تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
19 ئۆكتەبىر 2013
بەزىدە تېلېۋىزۇرغا قاراپ ئەشۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرگەن فىلىملەرنى ئەسلەپ قالىمەن، گەرچە كۆرىدىغان قاناللار ساناقلىق بولسىمۇ لېكىن مەيلى مىللى كىنو، دراما بولسۇن ۋە ياكى چەتئەل تەرجىمە فىلىملىرى بولسۇن ئاز، ساز، قايتا كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك نەرسىلەر كۆپ ئىدى، ئەمما ھازىر… بولدى گەپنى كۆپ قىلماي، تۆۋەندە بىر يۈرۈش ئەڭ كونا فىلىم ناخشىسىدىن ھوزۇرلىنايلى
تەۋسىيە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
11 ئۆكتەبىر 2013
بىسمىللاھ ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر، بىز مۇسۇلمان بولغانىكەنمىز ھەر ئىشىمىزنى بىسمىللاھ دەپ باشلايمىز ھەم باشلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ بۇ توغۇرلۇق تەلىم تەربىيەنى چوقۇم تۇلۇق ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، تۆۋەندە كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا مۇشۇ توغۇرلۇق ئاددى ئىشلەنگەن بىر سىننى سۇنىمىز، بەھىرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
29 سېنتەبىر 2013
«بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق» فىلىمى ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بۈگۈن ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىش ناخشىسى altin hizma، مەزكۇر ناخشىنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئېلىنغان hizma سۆزى، بۇرۇنغا تاقايدىغان ھالقىنى كۆرسىتىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
24 سېنتەبىر 2013
بۇ يىلقى نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولغان «كۆك زېرەكچاقلار 2» فىلىمى دوستلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، كىچىكىمىزدە كۆرۈپ چوڭ بولغان كارتون فىلىم بولغاچقىمىكىن ھەر ئىككىلا قىسمىنى ئىزدەپ سوراپ دېگەندەك كۆرۈپ تۈگەتتىم، بۈگۈن گەرچە فىلىمنىڭ ئۆزىنى دوستلارغا تەمىن ئېتەلمىسەكمۇ فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىسىنى ئېلىپ كەلدۇق
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
18 سېنتەبىر 2013
ھازىرقى زامان ياۋروپا مودا ناخشا – مۇزىكا شاھزادىسى جاستىن بىيبېرنىڭ دۇئا ناملىق بۇ ناخشىسى ئۇنىڭ 《My Worlds Acoustic》 ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى بىردىنبىر يېڭى ناخشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ناخشا مايكېل جېكسوننىڭ Man in the Mirror ناملىق ناخىشىسىدىن ئېلھام ئېلىپ ئېيتقان ناخشىسىدۇر. خوش، ئۇنداقتا ھەممىمىزنىڭ دىققىتى ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
30 ئاۋغۇست 2013
ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دوستلارغا تۇنۇلغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈپ ناخشىلىرىدىن ئىلگىرى بلوگىمىز ئارقىلىق بىر قانچىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنىدۇق، بۇ قېتىم دوستلارغا ئۇنىڭ يېڭى كۈيلىرىدىن بىرى بولغان «چۈنكى سەن» ناملىق كۈيىنى سۇندۇق، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
14 ئاۋغۇست 2013
ئىلگىرى ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرىدىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نادىرلىرىنى بلوگىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا سۇنغانىدۇق، ئەمدى بۇ ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان رۇسىيەلىك ناخشىچىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆيلىرىدىن «سامادىكى پەرۋاز» ناملىق ناخشىسىدىن بەھىرلەنگەيسىزلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : م.ئەركىن.تۈمەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
8 ئاۋغۇست 2013
Owl City بىلەن مالايسىيەلىك ناخشىچى Yuna تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ئېيتقان ناخشا پارلات يولۇڭنى يېقىندا قويۇلۇشقا باشلىغان ئامېرىكا كارتون فىلىمى «كرۇدس جەمەتى» نىڭ ئاساسى ناخشىسى بولۇپ، مەزكۈر كارتون فىلىم ئىپتىدائىي دەۋردىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆڭكۈر ھاياتىدىن ئايرىلىپ سىرتقى دۇنيا بىلەن ھەقىقى تۇنۇشۇش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسى بەلكىم بلوگىمىز ئارقىلىق تارقىتىلىشى مۇمكىن، ئاڭغىچە بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
27 ئىيۇل 2013
بۇ يىل 4-ئاي ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئاشىق2 كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى بىلەنلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ فىلىم مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلىقى بىلەن ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە بلوگىمىز فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى جىددى ئىشلەۋاتىدۇ، ئاڭغىچە دوستلار تەشۋىقات سۈپىتىدە فىلىمنىڭ تۆۋەندىكى ناخشىسىدىن ھوزۇرلۇنۇپ تۇرغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
