنىڭ ئىسىم خان دىگەن فىلىم بولدى . ئاندىن كىيىن يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت دىگەن فىلىم ئىدى . مەن سىلەرنىڭ بىلوگقا يوللانغان ھەر قانداق فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئەڭ يىقىن دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم .
سىزنىڭ تور بېتىمىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ كۆرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق، ئېسىل تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسىمۇ تارتىنماي قالدۇرىۋېرىڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشمۇ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياردەمدۇر، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن بەقسۇس تۇركىيە كۆپ قىسىملىق كىنولارنىڭ ئادىرسىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم . بىلىدىغانلا ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا. چ چ 183265755
چۈشۈرۈش ئادرىسىنى كۈتىمىز… تىخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا يۇزارسىف نى كۆرۈپ تۈگىتىۋىدىم بۈگۈن بۇ فىلىم تىخىمۇ بەك تەسىر قىلدى
كۆرۈپ بولدۇم. بۇ يەرگە ئاق بۈركۈت تورىدىكى ئاغىينىلەرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ قويدۇم.
http://www.akburkut.com/eza/forum.php
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! قېرىنداشلار ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! نومۇسسىز ئوغرىلار سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارنى بىر تىيىن قىلىپ باشقا تورلاردا ئېلان قىلغىلى تۇرۇپتۇ . مىسرانىم تورىدا بىر ئوغرى ئېلان قىلىۋېتىپتۇ .دىققەت قىلغايسىلەر
سىزبۇيەدە غەيۋەت قىپتۇرماي110غا تىلفۇن قىلىڭ!!!دەرھال ئوغۇرلانى تۇتۇپ ئېتۋەتسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركان بۇرادەر،سىزنىڭ تەۋسىيەرىڭىز بىلەن بۇ كىنونى كېچىلەپ كۆرۈپ چىقىپتىمەن،بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياشى ئىشلەنگەنكەن،تەرجىمىسىنىمۇ بەك ياخشى ئىشلەپسىلەر،فىلىمدىكى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىككى كۆرۈنۈش بار،
بىرسى:فاخرى سوتتا ئاقلانغان ۋاقىتتا خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي بەلكى ئۆز ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنى ئەسكە ئېلىپ ئۇدۇل سەجدىگە بارىدۇ.
يەنە بىرى مارىيەنىڭ جان ئۈزۈشن ئالدىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان ھالدا يۈزلىنەلىگەنلىكى بولدى،مۇشۇ كۆرۈنۈشنى كۆرىۋېتى قايسى بىر يىلى بىر يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن خەنزۇ مۇسۇلماننىڭ پەيغەمبەر مەسجىدىدە ئاللاھقا سەجدە قىلغان ھالدا جان ئۈزگەنلىك ۋەقەلىكى ئېسىمگە كېلىپ قالدى(بۇ بەكمۇ تەسىرلىك ۋەقەلىك ئىدى،ئاللاھ خالىسا ئۇنى ات ئارىدا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قۇياي)
فىلىم تەرجىمىسىكى ئىككى ئورۇندا ئىپادىلەش جەھەتتىكى خاتالىقمۇ ياكى مەن شۇنداق ھىس قىلدىممۇ بىلمىدىم،ئالدى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام
1.فاخرى بىلەن ماشىنىدا ئورۇشۇپ كەتكەن كىشىنىڭ ۋەقەلىكى(4:03مىنۇت)،بۇ ۋاقىتتا فاخرى:«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن،كىمكى چەتئەللىكلەرنى رەنجىتسە مېنى رەنجىتكەن بولىدۇ،كىمكى مېنى رەنجىتسە ئاللاھنى رەنجىتكەن بولىدۇ…»دېگەن يېرى،بۇ يەردىكى چەتئەللىك دېگەن سۆز تازا جايىدا ئىشلىتىلمىگەندەك ھىس قىلدىم،ئادەمگە ھازىرقى بىز دەۋاتقان ئامېرىكىلق،ئەنگىلىيەلىك…دېگەندەككەرنى كۆرسىتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن،بەلكىم مۇساپىر دېگەن مەنانى بىلدۈرسە كېرەك
2.ئائىشە بىلەن فاخرىنىڭ كۆرىشىشى(6:10مىنۇتلۇق ئورۇن):بۇ يەردە ئائىشەنى چۈمبىلىنى ئېچىشقا بۇيرۇپ«يولدىشىڭنىڭ ھەقىقىي ھۆسنىڭنى كۆرۈش ھەققى بار» دېيىلىدۇ،لېكىن بۇ ۋاقىتتا تېخى ئىككىسى تۇنجى كۆرۈشكەن،بۇ يەردە «يولدىشىڭ» دەپ ئىشلىتىش تازا توغرا ئەمەستەك قىلىدۇ،«توي قىلماقچى بولغان ئادىمىڭنىڭ»دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلسە توغرا بولامدىكىن دەيمەن،
بۇلار پەقەت شەخسى كۆز قاراشلىرىم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم. بەك ياخشى ئەسكەرتىپسىز. بۇ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن……. مەن تۈزۈتۈپ چۈشۈنۈپ كۆردۈم ئەمما باشقىلارنىڭ تولۇق چۈشۈنەلىشى ناتايىن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. (ئامىين)
ھەقىقەتەنمۇ سەمىمىي تەكلىپ بولۇپتۇ! تورداشلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز! بۇ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە بىزگە ئەينەك بولغۇسى!
رەھمەت قېرىندىشىم سىزگە! تورداشلارنىڭ مۇنۇ دىئالوگلارنى توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەسلى تېكىستىكى جۈملىلەرنى تۆۋەنگە يېزىپ قوياي!
تۈركچىسى:
00:14:01,920 –> 00:14:04,120
Muhammed buyurmuş ki, ”Kim yabancıları
incitirse beni incitmiş olur…
124
00:14:04,120 –> 00:14:08,875
. . ve kim beni incitirse
Allah’ı incitmiş olur“.
خەنزۇچىسى:
00:14:01,920 –> 00:14:04,120
穆圣(愿主赐他平安)说过:
谁伤害异邦人…
121
00:14:04,120 –> 00:14:08,875
就是伤害我 谁伤害我
就是伤害安拉
يەنە بىرى:
خەنزۇچىسى:
00:36:06,200 –> 00:36:08,794
现在取下面纱吧 阿伊莎
315
00:36:09,160 –> 00:36:13,358
你的丈夫有权利看到你的真面目
تۈركچىسى:
00:36:06,200 –> 00:36:08,794
Şimdi peçeni aç, Ayşe.
318
00:36:09,160 –> 00:36:13,358
Koca adayının senin yüzünü açıkça
görmeye hakkı var.
تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
كىنودىكى دىئالوگلارنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ كۆچەمىكەشلىك قىلمىساڭ بولمامدۇ ئەبگا. تېگىدىكى سەمىمى ئەسكەرتىشنىمۇ كۆزۈڭگە ئىلىپمۇ قويماپسەن. لەنەت ساڭا . قويىۋالغان ئىسمىڭغا قاراپ باقە…
مانا ئادرېسى: http://bbs.misranim.com/read.php?tid=65693&page=1
مۇشۇنى ياخشىراق كۆرۈپ باقمايلا تەستىقلىۋەتكەن لاۋزا ‹‹باشقۇرغۇچى›› غىمۇ لەنەت
شۇنداق ياخشى فىلىم ئىكەندۇق ،ئۆزەم بىر كۆرۈپ بولغان، ئۆيدىكىلەرگە قويۇپ بېرەي دىسەم ئۆچۈرۈلۈپتۇ،ماۋۇ يۈزى قېلىنلامۇ شاھنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز توربەتلىرىگە قويمىسىمۇ بولغان بۇ فىلىمنى……. كۆرەلمەيدىغان بولدۇق دە ئەمدى ……
يارايسىلھەر دوسلار
ئۈستىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەكمۇ كۆرگۈم كەلگەن ئىدى ، ئەپسۇس ئۆچۈرۈلۈپتۇ ….
ئەپسۇسلانماڭ بولدى،فىلىمنى يەنە قايتىدىن يوللاپ قويدىم،شاھ ئوردىغا قايتقان كۆرەلەيسىلەر،كىنوچى تېخى يولدا
قاچانمۇ شاھ بىلوگىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقىم بوشلىقى بولۇپ مۇشۇ داپ يۈزلەر كۆچۈرەلمەيدىغان ۋاقىتلار بولار ھە …..
ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە يىتىشقا نىسىپ قىلغاي ….
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەر باشقۇرغىچىلار ئەمگىكەڭلارغا كۆپ رەھمەت!
نىمڭشقا بالدۇر قاراپ باقمىغاندىمەن دەپ ئچىم ئاچچىق بوپ قالدى دە، بەك كۆرگۈم باتتى . ماۋۇ بىر قانچە لاۋزىلار تۈپەيلى ھەي ئىسىت ! ئۆزى قۇرۇق گەپ سېتىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ ، خەقنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىمەيدۇ . مىسرانىمغا كىرىپ بىر تىللاپ قۇرساق كۆپىكىمنى چىقارمىسام !!! لېكىن قاچان كۆرۈش نىسىپ بۇلا بۇكىنونى …
بۇ فىلىمنى شۇنداق ياخشى تەرجىمە قىلىپسىلەر ،تەسىرلەنگىنىمدىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىلەرگە شۇنچە ياخشى فىلىملەرنى بىزگە تەقدىم قىلۋاتىسىلەر.بىر تەكلىپىم بار ئىدى ،كەڭ ساي تور بېتىدە «خۇدا ئۈچۈن»دىگەن ئىنگىلىزچە فىلىم باركەن ،مۇمكىن بولسا ،شۇ فىلىمنىhttp://bbs.kangsay.com/read.php?tid-16643.html…
ئەسسالام، مەن بۇ فىلىمنى بىر توردىشىمىزنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن تورنى ئىزدەپ قېزىۋەتتىم.لىكىن ئامىرىكا ئىشلىگەن بىر فىلىم بىلەن سىز دىگەن بۇ پاكىستان ئىشلىگەن فىلىمنىڭ ئىسمى ئوخشاشكەن، شۇڭا نۇرغۇن يەردە ئىككىسىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمىدى.گەرچە نۇرغۇن تور بەتلەردە سىز دىگەن بۇ فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىشى بىرىلگەن بىلەن،مەن شۇ فىلىم چۈشەندۈرىشىگە ئاساەن چۈشۈرگەن فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئامىرىكا ئىشلىگەن فىلىم بۇلۇپ چىقتى.مەن خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تور بەتلەرنى ئىزدەپ تاپالمىدىم.ئەمدى مەن ئىزدىمىگەن باشقا تىلدىكى تور بەتلەر قالدى.مەن تاوپالمىغان بىلەن شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكىلەر تاپالىشى مۇمكىن.مەنمۇ ساھ ئۇيغۇردىكىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىشىنى كۈتىمەن.
ما يەردە يەنە بىر لاۋزا باكەن بېكىتىگە چىقىرىۋاپتۇ. زەيپانىلەرنىڭ ماكانىغىلا ئوخشايدىكەن ئۇ يەر . مەينەتچىلىككە تولۇپ كېتىپتۇ……
بۇ كىنونى چىقىرىۋالغان يېرى: http://kskino.com/kino_play.asp?mid=1910
توغرا مۇشۇ داپ يۈزلەرنىڭ دەستىدىن فىلىمنى كۆرەلمەيۋاتىمىز شاھىم قاچان تور بەتلىرى_
دىكى،كىنولارنى كۆچۈرەلمەيدىغان قىلالا؟؟؟
قىنى بۇ كىنو؟ تۇنۇگۇن بۇ كىنونى بۇگۇن كورۇشكە پىلانلاپ قويعان ئىدىم. نىمشقا يوق؟ ئوتۇنەي تىزراق چىقارسىڭز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! شاھ بىلوگىدىكى تورداشلار
مەن بۇ كىنونىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ بولغۇچە يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. لېكىن سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلاردىن كىنونىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى بىلىپ يەتتىم. ياخشىلىققا كۈچ چىقىرۋاتقانلارغا ئاللاھ ئەدەسسىز ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن!
ئاللاھ خالىسا بۈگۈن كەچتە ئۇخلىماي دوستۇم بىلەن بۇ كىنونى كۆرۈپ چىقىمىز. سىلەرگە كۆپ رەھمەت!
كىنونى تەرجىمە قىلغۇچىقا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،راستىنى ئېيتسام ئۆز تەسىراتىمىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،لەززەت،ھۇزۇر….. ،مۇسۇلمان نىمە دىگەن گۈزەل ھە! ئې ئۇلۇغ ئاللاھ بارچىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلغىن ! ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغىن!
ياخشى فىلىملارغا ئنكاس يازدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپكەن جۇما!
بەك گۇزەل كىنو ئىكەن.
كەچتە بالدۇر ئىشتىن چۇشۇپ قايتا كورمەن ….. !!! بۇ گۇزەل كىنو ھۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى.
مەن تورنى چۇشەنمەيمەن . تۇنجى قىتىم بۇ فىلمنى كۇرۇپ بەك تەسىرلەندىم.ھەم شۇنىمۇ دىگۇم كەلدى. ھەي مۇھەببەت سەن شۇنداق بىر ئەڭ پاك ،ناھايتى نازۇك ،شۇنداق نۇرلۇق، ھەم ئنتايىن ئىللق نەرسە ئىكەنسەن.بۇ فلىمدىكى مۇسۇلمان ئوغول قىزلىرىنڭ مۇھەببتى ھەقىقەتەن پاك ئىكەن .پاكلىق ئۇللارغا مەڭگۇ يار بولسۇن
شۇنى ئۇنتۇپتىمەن ئەركان ئەپەندىم مەن سىزنى تۇنۇمايمەن .لىكىن سىزنىڭ تورداشلارغا بۇ فىلىمنى يوللاش ئارقىلق ياشلار نىڭ ھەقىقى مۇھەببەتنى چۇشىنېشىگە ياردەم بەرگەنلىكىڭزگە كۈپتىن كۈپ رەھمەت ئىيتىمەن.
تورداشلار بۇ كىنونىڭ تەسىرلىك يەرلىرىنى ئىنسانى مۇھەببەتكە باغلىۋالماڭلار.
ئەجىبا كىنودىكى ئىسلامى مۇھىت ھىچقايسىڭلارنىڭ دىققىتىڭلانى تارېتمىدىمۇ؟
مەن بۇ فىلىمدىن ئسلامى مۇھىتنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەپلىك بەك تەسىرلەنگەنلىكىمدىن ئوننەچچە قىتىم كۆردۈم ئەمما سىلەر دەۋاتقاندەك ئەر-ئاياللىق مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئەمەس.ئەگەر مۇھەببەت سەۋەپلىك دىيىلىپ قالسا فەخرىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىسشەنچىسى سەۋەبلىك. سىلەر دىققەت قىلمىدىڭلارمۇ ئۇنىڭ ئاياللارغا بىرىلىپ كەتمىگىنىگە،ئەگەر شەيتان كىلىۋالسا شۇ ھامان ئەستەغفىرۇللاھ دىگىنىگە. يەنە ھەممىڭلار دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىلەر تۈرمىدىكى چىغىدا ھىلىقى ساراڭدەك كىشىنىڭ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن يىرىگە، ئەگەر بىزدە بىرەسىمىز ئاشۇنداق تۆھمەتكە ئۇچراپ شۇ ھالغا يىتىپ قالسا بىزنىڭ بىرىدىغان تەسەللىرىمىز نىمە بولار. ئەمما ئۇ كىشى مۇسۇلمان ھەم مۇسۇلمان شارائىت سەۋەبلىك نىمە دىدى. كىنولا بولسا نەپسىمىزنىڭ قىزىقتۇرىشى سەۋەبلىك كۆرۈپ ھەم شۇنداق چۈشۈنۈپ يۈرمەيلى.
