دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا بلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، بۇ يىل بېشىدىمۇ مەلەك، ئايتۈرك قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيەدە بۇ يىلقى «قېرىنداشلىق» باش تېما قىلىنغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنىدۇق، ئۇنداقتا باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدە بىزگە يەنە نېمىلەرنى يەتكۈزىدۇ؟ قىزىقسىڭىز جان پۇلات ۋە قۇيرۇق قاتارلىق دوستلىرىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلىغان تۆۋەندىكى سىندا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : جان پۇلات
ئۆتكەندە توردا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوبانىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلىگەن تەبرىكنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئوبامانىڭ شۇ قېتىملىق نۇتۇقىنىڭ سىن ھۈججىتىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم شۇنداقلا توردىشىمىز جەمشىتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ سىن ھۈججىتىنى تېپىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ كىرىشتۈرۈپ قويدۇم، تۆۋەندە نەزىرىڭلار ئۇشبۇ رامىزانلىق نۇتۇقتا بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : ئامېرىكا پارلامېنتى خەلقئارا ئۇچۇر ئىدارىسى
قېرىنداشلىق-پەيغەمبىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراستۇر، قېرىنداشلىق-ھەربىر كىشىنىڭ بىر-بىرىنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىشىدۇر، قېرىنداشلىق-ھەركىشىنىڭ بىر-بىرىگە جەننەتنى تەۋسىيە قىلىشىدۇر ، ئىنسانلار ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ بەكرەك يېقىنلىق يوقتۇر، دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەردوغان ئەپەندىنىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، ئۇ بۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «قېرىنداشلىق» دەپ ئۆتكەنىدى، ئۇنداقتا بۈگۈن سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى نەق مۇشۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «قېرىنداشلىق»
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
ئىلگىرى تورداشلىرىمىز بلوگىمىز ئارقىلىق ئوباما، ستېۋ جوبس قاتارلىق بىر قانچە دۇنياغا مەشھۇر زاتلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن بىر قانچىنى كۆرۈپ چىققانىدى، بۇ قېتىم ئۇلارغا قارىغاندا بىزگە يېقىنراق بولغان يەردىكى يەنە بىر زاتنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : نۇر ئەلى (مىسرانىم مۇنبىرىدىن)
تۆت يىرىم يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكىغا بىر قارا تەنلىكنىڭ ئوغلى پرېزىدېنت بولۇشقا بەل باغلىغان ۋە غەلىبە قازانغاندا، ئامېرىكا قانۇنى ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشى مەۋجۇت رىئاللىقتىن چارچىغان ياشلىرىمىزغا دۇنيانىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلىرىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى، مانا بۈگۈن يەنە شۇ دېموكراتىيەنى قۇۋۋەتلىگۈچى ئاساسى قانۇننىڭ كۈچى بىلەن تۇنجى قارا تەنلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى كۈچلۈك رەقىبى ھېسابلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى رومنىينى يېڭىپ يەنە بىر قېتىملىق غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىدى، ئۇنداقتا ئەمدى ھەممەيلەن ئۇنىڭ نۇتىقىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : تاھىر ئىمىن
بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام رىقابىتى ئاخىرى دېموكراتىك پارتىيە نامزاتى شۇنداقلا ئۆتكەن توت يىلدا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان باراك ئوباما يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئامېرىكىنى كېيىنكى قېتىملىق پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى رومنىي گەرچە بۇ قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەلدىكى، ئەڭ نوپوزلۇق پارتىيەنىڭ نامزاتى بولمىش رومنىينىمۇ ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بىرلىكتە تاھىر ئىمىن تەرجىمىسىدىكى رومنىينىڭ تەن بېرىش نۇتىقىنىمۇ بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى
ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىسى : تاھىر ئىمىن
Steve Jobs كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى،Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ قۇرۇق قولغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئۈلگىسى، تۆۋەندە تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ سىتەنفورد(Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى 2005-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقىنى كەڭ تورداشلارنىڭ بەھىرلىنىشى ھەم پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق
تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركارWWW.TORHUMAR.COM
قىسقا بولغان قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەم قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپمۇ بولدى، بۇ مەۋسۈم نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مەۋسۈم بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ۋە شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ ياتماقتا، ئەسلىدىغۇ ئۆزۈم بىر نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر قېتىملىق مەدەت بېرىپ قوياي دېگەنىدىم، ئەمما ماۋۇ باراك ئوباما دېگەن ئاداش مەندىنمۇ ياخشى سۆزلىگەچكە قۇرۇق پاراڭ سالماي دەپ شۇنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئاخىرىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ يېڭى مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : كارو www.dozah.com