تورداشلارغا بولۇپمۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قېتىملىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياكى قىتئەلەردە ئۆتكۈزىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە شۇ يىلدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى بولىدۇ، بەلكىم نەچچە ئاي ئىلگىرى ئاخىرلاشقان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە تورداشلار بۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسىغا ئانچە بەك دىققەت قىلمىسا كېرەك، بۇ ناخشىنىمۇ مەن ئەركانىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بەلكىم بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ دىققەت قىلمىغاندىمەن، ناخشىنىڭ ئىسمى «غەيرەت قىل ئاسىيا» بولۇپ، ناخشىدا پۈتكۈل ئاسىيا خەلقىنى ئۈمىدكە، ئىشەنچكە چاقىرىشتەك مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، قېنى بۇرۇن ماڭا ئوخشاش بۇ ناخشىغا دىققەت قىلمىغان بولساق ئەمدى تەرجىمىسىنى بىر كۆرۈپ چىقمامدۇق…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ۋاقىت خاتىرلىگۈچى : ھورۇن يىگىت
ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» قاتارلىق يېقىملىق ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن كەڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ ۋە شۇنداقلا ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈف ۋە شۇنداقلا ناخشا مەزمۇنىغا چوڭقۇر مەنالار يۇغۇرۇلغان پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان يېتىلىۋاتقان لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىن، بۇ ئىككىلىسىنىڭ ناخشىسىنى دىيارىمىزدىكى تورداشلار ناھايىتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز يەنە بۇ ئىككىسىنىڭ تەستە تېپىلغان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ئەنۋەر توختى
بەلكىم كۆپلىگەن تورداشلىرىمىز تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان ناملىق بۇ ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ قېتىم لەۋەنت يۈكسەل ۋە ئۆزبېكىستان داڭلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا بۇ ناخشىنى قايتىدىن بىرگە ئېيتىپ چىقىپتۇ، گۇرۇپپا ئەزاسى Güηέşа بۇ ناخشىنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، قېنى بەھىرلەنگەيسىزلەر
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : Güηέşа
ۋىتاس 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى لاتۋىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن تالانتى ئارقىلىق بارا بارا تۇنۇلۇشقا باشلىغان، 2000-يىلى ئۇ روسىيە كېرىمىل سارىيىدا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن، ھەم شۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىدە «ئوپىرا 2» ناملىق ناخشىسى بىلەن بىراقلا پۈتكۈل دۇنياغا تۇنۇلغان، ھەم ناخشىسىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ھازىرغا قەدەر ۋىتاس ئۆزىنىڭ بەش دانە CD پىلاستىنكىسى ۋە ئىككى مەخسۇس ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقارغان
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەزىلەر خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدىغان كىشىلەر زامانىۋى ناخشىلارنى ئاڭلاپ كەتمەيدۇ دەپ قويىدىكەن، لېكىن مەن دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا بەزىدە ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كەتسەم بەزىدە تېخى RAP ناخشىلىرىنىڭمۇ پەيزىنى سۈرۈپ قوياتتىم، بولۇپمۇ چەتنىڭ داڭلىق RAP ناخشا چولپانلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى گەرچە تىلىنى بىلمىسەممۇ ئەمما ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاپ كېتەتتىم، خوش، ئۇنداقتا RAP ناخشا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن NIK & JAY ناخشىلىرىنى RAP ناخشا ھەۋەسكارلىرى بىلسە كېرەك، تۆۋەندە تۇغلۇقنىڭ ياردىمىدە بۇ قالسا ئەگەر ھاياتلىقتا بىر كۈن دېگەن ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق www.tugluk.com
بۇ ناخشا گەرچە تەرجىمە قىلىنىپ بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما ناخشىنىڭ ئەسلى MVسىنى تاپىمەن دەپ قولۇمدا باستۇرۇپ قويغانىدىم، ئەمما يەنىلا تاپالماي ئاخىرى مۇشۇنداقلا ئېلان قىلىدىغان بولدۇم، بۇ گەرچە ئادەتتىكى مۇھەببەت كۈيلەنگەن ناخشىدەك قىلغىنى بىلەن ئەمما ئۇنىڭدا بايان قىلىنىدىغىنى بىر ۋاپادار، ھەقىقى مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆز ۋاپادارىغا ئېيتىلغان يۈرەك سۆزلىرى بولۇپ، ئاڭلىغانلىكى كىشىگە بىر خىل ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى يەنىلا شۇ ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ماھىر زايىن بولۇپ، بۇ ناخشىسى مېنىڭ ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا بولغان ئامراقلىقىمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
Declan Galbraith ئىجراسىدىكى Tell Me Why ناملىق پىلاستىنكا 2002-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرەي دېگەن ۋاقتى ئىدى، ناخشىدا ئاساسلىق ھازىرقى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىسەنكىرەش، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەت، بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان مېھىر مۇھەببەت قاتارلىقلار ئىنتايىن جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، بولۇپمۇ ناخشىنىڭ يۇقىرى دولقۇن قىسمىدىكى ئارقا ئارقىدىن بېرىلگەن سۇئال tell me why (ئېيتقىن نېمىشقا) بۇ پەقەتلا جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز بولۇپلا قالماستىن بەلكى غەپلەتتە ياتقان بارلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇنۇشقا قىلىنغان چاقىرىق ئىدى، گەرچە Declan Galbraith نىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن داڭلىق ناخشىلىرى بولسىمۇ ئەمما ھازىرچە بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرۇىغا سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
بەلكىم ناخشا خۇمار دوستلارغا ماھىر زايىن دېگەن بۇ ئىسىم ياد بولمىسا كېرەك، لىۋان ناخشىچىسى ماھىر زايىن (Maher Zain) كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ كېيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن داڭلىق ئىجادىيەتچى RedOne بىلەن بىرلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كېلىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، ماھىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن سىز قۇيۇق ئىسلام پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلىز تىلىدا ئېيتىلغان بولۇپ بەلكىم ئۇ خەلقئارالىق ئورتاق تىل ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ناخشىلىرىدا ئېنگىلىز تىلىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز توردىن مىڭ تەسلىكتە تاپقان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى