سۆيگۈ قىسمىتى

Post image of سۆيگۈ قىسمىتى
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 22

سۆيگۈ قىسمىتى

ھەر قېتىم چەت دۆلەت ناخشىچىلىرىنىڭ گېپى چىققاندا دائىملا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ناخشىچىلىرىنىڭلار ناخشىلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالىدۇ، بۇ قېتىم بىزگە ناھايىتى يېقىن بولغان چەتئەل ناخشىچىسىنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ دەل قىرغىزىستان داڭلىق ناخشىچىسى سۇلتان سادىرالىيوف، (بەلكىم رايونىمىزدىكى قىرغىز تورداشلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك)، سۇلتان سادىرالىيوف قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ كېيىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن ئورۇنلاپ چىققان «ئوغلۇمغا» دېگەن ناخشىسى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجادى ناخشىلىرى بىلەن قىرغىزىستاندىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، سۇلتاننى ئۆز كەسپىدە ناھايىتى تىرىشچان ناخشىچى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، سۇلتان يېقىندا شىۋېتسارىيە كىنو-فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «يىراقتىكى سۆيگۈ» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان ھەم بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئۆزى ئورۇنلاپ چىققان

تەرجىمە قىلغۇچى : ۋاسكىتبول گۈزىلى

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

2011.12.14 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ: ،

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

22 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.12.14
15:50
1-قەۋەت: «رازىيە» مۇنداق دېدى:

مەزمۇنى بار ياخشى ناخشا ئىكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىندىشىم رازىيە !
سىزنىڭ بۇ ناخشنى ياقتۇرۇپ تۇنجى كۆرۈرمەن سۈپىتىدە باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.14
15:59
2-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ش.ئە.ئۇيغۇرى بۇ تەرجىمە ناخشىنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىنكى تېخنىكىلىق ئىشلارغا ياردەمدە بولغىنڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم .
تۆنۈگۈن كەچتىمۇ ۋاقىت خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالسىمۇ يەنىلا ، ئىزچىل تۈردە مەن بىلەن بىرگە بۇ ناخشنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن .
مەن بۇ بىلوگىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن . گەرچە بۇ مېنىڭ تۇنجى تەرجىمە ناخشام بولسىمۇ ، بېراق مۇشۇنچىلىك نەتىجە يارىتالىغىنىمدىن شۇنداق خۇشالمەن . ئاللاھ خالىسا پات يىقىندا بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ كەك كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام دەيمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت دوستۇم

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىز مۇنداق يازغان:

تەرجىمە ئەمگىكىڭىزگە خۇرسەنچىلىك . لىكىن تەرجىمە خۇددى ئۆزىڭىز باشقا بىر ناخشا تېكىستىنى يازغاندەكلا بولۇپ قاپتۇ .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

قېممەتلىك تەكلىپ – پىكىرىگە كۆپ رەھمەت . بېراق سىز بىز ياشاۋاتقان جايدىكى قىرغىزلار تىلغا نوقۇل سېڭدۇرۇپ تەرجىمە قىلساق باشقا ، ئەمما روسلارنىڭ مەدەنىيتى سېڭىپ كەتكەن قىرغىزلارنىڭ تىلى بويىچە تەرجىمە قىلساق يەنە پەرىق بار تەرجىمە قىلىنىپ چىقىدىغان گەپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ناخشا تېكىستى تەرجىمە قىلىش ، سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق نوقۇل ھالدىكى بىرسىنىڭ گىپىنى بىرسىگە تەرجىمە قىلىپ بىۋاستە يەتكۈزۈشكە ئوخشىمايدۇ . مۇنداقچە قىلغاندا بۇ خىلدىكى تەرجىمىگە ئەدىبى تىل ھەم قاپىيە دىگەندەك مۇھىم ئامىللار سېڭىپ كىتىدۇ .
بىلمىدىم سىزگە قايسى جايلىرى قانداق تەرجىمە قىلىنغان بىلىندىكىن ، بولسا ئېنىق شەرھىلەپ قويسىڭىز ، مەنمۇ چوقۇم سىزگە بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن .
مەن قىرغىزلار بار رايۇندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھە قانچە بولسىمۇ ، ئۇنچىلىك دۆتلۈك بىلەن تەرجىمە قىلىپ چىقمىغاندىمەن . قېنى ئەمسە قېممەتلىك پىكىرىڭىزنى ساقلايمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىز مۇنداق يازغان:

ۋاسكېتبول گۈزىلى -
سىز بىز ياشاۋاتقان جايدىكى قىرغىزلار تىلغا نوقۇل سېڭدۇرۇپ تەرجىمە قىلساق باشقا ، ئەمما روسلارنىڭ مەدەنىيتى سېڭىپ كەتكەن قىرغىزلارنىڭ تىلى بويىچە تەرجىمە قىلساق يەنە پەرىق بار تەرجىمە قىلىنىپ چىقىدىغان گەپ.

مەن -
ئىككى دۆلەتتىكى قىرغىزلارنىڭ تىل ئىپادىلىشىدە قىسمەن پەرىق بار . لېكىن بىز دەۋاتقان مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .

ۋاسكېتبول گۈزىلى -
بۇ خىلدىكى تەرجىمىگە ئەدىبى تىل ھەم قاپىيە دىگەندەك مۇھىم ئامىللار سېڭىپ كىتىدۇ .