ئاللاھ بىزنى قىز ئاياللارغا بولغان مۇھەببەتتنىمۇ رەببىمىزگە بولغان مۇھەببەتنى ئۈستۈن بىلەلەيدىغان ئىيمان ۋە ئىسلامى مۇھىتقا قىزىقىدىغان قاراش ئاتا قىلغاي (ئامىين)
مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەھلىلى ئىنتايىن توغرا ھەم چوڭقۇر بوپتۇ! مەزكۇر تېمىغا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم، سىز ئېيتقاندەك مەزكۇر فىلىم ھازىر قويۇلىۋاتقان مۇھەببەت فىلىملىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىق، بولسا كۆرۈرمەنلەر ئاددىي كۆزىمىز بىلەن ئەمەس، كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن كۆرگەيمىز!
مېنىڭچىمۇ ئىسلامى مۇھىتىىن باشقا بۇكىنونىڭ ئۇنچىلىك ۋاي دىگدەك يېرى جىقمۇ ئەمەسكەن ، بۇ كىنودا بىر خىل چوڭقۇر مەنا ….. ئاۋۋال ھېسياتىڭىزغا بۆسۈپ كىرىپ سىزنى رام قىلۋالغاندىن كېيىن كىنودىكى پىرسۇناژلار نىمە دىسە توغرا ! ئىسلامى كىنو ھەر قېتىم بىرەر ئىسلامى فىلىم تەرجىمە قىلىندى ياكى ئىسىل ئىشلىنىپتۇ دىسە ئەنسىرەپ قالىمەن ! ما كىنونىڭ بەزى جايلىرىدا «قۇرئان» تىلاۋەت قىلۋاتقان جايلىرغىمۇ مۇزىكا ؟ بۇلارچە بولسا شۇ خىرىستوسچىلار بىلەن قېرىداشتەك ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئۆزى ئىسلامنىڭ ئېسىل خسلىتى؟ نىمىشقا يىڭىدىن ئىشلەنگەن ھەر بىر ئىسلامىي فىلىمدە شۇنداق بۇلىدۇ ؟« نيۇرىكتىكى بەش بۇرجەك» دىگەندىمۇ شۇ ھىندىستانىڭ «مىنىڭ ئىسمىم پالانچى» دىگەندىمۇ ھەم .. بەلكىم گەپلىرىم سىزگە مەنسىز تۇيۇلغان بۇلىشى مۇمكىن ! ئەمما بۇمىنىڭ خاتالىقىم ، خاتا كەتكەن سۆزلەر بولسا ئۇلۇغ ئاللاھ كەچۈرسۇن (ئامىن !) لېكىن ئەسكەرتىپ ئۆتىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە سىز بەش ۋاخ نامازنى تۇلۇق ئوقىسىڭىز ھىساپلاپ بېقىڭ بىر كۈندە سۆرە« فاتىھە» نى قانچە رەت ئوقۇيسىز ؟! ئەمدى شۇ«قۇرئان كەرىم » نىڭ جەۋرىنى سىز قانچىلىك چۈشۈنسىز ؟! بىزگە نىمە دەيدۇ ؟! ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرچە مەنىسى نىمە ؟! قايتا بىر ئويلىنىپ كىنوغا يىڭىدىن باھا بېرىڭلار قېرىنداشلىرىم !!!
ئاللاھ ئەجر بەرگەي ، ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن…
كۇپ رەخمەت
بەك ياخشى كىنوكەن ،يىغلاپ ساپتىمەن .ئاللاھ سىلەرگە بەركەي بەرگەي.كوپتىن كوپ رەخمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئىمكان بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشىرىش ئادرىسىنى بۇرۇنراق يوللاپ قويساڭلار، رەھمەت.
مەن دىگەن بۇ مۇھەببەت يات جىنىسقا بولغان مۇھەببەتنلا كۇرسەتمەيدۇ. ھەقىقى پاك مۇھەببەتلك قەلىب، دۇنيانىڭ پاك مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى بوللاپمۇ ئىسلامى مۇھتتا بۇ مۇھەببەتلك دۇنيانى تولۇق ھس قىلغلى بولدىغانلقىنى بۇ فىلىم چوڭقور ھس قلدۇردۇ.
شاھىم بۇ كىنونىڭ سۈزۈك نۇسقىسىنى ئەۋەتمەمسىز، چۈشۈرۈپ خاتۇن بىلەن كۆرەي!
مەن بۇ فىلىم ئۆچۈرۈ لۈشتىن بورۇن كۆرگەن. راستنلا بەك تەسىرلىك فىلىمكەن. فىلىمدىكى فاھىرى بەك پەزىلەتلىك ئېسىل يىگىتكەن.
ھە راىست مەن بىر خاتالىقنى بايقاپ قالدىم جۇما ھى ھى ھى
ھىلىقى فاخرىنى ساقچىلارنىڭ تۇتۇش كىتىش ئالدىدا ئىشىك قاتتىق چىكەلگەندە بولسا ، ئائىشە فاخرىگە مارىيەنىڭ تېلفۇنىدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى كۆرستىۋاتقان پەيىتتە ئىشك قاتتىق چىكىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا ئائىشە فاخرىگە ئاچچىقلاپ مۇنداق دەيدۇ (ھازىر يەنە كىمنىڭ سىزگە ئۆيلەنگۈسى كەلدىكىن ) دەيدۇ .
ئۇنداقتا كىم بولىشدىن قەتئىي نەزەر فاخىرگە ياتلىق بولامدۇ ياكى ئۆيلىنەمدۇ ؟
ئەمسە مۇشۇ فىلىمدىكى بۇ بىر جۈملە سۆزنى مەن خاتا تەرجىمە قىلىپسىلەر دەيمۇ ياكى مەن خاتا چۈشنىۋالدىممۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بۇ بىلوگنىڭ دائىملىق كۆرگۇچىسى،، ھەر بىر كىنو، ھەر بىر ناخشا ۋە ھەربىر كارتونلىرىنى كۆرۇپ كەلدىم.، لىكىن مۇشۇ كەمگىچە ئىنكاس يېزىپ باقمىغان ئىدىم، بۇگۇن يېزىۋاتىمەن…
بۇ فىلىم بەكمۇ ياخشى ئىشلەنگەن بىر فىلىمكەن،، شۇنداقلا مەندە بەكمۇ چوڭقۇر سېلىشتۇرۇش پەيدا قىلدى،،،، بۇ كىنودىكى قەھرىمانلار بىلەن دىيارىمىزدىكى قەلبىدە خېلى ئىمانى بار ئۇيلاپ يۇرگەن يىگىت -قىزلىرىمىز، شەخسەن ئۆزۇمنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۇم… بولۇپمۇ فىلىم ئاخىرىدىكى :«بىر ئايالغا ئادىل بولماق تەس تۇرسا، ئىككى ئايالغائادىل بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،، بۇ پەقەت ئېتقادىڭغا باغلىق » دېگەن ئىبارە بىلەن،،، فەخرىنىڭ ئايىشەگە ئېيىتقان« ئىخلاس… مەن نىمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لىككىن تېرىشىمەن، بۇنىڭ ئۇچۇن سىزنىڭ يارىدىمىڭىزگە مۇختاجمەن» دېگەن گىپى بەكمۇ تەسىر قىلدى…….بۇ ئىسسلامنىڭ گۇزەللىكى ئۇنىڭ ئادىللىقىدا. دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم چۇشەنگەندەك بولدۇم!!!
يارمىغايسىزلەر! جاپاكەش تەرجىمە گۇرۇپىسىدىكى تورداشلار! تېخىمۇ ياخشى فىلىملەرگە تەشنامىز!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن مۇ بۇ بىلوگ نىڭ دائىملىق كۆرگۇچىسى…مەن ھەركۇنى بۇ بىلوگقا يىڭى فىلىم بار مۇ يوق دەپ قارايمەن.بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغان ئەركان خوتەنىگە ئاللاھ كوپ ئەجىر بەرسۇن… سىزگە كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم .تېنىڭىزلانى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بەك ياخشى فىلىمكەن ،
نىمە دىيىشىمنى ئۇقمىدىم خۇدايىم قۇلۇڭلىغادەرتبەرمىگەي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خەتلىك فىلىم پىرىسلاشتىكى تېخنىكاڭلار بارغانسېرى ئاشقىلى تۇرۇپتۇ، تىرىشىڭلار، ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن
ياخشى كىنوكەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئاللا كۆپ ئەجىر بەرسۇن قېرىنداشلىرىم. بەك ياخشى كىنوكەن. ئىشلىرىىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
بۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ!!! ،شۇنداقلا تولىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز،ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئامىن !!! بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئىسلامىي تۈس ئالغان فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزىرىغا سۇنغايسىز ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي !بىز سىزنى قوللايمىز !ياردەم كېرەك بولسا تارتىنماڭ!!ھە !!بىز ھەقىقەتەن بىر ئويغاتقۇچىغا مۇھتاج !!!
بۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ!!! ،شۇنداقلا تولىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز،ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئامىن !!! بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئىسلامىي تۈس ئالغان فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزىرىغا سۇنغايسىز ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي !بىز سىزنى قوللايمىز !ياردەم كېرەك بولسا تارتىنماڭ!!ھە !!بىز ھەقىقەتەن بىر ئويغاتقۇچىغا مۇھتاج !!!
ئەسىلامۇئەلەيكۇم
بۇ فىلىم بەك ياخشى كەن سىز نىڭ بۇنىڭ دىن كىيىنمۇ مۇشۇن داق فىلىم لاربىلەن تەمىن
لىشىڭىز ئۇمۇت قىلىمەن ، يەنە ئەيسا ئەلەيھىسالامنىڭ كىنىم تەر جىمە قىلىشىڭىزنى
ئۇمۇت قىلىمن شۇنىڭ بىلەن ئاللانىڭ ئىشلىرىڭزنى ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى ئۇمۇتقىلىمە؟
ئاللاھ سىلەرگە ساۋاب بەرسۇن قېرىنداشلىرىم. ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويغان بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغىنىڭلار مېنى راستىنلا سۆيۈندۈردى! مۇشۇ ئەجرىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 نادىر بىلوگنىڭ 1-سى بولۇشۇڭلارغا ئۆزۈم بىلەت تاشلايدىغان كىشىلەرنى تاپىمەن!
ھەقىيقەتەنمۇ تەسىرلەندىم.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ئۆز رەھمىتىنى ئاتا قىلغاي، گۇناھلىرىمىزنى رەھمان، رەھىم بولغان ئاللاھ ئۆزى كەچەرگەي (ئامىن).
10نادىر بىلوگقا بىلەت تاشلايدىعان ئىش بارمىكەن؟ نەگە تاشلايدۇ؟مەنمۇ مۇشۇ بىلوەگقا تاشلايمەن.
مەن بۇ كىنونىڭ mtv سىنى كۈرۈپ ئۆزىنى كۈرسەم دەپ پەقەت تاپالمىغان ئېدىم .ئاخىرى مۇرادىمغا يەتتىم ،رەخمەت سىلەرگە.قوللىرىڭلارغا دەتلەر كەلمىسۇن،،.ئۇلۇغ ئاللاھ ئېتقادىمىزدا چىڭ تۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن.،
چۇشۇرۇش بىلەن تەمنلىگىنىڭزگە رەخمەت
ئىسلامى فىلىملارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ تەسىرلىك كىنونى ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىپسىلەر ،رەخمەت .
ئاللاھۇئەكبەر !!!
كىنودىكى ….. نېمە دىيشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
كىنو كۆرسەم كۆز ياش قىلىدىغان ئىشىم يوق ئىدى بولمىسا
ئاللاھ ….
ئالدى بىلەن ئەركانى قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن …
ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان يېرى ،فەخرى تۈرمىدە ئى ئاللا مەن ساڭا نىمە قارشلىق قىلغانغا بۇ قىسمەتلەنى كۆسەتتىڭ دىگەندە (بۇ گەپنى دىيىش ئەلۋەتتە كىبىرلىك )،ھېلىقى تۈرمىدىشىنىڭ ئى فەخرى -ئۆزەڭنى شۇنچە تەقۋا ،پاك دەپ ئويلامسەن ،دەرھال تەۋبە قىل ،ئىسلام دىگەن نىمە، ئىسلام دىگەن سەۋېر، ئىخلاس دىمەكتۇر ،يۇسۇفنى ئەسلىگىن،يۇسۇف ئى ئاللاھ مېنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتىمنى سىرتتىكى ھاياتىمدىن ياخشى دەپ بىلسەڭ ،،مەن تۇرمىدە بولۇشنى خالايمەن دىگەن دەپ قىلغان نەسىھەتلىرى بەك تەسىر قىلدى ،مۇشۇ كۆرۈنۈشنى نەچچە قېتىم كۆرىپتىمەن ،ھەم ھازىرقى ھالىتىمگە بىر سىلكىنىش بولدى، بۇ كۆرۈنۈش بولمىغان بولسا باشقا يەرلىرى ئۇنچىلىك ئېسىل بىلىنمىگەنىدى …يەنە فەخرىنىڭ ئائىشە زۇرىرىيەت يۇزىسىدىن يەنە بىر ئايال ئېپ بەمەكچى بولغاندا ،شەرىئەتتە بۇنۇڭ ھۇددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس دىگىنى …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !! ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن ، بۇ كىنو مىنى غەپلات ئۇيقۇستىن ئويغاتتى . ئويلان …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ پىلىمنى بەكلا قىزىقىپ كۆرىمەن.ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى پاخرىنىڭ بېشىغا بەئەينى ئاللاھنىڭ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا دۇچار قىلغان قىسمەتنىڭ كەلگەنلىكى،ھەم پاخرىغا تۈرمىدىشىنىڭ تارىخنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ بەرگەن تەسەللىلىرى،پاخرى ئازات بولۇپ شۇ ۋاقىتتىلا ئاللاغا قىلغان شۈكۈر سەجدىسى،مارىيەنىڭ ئىمان ئېيتىپ گۇناھىدىن پاك بولغان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەنلىكى بولدى.ئادەتتە كۆپىنچىمىز بېشىمىزغا مۇسىبەت كەلسە سەبىر قىلالمايمىز،مۇسىبەتتىن ئازات بولساق ئاللاغا سېغىنىپ شۈكۈر سەجدىسى قىلالمايمىز.ئاللاھنى مۇسىبەت يەتكەندە ئەسلەيمىز.مەن بۇلاردىن ھەممىمىز ئۈچۈن پاناھلىق تىلەيمەن. مەن بۇ پىلىمنى كورگەندىن بىرى باشقا پىلىملەرنى ئانچە كورمەيدىغان بولدۇم.بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا ئاللاھنىڭ ئىلىم بىرىشى ئۈچۈن شەخسەن دۇئا قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ كىنو نىڭ قايسى تىلدا ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم بەزى يەرلىرى ئەرەبچە بەزى يەرلىرى ئېنگىلىزچە كۆپىنچە يەرلىرى باشقا بىر تىلدەك تۇرىدۇ قايسى تىل ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ فىلىمدىكى باشقا بىر تىل مالاي تىلې. بىلەرمەنلىك كىلگىنم ئەمەس. ئۆزەم مالايسىيادا بولغاچ ئازراق چۇشەندىم. شۇڭا پىكرىمنى يېزىپ قويدۇم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
مەن بۇ فىلىمنىڭ بەزى مۇزىكىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم~~~~emule دا ( يەنى خېچىر چۈشۈرگۈچتە ) قايسى ئىسىم بىلەن ئىزدىسەم توغرا بولار ؟ ئۆزۈم بىلىدىغان ئىسىملاردا ئىزدەپ باقتىم بولمىدى ~~ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرگەن يەردىن كىنو مۇزىكىلىرىنىمۇ چۈشۈرگىلى بولىشى مۇمكىن ~~ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، رەھمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇفېلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئېكەن .ئسلام قائېدىسىگە ھەقىقەتەن ماس كىلدىكەن بۇفىلىم مىنى قاتتىق ئويلارغا سالدى.ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ئۆز رەھمىتىنى ئاتا قىلغاي، گۇناھلىرىمىزنى رەھمان، رەھىم بولغان ئاللاھ ئۆزى كەچەرگەي (ئامىن).بۇنڭدىن كىيىن ئىسلامى فىلىملارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
مەن بۇ كېنۇنې ئېزدەۋاتقېلې خېلې بۇلغان رەخمەت سېلەرگەكۇپ ياردەم كېلدېڭلار
ئېسلامې كېنۇلارنې كوپ تەرجېمەقېلېڭلار ئاللاھ ئېشېڭلارنې ئاسان قېلسۇن
ئاللا رەھمەت قىلسۇن . ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ئىكەن . بولسا مۇشۇنداق پايدىسى كۆپ فىلىملەرنى جىقىراق تەرجىمە قىلىپ تۇرساڭلار . قارىسام 2007 نىڭ فىلىمىكەن ، سىلەر يەتكۈزمىگەن بولساڭلار يەنە قانچە يىلدىن كېيىن كۆرەر ئىدىمكىن ، ھېلىمۇ بۇنچە كېچىكىپ كۆرگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم . نېمىدىگەن گۈزەل كىنو ! ئۆزۈمنى فاخرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، گۇناھلىرىمنى ئويلاپ ، زەئىپلىكلىرىمنى ئويلاپ ئىسسىق ياشلىرىم مەڭزىمنى ھۆل قىلدى . ئاللا گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغاي . بۇ كىنودىكى ماڭا زوزر تەسىر قىلغان بىر جۈملە سۆز ‹‹ ئاللا تىرشقان ئادەمنىلا ھىدايەت قىلىدۇ ! ›› بولدى . ئويلاپ باقسام بەك بوشىشىپ كېتىپتىمەن . يەنە ئويلىسام ئالدىمدا توي قىلىش ، سىرداش تېپىش غېمى تۇرۇپتۇ . شۇ كىنودىكىدەك گۈزەل قىزلار ( ئىچى ۋە تېشى ) ماڭا نېسىپ بولسىكەن ، بەك باياشاتمۇ بولمىسا مەيلى ماڭا يار يۆلەك بولىدىغان ، سەھەرلەردە نامازغا ئويغىتىدىغان ، غەمخانە بىر ھەمرىيىم بولسا دەپ ئويلايمەن . ئاللا ھەممىمىزنى ئارزۇ ئارمانلىرىمىزغا يەتكۈزگەي . تەكلىۋىم ، مۇشۇنداق ياخشى ئىشلەنگەن كىنولار بولسا بايقىساڭلار تەرجىمە قىلىشقا ئالدىرساڭلار دەيمەن . رەھمەت سىلەرگە ، ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن .
بەكمۇ باياشات بولمىسىمۇ ئىسسىق ئۆيۈم بولسىكەن دېمەكچىتىم ، جۈملە تولۇق يېزىلماي قاپتۇ . توغرا چۈشىنەرسىلەر .
مۇشۇ كىنونىڭ مۇزىكىسىنى لازىم دىگنلەر باركەن ناخشىلىرى ئۇدۇن تورىدا باركەن ھەممىسى ئەمما راس بۇكىنونىڭ ئەسلى ئىسمى نىمە مەن 爱情故事دىگەن دەك خەتلەرنى كىرگۈزۈپمۇ تاپالمىدىم ،ئەسلى ئىسمى بوپ قالسا يىزىلىشىنى كۆرۋالاي رەھمەت ئەجىرىڭلارنى ئاللاھ بەرسۇن.
بۇ كىنونىڭ ئەسلى ئىسمى AYAT AYAT CINTA ئىكەن، خەنزۇچە بىرلىككە كەلگەن ئىسمى نېمىلىكىنى ئىنىق بىلمىدىم، فىلىم مۇزىكىسىنىمۇ ئايرىم تەرجىمە قىلىپ قويدۇق، پات ئارىدا ئۇنىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار! ماڭا ياردەم قىلساڭلار؟ مەن ‹‹مۇھەببەت ھېكايىسى›› دىگەن فىلىمنى چۇشۇرۇۋالاي دىگەن ئەمما قانداق چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلساڭلار؟
ياخشى فىلىمكەن ئاداش ھە!!!
ياخشى فىلىمكەن 1!!!!
شۇنداقكەن راسلا !!!!