15 ئىيۇل 2013
يېقىندا دوستلارغا رامىزانلىق سوۋغا تەييارلاش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باشقا تەرجىمىلەرنى پۈتتۈرۈشكە تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالماي قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشلىقى بىلەن تەرجىمىسى پۈتۈپ قالغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭمۇ رەتلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قالدى، ئەمما تورداشلارنىڭ ئەمگىكى ئەلۋەتتە بىكار كەتمەيدۇ، پات ئارىدا ئالدىراش ۋاقىت بىر مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭى كارتون ۋە يېڭى فىلىملەر داۋاملىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ، بۈگۈنچە يېقىندا توردىن تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغان بۇ روسچە مۇڭلۇق ناخشىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
13 ئىيۇل 2013
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ئالدىنقى قېتىم ماھىر زەيىننىڭ «نەدىسەن» ناملىق ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاندا، تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇمات بەرگەنىدۇق، ئەنە شۇ مۇسابىقىنىڭ «نەشىد بۆلىكى» قىسمىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار بىرلىكتە تولىمۇ گۈزەل نەشىدلەرنى ئېيتىپتۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تۈركچە بولمىسىمۇ يەنىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چىرايلىق ئوقۇپتۇ، تۆۋەندە شۇ ناخشىلاردىن ئىككى شىڭگىل ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
7 ئىيۇل 2013
شۋىتسىيەلىك ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئۇيغۇر تورداشلىرىغا خېلى تونۇشلۇققۇ دەيمەن، بلوگىمىزدىمۇ ئۇنىڭ بىر قانچە كۈيلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا سۇنغاندىن بېرى ئىزچىل تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ماھىر زەيىننى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ھەمدە ناخشىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئاڭلاپ تۇرىمەن، بۈگۈن تورداشلارغا ماھىر زەيىننىڭ كېلىۋاتقان رامىزانغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى «رامىزان»نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئېلىپ كەلدۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.cn
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
2 ئىيۇل 2013
ئەنگلىيە داڭلىق مودا ناخشىچىسى adele تۇنجى قېتىملىق BRITawards مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ ناخشا ساھەسىگە كىرىپ تۇنجى پىلاستىنكىسىلا يەتتە مىليۇندىن ئارتۇق سېتىلىپ ئۇنى تېزلا پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتتى، ئىككىنچى پىلاستىنكىسى «21» پۈتۈن دۇنيادا 28 مىليۇندىن ئارتۇق سېتىلىپ 21-ئەسىردىكى ئايال ناخشىچىلار ئىچىدە سېتىلىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پىلاستىنكا بولۇپ قالدى شۇنداقلا ئۆزىمۇ تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ھازىرقى زاماندىكى ھالى ئەڭ چوڭ ئايال ناخشىچىغا ئايلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : كەتمەن
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
21 ئىيۇن 2013
تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى تۈركىيەدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشا چولپىنى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ئالقىشلانغان ئون ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇربەگ بلوگىدا مۇستافا جەجەللىنىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىسىدىن «ئۆكسۈك»نى تەرجىمە قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغانىدى، بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئىجادىيىتى «سوقۇلغىن»نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.cn
تەرجىمە ناخشىلار,فىلىملەر
16 ئىيۇن 2013
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ھەممىمىز ماھىر زەيىننىڭ ئىنگىلىزچە ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلگەنىدۇق، بۇ ئاينىڭ بېشىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مىراج كېچىسى كېچىلىكىگە ماھىر زەيىن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ تۈركچە ناخشا ئوقۇپتۇ، قېنى ئەمسە بۇ گۈزەل كۈيدىن بىرلىكتە بەھرىمان بولايلى.
تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك