بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم بولۇپ فىلىمدە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يەنى ئاتا-ئانىنىڭ پەقەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بالىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى چىن ۋە يۇمۇرىستىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمنى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر فىلىم تورداشلارنىڭ تەلىپى بىلەن شۇنداقلا ئەركانى ۋە ئەخمەتجاننىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەھرىرلەندى، ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ
494104424
ئالامەت پىچەت كىنو كەن سىلەنىڭ تەرجىمە كىنورىڭلانىڭ ئادىرىسى نەدە؟
قايسى ئادىرىسنى دەيدىغانسىز؟ بىزنىڭ ئادىرىسىمىز مۇشۇ شاھ ئۇيغۇر بلوگى شۇ، ئۇندىن باشقا ئادىرىسىمىز يوق
فىلىم تېما ۋە مەزمۇن جەھەتتە قالتىس ئىكەن، تەجرىمىسىمۇ ئالامەت ياخشى بوپتۇ. تەرجىمىگە ئەجرى قىلغۇچىلارغا رەھمەت!!!!!!!!!!
بۇ كىنۇ نى كوگەنسىرى كورۇپ قا نمايمە رەخمەت سىلەر گە
ئەگەر ۋاختىڭ لار يار بەرسە بۇ كىنو لار نى تەرجىمە قىلساڭ لا Avatar ) )
(难以置信的爱)
ئاۋاتار فىلىمىنى خېلى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىپ بولغان، يەنە بىر فىلىمنى ئىزدەپ باقساق بولىدۇ
تەرجىمە سىلەرنىڭكىدە ئەمەسما؟ ئىزدەپ تاپالمىدىم. قۇتيار تورىدىمۇيە؟
بۇكىنو بەك ياخشىكەن
ناھاتى ياخشى تەرجىمەقىلىپ سىلەر رەخمەت
ياخشىمۇسىز شاھ ئۇيغۇر
بۇ كىنونى نېمىشقا ئىلگىرى كۆرمىگەندىمەن دەپ كەتتىم، ئاخشام بۇ كىنونى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئىلگىرى ھىندىستان-پاكىستاننىڭ كىنولىرىنى قەتئىي ياقتۇرمايتىم ئەمما بۇ كىنو ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھەقىقەتەنمۇ ياشلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىغا ئەرزىگۈدەك كىنو ئىكەن، بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك بەلكىم توقۇلمىدۇ لىكىن ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر ھازىرقى ئالى مەكتەپ، ئۇنۋان، ئىشسىزلىق بۆھرانلىرىغا قارىتا يول كۆرسۈتۈپ بېرەلگۈدەك.
توغرا قەغەزنىڭ نېمە كېرىكى، بىر پارچە قەغەز(دېپلوم) ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويالامتى، مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم بۇ «قەغەز قوراللار دەۋرى» بىلەن قاچانمۇ خوشلىشارمىز…؟!
ئاخىرىدا تەرجىمىڭىزگە راھمەت ئېيتىمەن.
ئامىرخاننىڭ فىلىملەرى بەك ياخشى ، 3~4 يىلدا بىر فىلىم ئىشلەيدۇ ، ئىشلىگەن فىلىمى ئۇتۇق قازانماي قالمايدۇ !
بۇ كىنو ھەققەتەن ياخشى چىقىپتۇ
بەك ئېسىل كىنوكەن. كۆرۈپ بولغىچە كۈلۈپ چىقتۇق.
مۈمكىن بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئېلخەت 45661336@qq.com
مۈمكىن بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسزمۇ؟ ئېلخەت 45661336@qq.com
ئۆزگىچە كىنو جۇما بۇ، چوقۇم كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. يېڭى چىققاندىلا ئەسلى تىلىدا كۆرگەن ئىدىم.
فىلىمنى باشقا تور بوشلىقىدا قويسىڭىز بولامدۇ ؟
ياڭيۇ تورى نىڭ سۇرئىتى بەك ئاستا ئىكەن .