شاھ بلوگىدىكى مەزكۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. مەن بۇ فىلىمنى يېقىن بىر ئاغىنەمنىڭ تەۋىسيە قىلىشى بىلەن كۆرگەنئىدىم. دەرۋەقە بۇ فىلىمنى كۆرۈپ مېنىڭ دىلىم باشقىچىلا يۇرۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.بىر قانچە قېتىم ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغا تۇتۇپ كەتتى. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى باش پېرسوناش فاخرىغا سېلشتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر تۇيۇق يولىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى چوڭقۇر سەزدىم. بۇ فىلىم كۆپلىگەن ئازغۇن ياشلارغا ئېسىل دەرسلىك بولغۇدەك. كۆپتىن كۆپ رەھمەت سىلەرگە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ياخشى فىلىمكەن قىلغان تەرجىمەڭلارغا رەھمەت، نىسبەتەن ھايا ئىچىدىكى مۇھەببەت فىلىمى دىيىشكە بولغىدەك، لىكىن ئىسلام مۇھەببەت فىلىمى دىيىشىتىن خىلى يىراقتا. سىلەرگە يەنە بىر تەكلىپىم، ئىكران ئوڭ تەرەپتە چىقىدىغان گۇگىلنىڭ ئىلانى جىسزاس 2020 دىگەن ئىلاننى ئۆچىرۋەتكەن بولساڭلار، باشقا ئىلان قويساڭلارمۇ پۇل تاپالايسىلەر، ياكى مەقسىتىڭلار باشقىمۇ؟
ئىلىمسىز بۇرادەر، تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! بىكەت ئېلانلىرىنىڭ بىكەت مەقسەت-مۇددىئالىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ گوگىل ئېلانلىرى بولۇپ، ئۇنى بىز قىستۇرمايمىز، ئاپتوماتىك گوگىلدىن قىسىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى بىزنىڭ كونتىرول قىلىش ھوقۇقىمىز بولمايدۇ، پەقەت بولمىسا ئېلان قويمىساق بولىدۇ، ئېلاننى گوگىل ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ماڭىدۇ……
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، بېكىتىمىزگە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە رەھمەت. بېكەتنىڭ يان قىسمىدا چىققان ئېلان رەسىمىگە كەلسەك بۇ ئېلاننىڭ تۇيۇقسىز شەكىللىنىپ قىلىشى ھەرگىزمۇ ئايرىم مەقسەت ئارقىلىق بولغان ئىش ئەمەس، بېكىتىمىزمۇ پۇل تېپىشنى قوغلىشىدىغان بېكەتلەردىن ئەمەس (ھازىرغىچە تور بېتىمىز بولسۇن ۋە ياكى تەرجىمانلار بولسۇن تەرجىمە فىلىملەرنى ئىشلەش ئارقىلىق تېخى بىر تىيىنلىق پايدا كۆرگىنى يوق). تور بېتىمىزگە قويۇلغان ئېلاننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بەلكى شۇ ئازغىنە گوگۇل ئېلانىدىن كىرگەن كىرىم ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئۆز پۇللىرىنى (تور نامى ۋە بوشلۇق، ساندان قاتارلىق بىر قاتار ھەقلەرنى كۆزدە تۇتماقچى) ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېكىتىمىزنىڭ توختاپ قالماي سىلەرگە ھەر خىل تەرجىمە ئەسەرلەرنى يەتكۈزۈشتۇر، گوگۇل ئېلانى قويۇشتىن بۇرۇنمۇ بۇ ئېلان سۇپىسىدىكى ھەر خىل بىزگە يات بولغان يەنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئېلانلارنى ئاللىبۇرۇن چەكلەپ قويغانىدۇق، ئەمما يېقىندىن بۇيان پات-پات پەيدا بولۇپ قالغان ئېلان رەسىمىگە كەلسەك، گەرچە بۇ ئېلان رەسىمىگە قىستۇرغان تور بەتتە ھېچقانداق «ئالاھىدە» مەزمۇن بولمىسىمۇ ئەمما شۇ سۈرەتنىڭ ئۆزىلا سىز بىلەن بىرگە بىزنىمۇ خېلى ئارامسىزلاندۇردى، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئېلان سۈرىتىنىڭ ۋاقتىدا تور بېتىمىزدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكىمۇ گوگۇل ئېلانىنى پەقەت گوگۇل شىركىتى تەرىپىدىن ئاپتۇماتىك تەڭشەيدىغان بولغاچقا ھەم شۇنداقلا ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشىمىغان كومپىيۇتېردا كۆرۈنىدىغان ئېلان رەسىمىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا بىزمۇ بۇ خىل ئېلاننىڭ زادى قانداق شەكىلدىكى ئېلان ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدۇق، (شەخسەن مەنمۇ نەچچە قېتىملاپ تور بەتكە كىرگەن بولساممۇ سىز دېگەن ئېلاننى پەقەت بىر قانچە قېتىملا ئۇچرىتىپ قالغانىدىم)، شۇنداق بولسىمۇ ئەمما تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن بۇ ئېلان رەسىمىنىڭ توختاۋسىز پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئېلاننى تاكى گوگۇل شىركىتىنىڭ شۇ ئېلانى توختىغانغا قەدەر بېكىتىمىزدىن ۋاقىتلىق توختىتىشقا قارار قىلدۇق، تورداشلارنىڭ باشقىچە خىيالدا بولۇپ قالماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان كەلتۈرگەن ئارامسىزلىقى ئۈچۈن سەمىمى ئەپۇ سورايمىز
ش.ئە.ئۇيغۇرى
ياخشى فىلىم ئىكەن ، ئىجابى تەسىر ئالساق بولغىدەك . … فىلىمدىكى ئائېشەنىڭ قوللىرىغا چېكىۋالغان خاللىرىنى كۆرۈپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ خال چەككىچىگە ۋە چېكىلگۈچىگە لەنەت دىگەن ھەدىسى يادىمغا يەتتا ، ئەجىبا رېژىسور بۇلارنى ئويلاشمىدىمىكىن . قارغۇلارچە دورىۋالمايلى ئىسلامى فىلىم ئىكەن دەپلا. جەۋھىرىنى قوبۇل قىلمايمىز مۇ قانداق ؟!!!…
قېرىندىشىم ! ھەدىسنى خاتا چۈشىنىۋالدىڭىزمۇ قانداق؟ ياكى خاتا تەرجىمە قىلىۋالدىڭىزمۇ؟ قولىغا خېنە يېقىش ھارام ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنداق قارا چاپلىماڭ دىمىگەن گەپنى دېدى دەپ. خال دىگەن مەڭ دىگەن گەپ. قولىغا چېكىۋالغىنى خال ئەمەس بەلكى خېنە. خېنە قويۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن بىر ھەدىس بار مىشكاتتا. گەرچە زەئىف بولسىمۇ. ئەمما بىلىڭكى خېنە قويۇش بىلەن خال چېكىش ئايرىم ئايرىم ئىش.
چالا مۇللام ئادەم ئۆلتۈرەر
موللا ئەمەسمەن…
ھە مەن خاتا كۆرۋاۋتىمەن…ئەمما پەيغەمبىرىمىز دېگەن گەپنى دېدىم…
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،،،مۇسۇلمان قىرىنداشلار،
كاللاڭلارنى سىلكىپ ھەقىقىي ئىسلامى فىلىملەر بىلەن ئازدۇرغۇچى فىلىملەرنى پەرق ئىتىڭلار،
بەش مۇنار دىگەن كىنومۇ شۇنداق ئازدۇرغۇچى كىنو،،بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنساڭلار ئىسلامغا يات بولغان نەرسىلەرنى سۆرەپ ئەكىرىپ،ساپ بولغان قەلىپلەرنى ناشايان ئىشلار بىلەن بۇلغاپ تەقۋالىقتىن،پاكلىقتىن يىراقلاشتۇرىۋىتىدۇ،
نەدىمۇ مۇسۇلمان ئەر مۇسۇلمان بولمىغان ئاياللارنى ئىلىشقا ھوقوقلۇق،بەش مۇنار دىگەن ئازدۇرغۇچىدىمۇ ھاجىنىڭ خوتۇنى خىرىستىئان،،،بۇ كىنودىمۇ ھىلىقى ۋىيەي تىخى بەزىلەر ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغانمىش تىخى،ئاۋۇ باش رول ئالغان نىمە ئىككىنچى توقالنى ئىسلامغا كىرگۈزمەي تۇرۇپ ئەمرىگە ئالدى،نەدىمۇ ئۇنداق ئىش،ئەمرىگە ئىلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ دەرھال ھەققىي مۇسۇلمان ئايال ھالەتتە خوتۇن قىپ يۈرمەي نىمە قىلىق ئۇ،،شۇمۇ مۇسۇلمان بولدىمۇ،،،،
ئۇيقۇڭلارنى ئىچىپ كىنو كۈرۈڭلار قىرىنداش-بۇرادەرلەر،مەن سىلەرگە دىسەم بۇنداق قىنولار سىلەرنى ئازراق ئۆزىگە مايىل قىلىپ ئىسلامنىڭ يىڭنىچىلىك يىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تۆگىدەك زىيان سالىدۇ،،ھەقىقىي ئىسلام ئۇنداق ئەكىس ئەتتۈرەلمەيدۇ،،،بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئىسلامغا ھاقارەت،،ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرسۇن~~~! ئامىين!!!
