بىسمىللاھ ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر، بىز مۇسۇلمان بولغانىكەنمىز ھەر ئىشىمىزنى بىسمىللاھ دەپ باشلايمىز ھەم باشلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ بۇ توغۇرلۇق تەلىم تەربىيەنى چوقۇم تۇلۇق ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، تۆۋەندە كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا مۇشۇ توغۇرلۇق ئاددى ئىشلەنگەن بىر سىننى سۇنىمىز، بەھىرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەنزىل تونىلى توغۇرلۇق فىلىملەرنى كۆرمىگەنلەر ئاز بولۇشى مۇمكىن، چەتئەللىكلەر بۇخىل تەسەۋۋۇر ئارقىلىق بىر قىسقا فىلىم ئىشلەپ توردا ئېلان قىلغان بولۇپ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنىمىز ئەگەر بۇ مەنزىل تونىلى راستىنلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرسە ئۇ چاغدا بىزدە بىخەتەرلىك دېگەن ئۇقۇم ھەقىقەتەن غايىپ بولغۇدەك، راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ ئۇنداقتا نەزىرىمىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
«بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق» فىلىمى ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بۈگۈن ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىش ناخشىسى altin hizma، مەزكۇر ناخشىنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئېلىنغان hizma سۆزى، بۇرۇنغا تاقايدىغان ھالقىنى كۆرسىتىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا بلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، بۇ يىل بېشىدىمۇ مەلەك، ئايتۈرك قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيەدە بۇ يىلقى «قېرىنداشلىق» باش تېما قىلىنغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنىدۇق، ئۇنداقتا باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدە بىزگە يەنە نېمىلەرنى يەتكۈزىدۇ؟ قىزىقسىڭىز جان پۇلات ۋە قۇيرۇق قاتارلىق دوستلىرىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلىغان تۆۋەندىكى سىندا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : جان پۇلات
بۇ يىلقى نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولغان «كۆك زېرەكچاقلار 2» فىلىمى دوستلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، كىچىكىمىزدە كۆرۈپ چوڭ بولغان كارتون فىلىم بولغاچقىمىكىن ھەر ئىككىلا قىسمىنى ئىزدەپ سوراپ دېگەندەك كۆرۈپ تۈگەتتىم، بۈگۈن گەرچە فىلىمنىڭ ئۆزىنى دوستلارغا تەمىن ئېتەلمىسەكمۇ فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىسىنى ئېلىپ كەلدۇق
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھازىرقى زامان ياۋروپا مودا ناخشا – مۇزىكا شاھزادىسى جاستىن بىيبېرنىڭ دۇئا ناملىق بۇ ناخشىسى ئۇنىڭ 《My Worlds Acoustic》 ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى بىردىنبىر يېڭى ناخشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ناخشا مايكېل جېكسوننىڭ Man in the Mirror ناملىق ناخىشىسىدىن ئېلھام ئېلىپ ئېيتقان ناخشىسىدۇر. خوش، ئۇنداقتا ھەممىمىزنىڭ دىققىتى ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەزكۈر تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1977-يىلى ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ بىر سىنىپ ئانا تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىغانلارنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يۇلۇققان قىزىقارلىق ئىشلىرى سۆزلەنگەن، فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى
كرۇدس جەمەتى ناملىق كارتون فىلىم ئاساسلىق گرۇگ (ئاۋازدا : نىكۇلاس كەيجى) ئائىلىسىنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۆڭكۈردە ياشاپ كۈنۈپ كەتكەن بىر ئائىلە كىشلىرى قاتتىق بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يېڭى ماكان تېپىش جەريانىدا گاي ئىسىملىك كەلگۈسىگە ئۇمىد بىلەن قارايدىغان بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىسى باشلىنىدۇ، مەزكۈر فىلىمنىڭ 480p سۈزۈك نۇسخىسى دوستلارغا ھەقسىز تەمىنلەندى، ياقتۇرۇپ كۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئىسلامى كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇسۇلمان دوستلارغا تۇنۇلغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈپ ناخشىلىرىدىن ئىلگىرى بلوگىمىز ئارقىلىق بىر قانچىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنىدۇق، بۇ قېتىم دوستلارغا ئۇنىڭ يېڭى كۈيلىرىدىن بىرى بولغان «چۈنكى سەن» ناملىق كۈيىنى سۇندۇق، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئىنسان بۇ دۇنيا مېھمانخانىسىغا ئىمتىھان قىلىنىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، ھاياتىدا قىلغان ھەر بىر ئىشلىرىغا قارىتا ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ، ياكى جازالىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئىنسان ھاياتىدا يېتەرلىك ئەركىنلىككە ئىگە، توغرا يولنى تاللاش ۋە ياكى خاتا يولنى تاللاش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىدۇر، ئۇنداقتا ئىنسان تەقدىرگە مەھكۈم قىلىۋېتىلگەن دېگەن زادى نېمە گەپ؟ دىققىتىڭلار فەيياز ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى تارقاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرجىمىسىدىكى «تەقدىر» نىڭ 7-قىسمىدا بولسۇن
تەمىنلىگۈچى : ئاتىللا 111
مەزكۈر تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1977-يىلى ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ بىر سىنىپ ئانا تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىغانلارنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يۇلۇققان قىزىقارلىق ئىشلىرى سۆزلەنگەن، فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى
بۇ يىل 4-ئاي ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئاشىق2 كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى بىلەنلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ فىلىم مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلىقى بىلەن ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە بلوگىمىز مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئىلگىرى ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرىدىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نادىرلىرىنى بلوگىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا سۇنغانىدۇق، ئەمدى بۇ ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان رۇسىيەلىك ناخشىچىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆيلىرىدىن «سامادىكى پەرۋاز» ناملىق ناخشىسىدىن بەھىرلەنگەيسىزلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : م.ئەركىن.تۈمەنى
يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، بۈگۈن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇدىغىنىمىز مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ 12-قىسمى كاھىشگەردىن پامىرغىچە بولۇپ، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى
ياپونىيە كارتون فىلىمى «رازۋېتچىك كونان» ياپونىيە داڭلىق ھەجۋى رەسىمچىسى ئائوياما گوشونىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1994-يىلى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى راسمى تىياتىر نەشىرى ئېلان قىلىندى، فىلىم ئىشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ياشلار ئارىسىدا كونان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ باقمىدى، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا رازۋېتچىك كوناننىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان «ۋەھىمە نۇتىسى» نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى www.islambeg.com