Post Thumbnail of ھەقىقەت ھەققىدە سۆھبەت
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2012 1-ئىيۇل | زىيارەت:6,449

دۇنيادا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق دېگەن نەرسە مەۋجۈد، مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا بولسۇن ۋە ياكى باشقا جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا بولسۇن بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ھامان ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، ئەگەر كىمدە كىم تەبىئەتنىڭ بۇ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماقچى بولىدىكەن ئۇنداقتا شۇ خىل مۇھىتتىكى بارلىق شەيئىلەر شۇ خىل قىلمىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبكارى بولىدۇ ھەمدە جازاسىنى تارتىدۇ خالاس. خوش، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىز «ھەقىقەت ھەممىدىن غالىب» ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنىدۇق، ئەمدى شۇ ھەقتە ئىشلەنگەن ئامىرخاننىڭ تۆۋەندىكى پروگراممىسى دىققەت نەزىرىمىزدە بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ھەقىقەت ھەممىدىن غالىب
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 27-ئىيۇن | زىيارەت:5,450

ئامىرخان (Aamir Khan) ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئاتاقلىق رېژىسسور شۇنداقلا داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، سەككىز ياش ۋاقتىدىن باشلاپ رول ئېلىپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق بالا چولپان دەپ تەرىپلەنگەن. بىراق ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىنوچىلىق كەسپىگە قىزىقماي، پەي توپ كەسپىگە كىرىشىپ كەتكەن. لېكىن بۇمۇ بىر خاتالىق بولماستىن ئۇ بۇ كەسپتىنمۇ شەرەپكە ئېرىشىپ فېدېراتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پەي توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ پەي توپ كەسپىدىن بارا-بارا ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېكران ھاياتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ كىنوچىلىقتا بىزگە بەرگەن تەسىرى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ سەھنە ھاياتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئوبرازلارنى ھەققى يورۇتۇپ بېرىپ دۇنيا كىنو ساھەسىگە يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.