ئاقساقاللىق قىلىپ سالدىم ….
ئاشۇنداق بوشلۇق بولسا تەمىنلىمەمسىز؟بولسا بىۋاستە چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان قىلغىلى بولار…
ئۇنداق چۈشۈرگىلى بولىدىغان جاي بولسا ما شاھ ئەپەندىمنىڭ قۇيقا
چېچى تىك تۇرا….ھې ھې
优酷 ياخشىمىكەن دەيمەن. مەندە بۇنىڭ سۈرئىتى تىزراق چىقىدۇ. 56 نىڭ ئېلانلىرىمۇ بەك بەزەپ. بەزى ئېلانلىرىدىن ئادەم سەسكىنىدۇ.
رەخمەت
ھەقىقەتەن ئىسىل كىنوكەن، بۈگۈن ئاران دىگەندە بىر دەم ئېلىش بوپتىكەن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز. ياخشى تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي… رەھمەت!
رەھمەت سزىگە
بۇ فىلىم ئۆتكەن بىر يىلدا ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە سىرلانكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەيغا خەلقئارا كىنو كۆۋرۈكى قاتارلىق داڭلىق كىنو بايراملىرىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ۋە ناخشىلىرى ئۆزگىچە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن ، فىلىم ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقىت ئىككى يىل بولۇپ، رېژىسسور ۋە ھەر قايسى ئارتىسلارنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە بۇ فىلىم: «ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى ئەر ۋە ئايال باش رول ۋە قوشۇمچە رول» مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى……
بۇ فىلىم مېنىڭچە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان، بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىدىغان ۋە ئارزۇ تولدۇرۇپ، كەسىپ تاللايدىغان، كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ….
فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ، سىزمۇ ئىختىيارسىز ئۆزىڭىزدىن سورايسىز….
مەن نېمىگە قىززىقىمەن؟….كەلگۈسىدە نېمە بولىمەن؟….قانداق كىشىلىك قىممەت بىلەن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمەن؟….دېگەندەك سوئاللار….
توغرادەيسىز، دىمىسىمۇ نۇرغۇن بالىلار پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ يوليۇرۇقى بويىچىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىنى تاللايدۇ،بىراق ئۆزىنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرسەتكەن يولىمۇ خاتا ئەمەس، لىكىن ئۇمۇ بىر ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭمۇ بەلگىلىك كۆز قارىشى بولىدۇ………
مەنمۇ پۇرسەت بولسا بۇ كىنونى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەشۋىق قىلىپ قوياي دەۋاتىمەن….
بۇ كىنونى كۆرۈپ ھىندىستاننىڭ ھازىرقى كىنو ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ خېلى يامان ئەمەس بوپقالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇرۇنقى فىلىملىرىدە ئاساسى رولچىنى بەك غايىۋانە ھەم لاۋزا چىقىرىۋېتىتى. ئۇنىڭ مۇشى تەگمەي تۇرۇپ دۈم چۈشىدىغان، مۇشلاشسا 1 مۇش يىمەيدىغان، قىز بالا ياردەمگە ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا چوقۇم پەيدا بولىدىغان، بىرسى يەنە بىرسىنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان… قارىسا ھەممىسى بىرخىلدەك.
بەلەن كىنوكەن، ياخشى تەرجىمە بوپتۇ! جاپا چەكتىڭلار
يوۋكۇ تورىغا يوللىساڭلار بوپتىكەن، تۇدۇ دىن ئۆچىرىۋىتىپتۇ
بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم . ھىندىستاننىڭ فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتىدۇ . بۇلۇپمۇ‹ ئۈچ ئەخمەق› فىلىمىدىكى ناخشىلار بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزىۋىتىدىغان بۆلىكى ئەمەس بەلكى قايتا قايتا ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ .
ھىندىستاننىڭ‹ ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھابىتى ›دەيدىغان بىر فىلىمىنى بۇلىدىغان ، ئەگەر تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دىسەڭلار كۆرۈپ بېقىڭلار خېلى ياخشى ئىشلەنگەن .