مەن –
ئەلۋەتتە شۇنداق ، لېكىن تەرجىمىسى ئۆى يازغاندەك بولماسلىق كېرەك . ئەسلى مەنىسى يورۇتىلىشى ، مەزمۇنىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ئەقەللىي ساۋات ،

ئېيتساڭچۇ قايسى قەدەملىرىڭگە يىلىنارمەن – ئېيتساڭچۇ قايسى قەدىمىمدىن ئازغاندىمەن

ئاھ … بەلكىم بۇ تەغدىرىمنىڭ قىسمىتى – ئا بەلكىم بۇ تەغدىرىمنىڭ قايغۇسى

شۇڭلاشقا ئۇ يۈرەك ئاچقۇچى – قانداق قلىمەن سەن دەپ يۈرەك ئاچقۇچى .

بولدى ئەمدى مۇھەببىتىم يالغۇز پارچىسى – بولدۇم ئەندى مۇھەببەتنىڭ يالغۇز جارچىسى

سۆيگۈ قىسمىتى – سۆيگۈ تامچىسى

بىلىمەن بۇ ئارمىنىمنى ، يالغۇزغىنا ناخشا ئېيتىپ قالغىنىمنى – بىلىسەن بۇ ئارمىنىمنى ، يالغۇزغىنا ناخشىغا ئايلىنىپ قالغىنىمنى


ئىز مۇنداق يازغان:

يېقىندىن بۇيان مۇشۇنداق تەرجىمە ناخشىلار كۆپىيىپ قالدى . بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى دەپ چىقتى .

مىربەك ئاتابەكوۋ نىڭ « وشوندو جاقشى بولوبۇ » ( شۇندا ياخشى بولامدۇ ) ناملىق ناخشىسىنىڭ ئەسلىسى ۋە تەقلىدىيسى

ئەسلىسى
http://www.azattyk.kg/audio/Audio/344930.html

تەقلىدىيسى
http://www.azattyk.kg/audio/Audio/344931.html

2011.12.15
19:12
3-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

بەكلا مۇڭلۇق ناخشىكەن، بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھەقىقەتەنمۇ مۇڭ تۆكۈلىدىغان ناخشا بۇ . ئاللاھ خالىسا يەنە بىر ئېسىل ناخشا بار ئىدى . ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن . سىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغىنىڭلاردىن كۆپ خۇرسەنمەن !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.15
22:58
4-قەۋەت: «تاھىربەگ» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم. ماندا قىرغىزچە ناخشا بولسا ھايىت دەڭلا. كەمىنىمۇ قىرغىزنىڭ ئارسىدا چوڭ بولغان. قىرغىزچىغا خېلى ئۇستا. ۋاسكىتبول گۈزىلى ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھى ھى ھى _________خۇددى مەندەك ئىكەنسىز ھە ؟
بولسا مېنىڭ پىنگىۋىن نومۇرۇمنى قوشۇۋىلىڭە ، بىللە تەرجىمە قىلىپ چىقارمىز قانداق ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.16
17:08
5-قەۋەت: «تۈرۈك يىگىتى» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەرجىمان دوستلار ! سىلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن بۇلۇپمۇ ( ئىسلام ) ى فىلىملەرنى . ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ، ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن ! ۋاسكىتبول گۈزىلى خىنىم
تەرجىمىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇغۇ ! تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ بولسا ‹ مۇھەببەت ھېكايىسى ›دەك ئسلامى فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن !!! :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.16
18:45
6-قەۋەت: «تۈمەنى» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم. تەرجىمىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، بولسا مۇشۇنداق فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرغايسىز. شاھ بلوگىنىڭمۇ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.17
18:52
7-قەۋەت: «سەرگەردان» مۇنداق دېدى:

راسلا مۇڭلۇق ناخشىكەن. ياقتۇرۇپ قالدىم…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.17
20:22
8-قەۋەت: «torbajin» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ماڭا بەك يارىدى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.18
12:56
9-قەۋەت: «kardu» مۇنداق دېدى:

بۇ قازاقچە ناخشىمۇ خېلى مۇڭلۇقكەن ،قازاقچە بىلىدىغانلار تەرجىمە قىلىپ قويسا بولغۇدەك.
http://v.youku.com/v_show/id_XMjczMTIxNDEy.html

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.19
22:25
10-قەۋەت: «تاھىربەگ» مۇنداق دېدى:

ە\ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋاسكىتبول گۈزىلى . قېنى پىنگىۋىن نومۇرىڭىز ھىچ تاپالمىدىمغۇ؟
مىنىڭ 406307663

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.20
16:31
11-قەۋەت: «بەك» مۇنداق دېدى:

اساالومۇ الايكۇم؟
بۇل ىرچى بئزگە تاانىش .
ەمگەگىڭىزگە ىراازىچىلىق …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.20
16:31
12-قەۋەت: «بەك» مۇنداق دېدى:

اساالومۇ الايكۇم؟
بۇل ىرچى بئزگە تاانىش .
ەمگەگىڭىزگە ىراازىچىلىق … :evil:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.21
22:38
13-قەۋەت: «kardu» مۇنداق دېدى:

داغى بىر قىرغىزچا جاقشى ناقشا
http://v.youku.com/v_show/id_XMzM0NjU5Njc2.html

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.29
13:42
14-قەۋەت: «ئۇزلۇق» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن ياخشى كىنولار باركەن !!! قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن :!:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量