ئەسسالام قېرىنداشلار تورداش نامەلۇم توغرا دەيدۇ. بۇ فىلىم كۆرگۈچىلەرگە دەمانلىققا ياخشى تەسىر بەرگەندەك قىلغان بىلەن ئەمىليەتتە ئسلامىيەتنىڭ ماھىيتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قىلىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللاھ قىلۋاتقان ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن قېرىنداشلىرىم ، بولسا مۇشۇ فىلىىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن ، تەمىنلەنگەن ئادرىس ئېچىلمىدى ،
ئادرىس يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمە ، 1312514135@چچ.غوم
راسلا ياخشىكەن. قىزدۇستۇم كۆرۈپ بىقىڭ دېگەنتى، راسلا ياخشىكەن، رەخمەت.خەلقىم
مەن پەقەت چۈشۈرەلمىدىم،提取文件گە نىمە دەپ يازىمىز؟
ئەسسەلام دوسلار بەزىلەر بۇفىلىمنى كۈرۈپ ئىسلامغا يات ئىشلارنى سۆرەپ ئەكىرىپ ئىشقىلىپ ئۇ بۇ دەپ سۆزلەپ بۇ فىلىمنى كۈرەۋاتقانلارنىڭ ئىشتىياقىغا سۇغۇق سۇ سىپىپتۇ
مىنىڭچە ئىسلام دىنىنى ئۇنداق چىڭ پىرىنسىپ ھالەتتە تۇتىۋالساق بولمايدۇ
ياغلىق ئاتمايدۇ يوپكا كېيمەيدۇ ىېنە ياقتى ئوسما قويدى دەپ ئۇنداق ئىچكىرلىگىلى تۇرساق نۇرغۇن ئىسلامغاقىزىققان دوسلار ئىسلام دىنىغا كىرىشكە پېتىنالماي قالىدۇ
ئەڭ مۇھىمى قەلىبىدىن چىققان ئىمانى ئەڭ مۇھىم ئۈزىنىڭ ئىمانى چوڭقۇرلاشقانسىرى ئاندىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا باشتاق يۈرۈشتىن ھاياسىسز بۇلۇشتىن تەدرىچى ھىجاپلىنىپ ھەقىقى ئىسلام پىرىنسىپىغا لايىق بۇلىدۇ
شۇڭلاشقا بۇ فىلىم مىنىڭچە ناھايتى ياخشى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك فىلىم بوپتۇ دەپ ئويلايمەن
چۈشۈرۈش ئادرىسىدا مەسىلە بارمۇ قانداق چۈشۈرگىلى بولمايدىكەنغۇ
سىلەرنىڭ رۇخسىتىڭلارنى ئالمايلا تور بېتىمگە يوللگىنىمغا ئازراق پۇشايمان قىلىدىم.شۇڭا سىلەردىن كەچۈرۇم سورايمەن
شۇ ئائىشە دىگەن قىزنىڭ قۇلىغا گۇل چىكىۋالغىنىنى كۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇلغان ھۇرمىتىم بىراقلا تۇۋەنلەپ كەتتى . رەسىم چىكىش دىگەن جاھىليەت دەۋرىدىكى بۇزۇق ئاياللارنىڭ بەلگىسى
115网盘 بارلىق كۆرۈش ئاڭلاش ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ، خاپا بولماي باشقا تور بەتكە قايتىدىن يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. جاپا چەكتىڭلار…
.ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئىنشائاللا تېېېخىمۇ ياخشى ..كىنو لار نى بىزگە سۇناسىلە …قۇلۇڭلاغا ئاللا دەت بەرمىسۇن قىرىنداشلىرىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بولسا ماۋۇ ئادرىستا —–http://www.darseries.com/ كورىيەنىڭ ئەرەبچە خەتلىك كىنوسى بارئىكەن . قاراپ باقساڭلار تەرجىمە قىلغۇدەك كىنو بارمىكەن ! ماۋۇ باش بەتتىكى كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ئىكەن ! http://cs527515.userapi.com/u128412706/video/bdc9a7a694.360.mp4
نۇرلان5540نىڭ پىكىرنى قوللايمەن.
ئسلام كىشىلەرگە راھەت بېغىشلايدىغان ،تەسلىك ئەكەلمەيدىغان دىن،بىزنىڭ ئۇلىمالىرىمىز دائىم دىننىڭ قاتتىق تەرەپلىرىگە كۇچەپ ،دىلغا ئارام بىرىدىغان جايلىرىغا كۇچىمەيۋاتىدۇ.بۇ كىنو نىمىلا دىمىگەن بىلەن ھازىرقى بەزى مودا كىنولاردىن ياخشى.قانداق قۇبۇل قىلىش ھەممە ئادەمنىنىڭ ئۇزىگە باغلىق!
ھازىرقى بەزى مودا كىنولاردىن ياخشى.قانداق قۇبۇل قىلىش ھەممە ئادەمنىنىڭ ئۇزىگە باغلىق!
بەك تۇغۇر گەپ بۇلدې قۇللاي مەن
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. ئاللاھ مۇشۇ كىنونى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن. داۋاملىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلىك ئىسلامى فىلىملەرنى كۈرۈشنى خالايمەن. رەخمەت!
كىنونىڭ قاتىلى مۇشۇكەن ئەمەسمۇ، دەسلەپتە ئانچە دىققەت قىلماي كۆرمەپتىكەنمەن. ھىلھەممۇ كىچىكمىدىم. ئاللا ھەممىزگە ئىنساپ دىيانەت بەرسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…. قارىسام بۇ ئىسلام توربىتى ئىكەن.. منىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى.. مۇشۇ تۇرمۇش مەسلسگە كەلگەندە ناھايتى قىيىن بىر مەسلگە دۈچ كەپتۇ.. ئۇنىڭ يېشمۇ بەك چوڭيپ كەتكەچكە ئاتا ئانسى توي قىلشقا زورلاپ ئاخرىدا دادسى بىلەن بللە ئىشلەيدىغان بىر ئادەمنىڭ قىزىنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ.. ئۇ قىزغۇ بىر قاراشقا بوپ قالدىكەن ئەمما ئۇ دوستۇم ئۇ قىزنىڭ بىر مەخپيەتكلىنى يەنى قىز ئەمەسلكنى … ئۇنىڭ ئىپپتنى ئاللبۇرۇن يۇقاتقانلقنى سىزىپ قاپتۇ.. ئاتا ئانسى بولسا بۇ نكاھقا ئۇ نى زورلاۋېتپتۇ.. ئۇ ئادەتتە ساقچى بولغاچقا ج خ ئىدارسنىڭ تورپونكتى ئارقلق تەكشۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ باشقا بىر سى بىلەن نەچچە قېتم بىللە ياتقانلقنى بىلپ قاپتۇ.. ئۇنڭ تۇرمۇشدا بۇنداق ئىشلار ھازىرغا قەدەر بىر نەچچە قېتم يۈز بەرگەچكە ئامالسىز توي قىلشتىن رايى يېنىپ كەتكەن بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر بويتاق يۈرىۋاتدۇ.. ھازىر قىزلاردىكى ئەخلاقى جەھەتتكى بۇزۇلۇش بەكلا ئېغر .. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئەركەك باشقا ھەرقانداق كەمچلكلەرنى كۆڭلگە سغدۇرالسمۇ ئەمما ئۆز ئايالنىڭ پاك ئەمەسلكنى ئاللبۇرۇن باشقا بىر ئادەمنڭ ئاستدىن چققانلقدىن ئىبارەت رىئاللقنى قۇبۇل قىلالمايدۇ… ئۇنداقتا ھەرقايسڭلار بىر پەتۋا بەرسەڭلار ؟ ئۇ زادى قانداق قىلشى كىرەك..ئۇ بىر جۇۋان بلەن توي قىلسا نىكاھ يۈرشەمدۇ .. ئۇ بەختلك بۇلالامدۇ.. بىر ساۋاقداش . منىڭ بىر بالام بار .. ئەمما ئۇنڭ بولسا ھەممە نەرسس تۇلۇق .پەقەت شۇ بىر ئىناق ئائلگە بەكلا مۇھتاج ئىدى.. ھەر قېتم ئۇنى كۆرسەم كۆڭلۈم بەك يېرىم بۇلدۇ. بۇ گەپلەرنى ئۇ ماڭا قايسى كۈنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەپ بەردى. ئۇنڭ دىيشچە ھازىرغا قەدەر ئۇنڭغا پەقەت پاك بىر قىز ئوچىرماپتۇ،،،، مەيلى ئۈزى تۇنۇشقان ياكى باشقلار تۇنۇشتۇرغانلار بولسۇن ھەممسى ساپلا ››چىنسى چېقلپ كەتكەن ‹‹جۇۋانلار كەن.. بۇنى ئۈ ئۈزى ساقچى بولغاندىكىن بىلپ قاپتۇ.. مەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ئۇنڭغا زادى نىمە دىيشنى بىلەلمدىم.. كۇنلاردىن ئاڭلشمچە ئاياللار ئۈز ئىپپىتىنى بەرگەن ئەرنى 40يىلغچە ئۇنتالمايدۇ دەيدىكەن … بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنڭمۇ تخىمۇ ئۇغام قايناپ كەتتى… سىلەر ئىسلام شەرئتى بۇيچە بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار بىزگە … ئۇمۇ بويتاق يۈرىۋەرمەي ئۆيلنپ بۇ پەرىزنى ئادا قىلۋالسا .. رەھمەت
ئەسسالام ئەلەيكۇم …بۇ كىنونى چۇشىرەلمىدىم قانداق قىلسام چۇشىدۇ…..
مەن كۇندە كۇرۋەتىمەن
مەن بەك ياختۇردۇم بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن qq315032642@126.com tursun9.27@qq.com>
ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم قېرىندىشىم ( خەنجەر 010) سىز پەتىۋانى بىزدىن سورىماي ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغانلاردىن ئۆلىملاردىن سوراڭ … ئاياللارنىڭ بۇنداق بۇزۇلۇشى نۇقۇل ئاياللاردىكى مەسلە ئەمەس . زىنا قىلغان ئەر ھىچنىمىگە ھىساپ ئەمەسما … ؟ ئەجىبا ئەركەكلەرگە بۇ جەھەتتە ئۆلچەم يوقما ؟ تىگى تەكتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ئەركەكلەرگە ناھايتى چوڭ مەسئۇلىيەت كىلىدۇ … ئەمما جەمىيىتىمىزدىكى مەسئۇليەتسىز ، پاھىشۋازلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر …. ئۇلادا تۈزۈك ئىمان . ھايا ، ئەخلاق قالمىغاندىكىن جەمىيەتنى مۇشۇنداق بۇزىۋاتىدۇ …. ئۈزى بىلانلا كەتسىغۇ مەيلى جازاسىنى ئۈزى تارتىدۇ ….بىراق ئۇلار نۇرغۇن ياش يىگىتلىرىمىزنى ، ئىسىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى مۇشۇ يوللارغا سۆرەپ كىرىۋاتىدۇ …
مەن بۇ كىنونى چۈشرەي دىگەن لىكىن 115 توردىسكىسىدىكى 提取码نى يوللاپ بەسەڭلا بوپتىكەن،owqin0998@163.com بۇ خەت ساندۇقى،ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ فىلىمنى سۈزۈك نەشىرىنى ئائىلىدە كۆرمەكچى ئىدىم
توردىن كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمىدى ، بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىس تەمىنلەنسە
مەن 115 غا كىرگەن بولساممۇ چۈشۈرۈش نۇمۇرى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى !
بېكەت باشقىغا تەكلىپ بۇ فىلىم گەرچە تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان بولساممۇ
ياخشىلىقىنى ھىس قىلپ شۇنداق قىزىقىپ كۆرگۈم كەلدى ، بولسا بېكەت باشلىقنىڭمۇ
مەخسىتى بۇ فىلىمنى خەلقىمىزگە سۇنۈپ بىرقىسىم ناتوغرا ۋە ياكى ئىكىلىنىپ قالغان
تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت ئىشىدا قىينىلىنىۋاتقان ياشلارغا ئازىراق بولسىمۇ مەنپەت يەتكۈزىشى ئىنىيق شۇڭا توردىن بىمالا چۈشۈرۈش ئادېرىسى ئوچۇق ئاشكارە تەمىنلەنسە دەپ ئويلايمەن ، ،،،،،،،،،،،،،، مەنمۇ بۇ تور بېكەت نامىنى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە بېكەتتە
قويۇلغان فىلىم دىن كۆرۈپ بۇ توربېكەتكە كىرىپ بۇ توربېكەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك باشقىلارمۇ شۇ سىزنىڭ تەرجىمە فىلىملىرىڭىزنى كۆرۈپ
بۇ توربېكەت بىلەن تونۇشۇپ قىلىشى ئېنىڭ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام
توغرا چۈشۈنۈڭ مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى دىدىم ھەممىمىزنىڭ مەخسىتى پەقەت بىر
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بىزنىڭمۇ بەزى فىلىملەرنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگىمىز بار، ئەمما بىزدە بوشلۇق سېتىۋالىدىغان كىرىم يوق شۇنداقلا توردىكى بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت ۋە ھەرخىل چەكلىمىلەرگە ئىگە بولغانلىقتىن فىلىمنى ئاساسلىق توردىلا تەمىنلەشنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتىمىز، شۇڭلاشقا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز
بۇ فىلىمنى سۈزۈك نەشىرىنى ئائىلىدە كۆرمەكچى ئىدىم
الله أكبر الله أكبر الله أكبرالله أكبر الله أكبر الله أكبرالله أكبر ………………….
چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەپ قويايلى قىرىنداشلار
كۆچۈرمىكەشلىك مىللىتىمىز يوقالغاندا تۈگىسە تۈگەيدۇكى بولمىسا تۈگىشىگە كۆزۈم يەتمەيدۇ
فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى نورمال ئەمەسكەن، مۇمكىن بولسا ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار!
ئىنكاسلارنى كورۇپ مېنىڭمۇ بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى
بۇلدىكەن
سويگۈ مىزنى مۇستھكەم قىلسۇن رەھبىىمىز!!!!
گەرچە كىچىكىپ كۆرگەن بولسامۇ…………ئەركان ئاكام رەھمەت ئېيتىمەن…………………..
چۈشۈرۈش نۇمۇرى قانچە ؟ بىلىدىغانلار ئېيتېپ بېرىڭلار ؟ بىزمۇ كۈرۈپ باقىلى .
بۇ ‹مۇھەببەت ھىكايىسى›فىلىمىنى ‹ئۇ› نىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنتۇق.مەگگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ،يەنە مۇشدا ياخشى كىنولارنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۈرسەم دەيمەن.ئەركان ئەپەندى رەخمەت.شۈكرى…….
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى مىڭ بىر جاپادا چۈشۈرگەن ئىدىم. ئەپسۇس خېتى ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئىكەن
مۇۋاپىق كەلسە ماڭا ئۇيغۇرچە خەت ھۆججىتىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار پۇلغا سېتىۋالساممۇ مەيلى ئىدى
22:52
ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھەقنى كۆرىدىغان كۆز، ئاڭلايدىغان قۇلاق، ئالدىغا ئىنتىلىدىغان مۇستەھكەم قەدەم ئاتا قىلىشى بىلەن قەلبىمىزدە ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى مۇستەھكەم قىلسۇن ئامىن.
بۇ باھاغا پىكرىم بار