شاھ بىلوگىنىڭ ياخشى فىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەخمەت .
بۇ كىنونىڭ تەرجىمىسى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. ئەركان خوتەنى ئەپەندىمنىڭ كىنو تەرجىمە قىلشى راسلا ئۆزگىچە جۇمۇ.
مەن بەكمۇ ھاياجانلاندېم بەك ياخشې ئش قىپسلە سلەرگە اللا يار بولسۇن ئشلرىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن–
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بىر كۆرگىدەك كىنو بۇ. ئاغىنە دېگەن مۇشۇنداق بولسا….ھەي…………………..
مەن بۇرۇن بۇ كىنونى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،لېكىن ئىسمىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان.ياتاقتىكى خەنزۇ ساۋاقداش بىزگە بەك ماس كىلدۇ،چۇقوم كۆرۈڭلار دىگەنىدى ،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچىسىنى كۆرۈپتىكەنمەن،راستىنلا بەك يارىغاندى،يەنە كىلىپ جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى ھىندستانلىقلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدم.يەنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىيتقاندەك«جۇڭگۇ مائارىپى يادلاش مائارىپى،ئامىركا مائارىپى ئەمەليەت مائارىپى.»ئەمدى بىركۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئانام بەرگەن تىلدا كۈرۈپ چىقمايدىغان بولسام.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن بۇ كىنونى بەكلا ياقتۇرۇپكۈرۈۋاتاتتىم كىنو يېرىم بۇلىشىغىلا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپقالدى داۋامىنى كۈرۈشكە شۇنچە ئنتىزارمەن ئېغىر كۈرمەي داۋامىنى كۈرۈشنىڭ ئامالىنى دەپبەگەنبولساڭلا قايتا قايتا كۈرسەممۇ پەقەت داۋامىنى كۈرەلمىدىم [ ئىنكاسىم جاۋابسىز قالمىغاي قېرىنداشلار]
مەن بىر نەچچە كومپيۇتېردا سىنىسام نورمال چىقتى بولمىسا، شۇنداقتىمۇ كۆرۈش ئادىرىسىنى يېڭىلاپ قويدۇم، قايتا كۆرۈپ باقارسىز
فىلىم قۇيۇلمىدى،مەن ئەسلىي تىل خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرگەن.ئۇيغۇرچە خەتلكىنى كۆرگۈم بار ئىدى..
ھىندىستان كىنولېرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن كىنو ئوخشايدۇ بۇ،بولۇپمۇ ناخشىسى ماڭا بەك ياقتى،شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى يولداشلارنىڭ تىنىنىڭ ساق،تەرجىمە ئىشلېرىنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىنى بىر ئاللاھتىن تىللەيمەن!
رەھمەت…
كىچىككىنە تەكلىپ: ۋاقتىڭىزلار بولسا «印度往事» دىگەن ھىندىستان قىلىمىنى تەرجىمە قىلىپ كۆرسەڭلەر! ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم، كەچۈرگەيسىزلەر!
كىنو بولا ماشتاق بولا ھەقىقەتەن ياخشى كىنوكەن تەرجىمىللىرىمۇ شۇنداق جانلىق ئۇلار خۇددى ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقاندەكلا
شاھىم ماۋۇ يىڭى نەشىردىن بىزگىمۇ بىر نۇسخا بەرگەن بولسىلا قانداق ؟
تەرجىمىدە ئازراق خاتالىق بارمۇ نىمە؟
مەن بۇ كىنونىڭ تەرجىمىسىدىن قۇسۇر تاپالمىدىم، مېنىڭچە ئەڭ ئۆزگىچە، ئەڭ ياخشى چىققان تەرجىمە كىنونىڭ بىرسى بۇ.
