Viewing Category » تەرجىمە كارتون

رازۋېتچىك كونان

Post Thumbnail of رازۋېتچىك كونان

ياپونىيە كارتون فىلىمى «رازۋېتچىك كونان» ياپونىيە داڭلىق ھەجۋى رەسىمچىسى ئائوياما گوشونىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1994-يىلى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى راسمى تىياتىر نەشىرى ئېلان قىلىندى، فىلىم ئىشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ياشلار ئارىسىدا كونان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ باقمىدى، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا رازۋېتچىك كوناننىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان «ۋەھىمە نۇتىسى» نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى www.islambeg.com

نۆلنىڭ ھاياتى

Post Thumbnail of نۆلنىڭ ھاياتى

نۆل بولسا Christopher Kezelos بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان قاتۇرما كارتون، ھېكايە تەقدىر ۋە ئىقتىدار تۇغۇلىشىدىنلا بەلگىلىۋېتىلىدىغان بىر دۇنيادا بايان قىلىنىدۇ، 9 بولسا قابىلدارلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سانى قانچە كىچىك بولغانسىرى ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ باش پېرسوناژىمىز بولسا، بىچارە نۆل ئىدى، ئۇ ئىزچىل كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، تاكى ھاياتىدىكى يەنە بىر نۆلنى يولۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسلىدە دۇنيادا يەنە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت ئىدى…

تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار

پىنگۋىنچاق پورورو

Post Thumbnail of پىنگۋىنچاق پورورو

خوش، بۈگۈن ئۇماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بىر كۈن باغچىلاردا يۈرۈپ ھاردۇقمۇ؟ ئەمدى بۈگۈن كەچمۇ يەنە شۇ ئۇماق پەرزەنتلەرگە تەۋە بولسۇن، ئۇنداقتا ھېكايىمىزنى باشلايلى، ناھايىتى ئۇزاق بىر قارلىق دالىدا پورورو ئىسىملىك ئۇماق پىنگىۋىنچاق بىلەن ئۇنىڭ بىر قانچە يېقىن دوستلىرى ياشايدىكەن، ئۇلار شۇنداق ئىناق ئىجىل ياشايدىكەن، بىر كۈنى…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

ئۆتۈكلۈك مۈشۈك

Post Thumbnail of ئۆتۈكلۈك مۈشۈك

ئۆتۈك كىيگەن مۈشۈك دېگەن بۇ ئىسىم بەلكىم دوستلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، يېقىندا ھەتتا ئۇنىڭ كارتون فىلىمىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى، تۆۋەندە كۆرىدىغىنىڭىز ئۇنىڭ قىسقا 13 مىنۇتلۇق فىلىمى بولۇپ بۇ كىچىك قەھرىمان بۇ قىسقا سەپىرىدە يەنە قانداق مۈشكۈلاتلارغا يۇلۇقىدۇ؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى كارتون فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : Lucky boy

بالىلارنى ئالداپ قېچىش

Post Thumbnail of بالىلارنى ئالداپ قېچىش

بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەربىيەلەرنى ۋاقتىدا بېرىش بۈگۈنكى بالىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەر شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا ئۆزىگە خاس تەربىيە ئۇسۇللىرى بار، تۆۋەندە بىز قىسقىچە بىر كارتون ئارقىلىق ھىندىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيىسىنى كۆرۈپ باقايلى

ئوردۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : ئەركان خوتەنى

شاكىچىك گروفاللو

Post Thumbnail of شاكىچىك گروفاللو

بەلكىم دوستلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان گروفاللو ناملىق كارتوننى ئېسىدە چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن، مانا ئەمدى بۇ گروفاللونىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھەممىدىن قورقمايدىغان بالىسى بار بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇ راستىنلا ھەممىدىن قورقماسمۇ ياكى دادىسىغا ئوخشاش كىچىك چاشقاندىن قورقۇپ ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي قېچىپ كېتەرمۇ، جاۋابىنى يەنىلا تۆۋەندىكى كارتوندىن كۆرگەيسىز

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

ئاللاھنىڭ سادىق قۇلى – بارلا

Post Thumbnail of ئاللاھنىڭ سادىق قۇلى - بارلا

بلوگىمىزنى زىيارەتچىلىرى بەلكىم تۈركىيە ھېكايە فىلىمى بەددىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ كۆرەشلىرى بايان قىلىنغان ھۈر ئادەم فىلىمىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، يېقىندا SER فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھېكايە فىلىم كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ پىدائىي تورداشلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى

Post Thumbnail of ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى
 تەرجىمە كارتون,فىلىملەر 12 ئۆكتەبىر 2012

بۇ بىر ئىنتايىن گۈزەل ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارنى ئاقكۆڭۈللۈككە، مېھرىبانلىققا يېتەكلەيدىغان ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارغا قانداق ياشاشنى، ھاياتلىقتا نېمىگە ئىشىنىش، نېمىگە تايىنىشنى، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشنى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىدىغان ھېكايە، بۇ ھەم شۇنداقلا بىزنىڭ دىلىمىزنى يورۇتىدىغان ھېكايە، بۇرۇندىن تارتىپلا بىز مۇشۇ ھېكايىلەرنى ئۆزىمىزگە قانداق ياشاش توغۇرلۇق ئۈلگە قىلىپ كەلدۇق، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ھېكايە؟ دېمىسەممۇ بۇ يازمىنىڭ تېمىسى ئارقىلىق سىز بەلكىم بۇ ھېكايىنى بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندە چەتئەلدە ئىشلەنگەن مەخسۇس ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇشتۇرغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىم ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، نۇرئەخمەت

«ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن ئارىيە

Post Thumbnail of «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن ئارىيە

ئالدىنقى يىللىرى يەر شارى مىقياسىدا داغدۇغا قوزغىغان قىزىقارلىق 3D كارتون فىلىم «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى نۆۋەتتە جىددى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا فىلىمدىكى مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ توي مۇراسىمىدا، ئات بىلەن خامىلىئوننىڭ توي ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ تېپىپ كېلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋە جىددى بىر بۆلەك كۆرۈنۈش ئاشكارىلانغان. قىسغىنە نەچچە مىنۇتلۇق فىلىم بەلكىم سىزگە بىر مەيدان توختاۋسىز كۈلكە ئاتا قىلىشى مۇمكىن

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

سىزنىڭ دوستىڭىز – چاشقان

Post Thumbnail of سىزنىڭ دوستىڭىز - چاشقان

سەمىمى ئاگاھلاندۇرۇش : مەزكۈر كارتون فىلىم پىكسار كارتون شىركىتى ياكى ۋولت.دىسنىي شىركىتى شۇنداقلا تەرجىمە قىلغان ئورۇن شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ چاشقانلار بىلەن ئۇچرىشىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان قىىلمىش بولۇپ، سىزدە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، گەرچە فىلىمدە چاشقان ئامالنىڭ بارىچە ئىنسانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما چاشقان دېگەن ئەڭ مەينەت ھايۋان، ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشىشىغا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ، ئەگەر سىز چوقۇم چاشقانلار بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئاقىۋېتىنى ئوبدان ئويلىشىشىڭىز كېرەكتۇر، چۈنكى بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە يەنىلا ئۆزىڭىز ئىگە.

تەرجىمە قىلغۇچى : پاتىگۈل ئېزىز

ئۈچ چوشقا بىلەن چىلبۆرە

Post Thumbnail of ئۈچ چوشقا بىلەن چىلبۆرە

بالىلار ھېكايىسى ھەممىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەشۇ سەبى ۋاقىتلىرىمىزدا بىز پەقەت شۇ بالىلار ھېكايىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئاددى بىلىملەرنى ئۆگىنىمىز، دۇنياغا داڭلىق دىسنىي شىركىتىمۇ بالىلارنىڭ شۇ پىسخىكىسىغا ئاساسەن نۇرغۇنلىغان بالىلار ھېكايىسىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقىپ نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەنىدى، تۆۋەندە ھەممىمىز شۇ بالىلىقىمىزدا تولا ئاڭلىغان ھېكايىلەردىن بىرى بولغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىمدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

چابچاب CHUBBCHUBBS

Post Thumbnail of چابچاب CHUBBCHUBBS

كائىناتتىكى نامەلۇم بىر پلانېنتتا بىر توپ تاشقى پلانېنت ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ كائىنات مەيخانىسىدا بەھۇزۇر ھايات پەيزىنى سۈرمەكتە، گەرچە ئۇلار ھەممىنى قورقۇتالىغان بىلەنمۇ ئەمما ئۇلارنىڭمۇ قورقىدىغان نەرسىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ چابچاب، ئۇنداقتا بۇ بىر توپ تاشقى پلانېنت ئادەملىرىنى قورقۇتالىغان بۇ چابچاب زادى قانداق نەرسە؟ ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق چابچابنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى

چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى (تۇلۇق)

Post Thumbnail of چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى (تۇلۇق)

چىھىرو ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شەھەر سىرتىدىكى بىر ئۆيگە كۆچمەكچى بولۇپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر خىلۋەت كوچىغا كىرىپ قىلىپ بىر قەدىمى سېپىل ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ، گەرچە چىھىرو بۇ يەرنى ئىزچىل ياقتۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانىسى پەقەت قىزىقىش سەۋەبىدىنلا بۇ سېپىل ئىچىگە كىرىپ تۇيۇقسىز ئادىمىزاتمۇ يوق بولغان باشقا بىر دۇنيانى بايقاپ قالىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېلىپ قالغىنىنى تېخى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن چىھىرونىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ جايدىكى بىر مەززىلىك تاماقخانىغا كىرىپ قورسىقىنى تۇيدۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما رۇخسەتسىز يېيىلگەن تاماق بۇلارنى چوشقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئۇنداقتا چىھىرو قانداق قىلىدۇ؟

تەرجىمە قىلغۇچى : پاتىگۈل ئېزىز

گروفاللو (بالىلار كارتون فىلىمى)

Post Thumbnail of گروفاللو (بالىلار كارتون فىلىمى)
 تەرجىمە كارتون,فىلىملەر 24 ئۆكتەبىر 2011

ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

رىئو

Post Thumbnail of رىئو
 تەرجىمە كارتون,فىلىملەر 15 سېنتەبىر 2011

رىئو ناملىق بۇ نادىر كارتون فىلىم برازىلىيەنىڭ چوڭ شەھىرى رىيودى ژانىيرونىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بولۇپ، فىلىم باشتىن ئاخىر بلو ئىسىملىك تروپىك بەلباغدا ياشايدىغان كۆك شاتۇتىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا چىرايلىق كۆرۈنۈش، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ھەر خىل رەڭگارەڭ گۈزەل قۇشلار، قىزغىن قايناق ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇزىكا كۆرگۈچىلەرگە تەبىئىيلا ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ئېسىل كارتوندىن بىرگە بەھىرلىنەيلى…

تەرجىمە قىلغۇچى : پاسىبان www.pasiban.com

 سىز 1-بەتتە، جەمئىي 3 بەت  1  2  3 »
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.