دەپ بېقىڭە قايسى يەردىن چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ، بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى
بىر تەكلىۋىم بار ئىدى ئەگەر ئىدىيەڭلاردىن ئۆتسە ۋە خالاپ قالساڭلار ئىشۇ تەرجىمە ھۆججەتلىرىنىمۇ ئايرىم يوللاپ قويساڭلار، سۇزۇك نۇسخىسىنى تاپقانلار بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەك. خەنزۇلانىڭ مەخسۇس تەرجىمە فىلىملارنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەمىلەيدىغان تور بەتلىرى بار. مومكىن بولسا بىزدىكى شۇ بوشلۇق تولدۇرۇلسا. يەنە بىر تەكلىپ ھازىرغىچە شاھ بىلوگ نىڭ ناچار فىلىملەرنى تەرجىمە قىلغىنىنى كۆرمىدىم يەنىمۇ تىرىشىپ بەزى ناچار كۆرنۈشلەر قىستۇرۇلغان‹شالتاق›فىلىملەر شاھ بىلوگ ۋە باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىسا دەيمەن….. سۆزۈمگە يىزىلغان جاۋاپ ۋە ئىنكاسلاردىن ئىتبارغا ئىلىنغانلىقىمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن….. رەھمەت قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى مەزمۇنلۇق فىلىملارنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە سۇنغىنىغا ۋە بۇنىڭدىن كىيىن توختاپ قالماي بولسا ئىسلامىي نەشىيد ۋە كىنولارنى تەرجىمە قىلساڭلار…. ئاخىردا سىلەرگە ئۇلۇغ تەربىيەتچىمىز ۋە بىزلەرگە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلغان ئاللاھتىن كۆپلەپ رەھمەت ۋە ھەقىقى ئىمان ئاتا قىلىشىنى چىن كوڭلۈمدىن تىلەيمەن.[ئامىين]
ياخشى تەرجىمە قېلىپسىلەر، بۇندىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق فىلىملەرنى تەرجېمە قېلىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۇمۇد قېلىمەن. پېكىرىم ئېنگىلزچە كېنۇلارنىمۇ كۆپەرەك تەرجىمە قىلارسىلەر.
بۇ تەرجىمىدە بولغۇسى ئايالىم دىگەن گەپ بولغۇسى دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ .
خەپ بۇكىنونى ئوقۇتقۇچىم بىلەن دادامغا بىر كۆرسەتمىسەم كۆڭلۈمدىكىدەك ئىشلەپتۇ نىمىدىگەن ياىشىكىنو ھە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار! مىنىڭ خىلى بۇرۇنلا بۇ بىلوگقا ئەزا بولغۇم بارئىدى… … بۈگۈن نىسىپ بوپتۇ. ھەممىڭلارغا رامىزانلىق سالام يوللايمەن!
بۇ كىنوغا كەلسەك، بۇرۇن بىر كۆرگەن ئىدىم، ياخشى ئىشلىگەن ئىكەن. يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ چىقاي. تەرجىمە خىزمىتىگە ئەجىر قىلغان دوستلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ئوچ ئەخمەك دىگەن كىنو قىزىقارلىق تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلارنىڭ كۇرۇشىگە ئەرزىيدىكەن. بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغان ئەركەن خوتەنى ئەپەندىگە رەخمەت.
ئاغىنە دوسىت- بۇرادەر دىگەن مۇشۇنداق بولسا، بىر- بىرىگە سادىق، بىرسى- بىرسىنىڭ دەردىگە يىتىدىغان. مەن ھەيران قالدىم، بۇغۇ كىنو لېكىن ئويلاپ قالدىم، بۇ ئۈچەيلەندەك جان دىسە جېنىنى بىرەلەيدىغان مۇشۇلاردەك دوستلاردىن جەمىيتىمىزدە قانچىلىك باردۇ؟ (دوستى بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ئىشتىنىنى كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا، دوستى ئۈچۈن بىر تويى بۇلىۋاتقان قىزنى تويدىن ئېلىپ ئاغىنىسىنىڭ يىنىغا ئەكىلىپ بەرسە، ئاغىنىسى ئۈچۈن ئىمتىھان سۇئالىنى ئوغۇرلاپ تاياق يىسە) دەپ كەلسەم گەپ تولا مۇشۇنداق دوستتىن سىزنىڭ بارمۇ؟؟؟؟؟ كېنى ؟؟؟؟؟ ئويلاپ بېقىڭ!؟؟؟
ھەقىقەتەن ئىسىل كىنوكەن، بۈگۈن يەنە بىر كۆرۈپ چىقتىم……….. بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغان ئەركەن خوتەنى ئەپەندىگە رەخمەت.تەرجىمە خىزمىتىگە ئەجىر قىلغان دوستلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
rahmat,ana tilim gohar tilim ,adamga ata kilidigan tuygusimu baxkiqa
rahmat,ana tilim gohar tilim ,adamga ata kilidigan tuygusimu baxkiqa
جاپا تارتتىڭلار رەھمەت سىلەرگە~~
مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ سۇزۇك نۇسخىسىنى يوللاپ بەرسەڭلار~~!
254227481@qq。com
تەرجىمانلارغا كۆپ رەھمەرت،سىلەر تەرجىمە قىلغان ئىككى فىلىمنى كۆردۈم،ھەر ئىككلىسى ئادەمگە زوق بېغىشلايدىغان ،ئويغا سالىدىغان ،تەپەككۇر قىلدۇردىغان ……،شۇ تاپتا سوراپ باققۇم كەلدىكى :مەن سىلەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيمەن؟ئاددىلام قىلىپ: ‹‹رەھمەت سىلەرگە!›› دەپلا قۇيۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،چۈنكى سىلەرنىڭ ماڭا ۋە بىزلەرگە قىلغان سوۋغاڭلار ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلگەن ئەمەس،شۇنداقلا سىلەردىمۇ مەلۇم ئۈمىد ۋە نىشانلار بولىشى مۇمكىن ،شۇڭا………مۇمكىن بولسا ئامىركا ھىكايە فىلىمى ‹‹بە خىت كىلىپ ئىشكىڭىزنى چەككەندە 当幸福来敲门 ››دىگەن فىلىمغىمۇ نەزەر سېلىپ باققان بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىرنەچچە كۈننىڭ ياقى كۇچىلاردىكى چوڭ ئىلان تىلۋۇزۇردا بۇ فىلىمنىڭ ئىلاننى كۈندە نەچچە رەت كۆرۈپ بۈگۈن كۈرۈپ بېقىش نىيتى بىلەن ئاخىرى ئىزدەپ يۈرۈپ بۇيەردىن تېپىشىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىمىغان ئۆزگىچە فىلىم ئىكەن .
مەزكۇرفىلىمنىڭ بىريەلىرى ئادەمنى ئۈچۈيۈزى ئۈزلۈپ كەتىكىچە كۈلدۈرسە يانا بىريەلىرى ئادەمنى يىغلىتىپ بىريەلىرى تەپەككۇر دەرياسىغا غەرىق قىلدىكەن ئىشقىلىپ ياخشى فىلىم ھەم ياخشى تەرجىمە بوپتۇ
مەزكۇر فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرنىڭ ھۇزرىمىزغا سۇندان دوسلارنىڭ ئىشلارغا ئاسانىشلىق تىلەيمەن .
مۇۋاپىقىيەت سىلەرگە ياربولسۇن .
كىنودىگەننى مانا مۇشۇنداق تەرجىم قىلمامدۇ!بىلوگىڭىز بەك پەيزىكەن!بۇيىل چۇقۇم 1-بولىسىز !سىزگە بىلەت تاش لايمەن!
بەك پەيزىكەن سىز دەكلا!
بۇ فىلىمنى تىلۋىزىريە ئىستانسىدىنمۇ تەرجىمە قىپتۇ، ئاۋازلىق، لىكىن سىلەردەك قىزىقارلىق تەرجىمە قىلالماپتۇ، يەنە سىلەرنىڭكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تىلىقىپ قاپتىمەن، بۇنى ھازىر كىنوخانىدا خەنزۇچىسىنى قويىمىز دەپ ئىلان بىرىپ يۈرىدۇ، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق فىلىمكەن
ياخشىمۇسىز ؟ بۇ كىنونى چۈشىرگىلى بولمامدۇ ؟
ھىندىستان كىنولىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل فىلىمكەن بۇ . دوسلۇق دېگەن شۇنداق بولسە ھە!!! مىنىڭمۇ شۇنداق ئەخمەق دوسلىرىم بولسىكەن دەپ .ئويلاپ قالدىمغۇ. ھې ھې ھې . قايتا -قايتا كۆرسىمۇ زېرىكمەيدىغان فىلىم ئىكەن بۇ
بۇ فىلىم ئىنتايىن ياخشى ئىكەن
بۇ كىنونى يۈز بىرىنچى قېتىم كۈرىشىم….
مىنىڭ ئۈچىنچى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى ساقلىۋالاي دىگەن لىكىن 12 مىنۇتلۇق يىرىگە كەلگەندە ئاخىرى چىقمايۋاتىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتى بەكلا ئاستا چۇشۇرەلڭەنلەر بولسا يوللاپ بەرسەڭلا بوپتىكەن mihmanjan@126.com چ چ 1727159757
بەك ياخشى بولۇپتۇ،چۇشۇرەلىگەنلەر بولسا يوللاپ بەرسەڭلا بوپتىكەن577133154@qq.com چ چ 577133154،984849512
مەن ئادەتتە تورخاتىرسىگە(بلوگ) ئىز قالدۇرمايدىغان ئىدىم، مەنمۇ دەسلەپ بۇ فىلىم توغرىسىدا توردا كۆپ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى كۆرگەن بىراقم، فىلىم ئۆزىنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ كۆرمىگەن!
مەن بۇ فىلىمنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم كۆرۈپ ھەقىقەتەن ياخشى چىققان فىلىم ئىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم، ئۆزۈممۇ ۋاقتىم چىقىسا يەنە كۆرۈش ئويۇم بار. بۇنداق ياخشى فىلىملىنى كۆرمسە ئەپسۇس لىنارلىق ئىش بولىدۇ!
نىمىدىگەن ياخشى كىنو ھە،ھىندىستاننىڭ مۇھەببەت كىنولىرىنى تولا كۈرۈپ زىرىككەنىدىم.ھەقىقەتەن مەن كۆرگەن ھىندستان كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كىنوكەن.بۇرۇن نىمىشقا كۆرمىگەنمەن دەپ پۇشايمان قىلىپ كەتتىم.دوسلۇق دىگەن شۇنداق بولسا،ھايات دىگەن شۇنداق بولسا دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بۇلاتتى.ۋاختىم چىقسا بۇ كىنونى يەنە نۇرغۇن قېتىم كۆرگۈم بار.شاھ ئۇيغۇر بىلوگىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.تېخىمۇ ئېسىل كىنولارنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنمۇ بىر كۆرۇپ باقاي
ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم
مۇشۇ ئامىرخاننىڭ يەنە بىر كىنوسى باتى 芭萨提的颜色دەپ،خېلى يامان ئەمەس ،بەلكىم سىلەر كۆرگەن،بولسا مۇشۇ كىنونىمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار،رەھمەت،ئۇلۇغ اللە ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ئەجرىڭلارغا ساۋاب ئاتا قىلغاي(ئىنشا اللە).
بۇ كىنونى قانچە قېتىم كۆرگىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، بىراق پەقەتلا زىرىكىشلىك ھىس قىلمىدىم… تەرجىمىسىمۇ شۇنچىلىك پەيزى چىقىپتۇ. تەرجىمانىمىزغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم…
12:33
رەخمەت كىنو لار بەك ياخشىكەن مەن تەرجىمە كىنۇ لار نى ناخايتى ياختۇرما
بۇ باھاغا پىكرىم بار