فىلىمدە باش پىرسۇناژ سەردار بىر روس قىزىنى دوستلىرى بىلەن دو تىكىشىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ، بۇنى بىلگەن سەردارنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىيلا قارشى تۇرىدۇ، سەردار ئاپىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي بۇ روس قىزى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئەمما بۇ روس قىزىنىڭ ئىشچانلىقى ئۆزبېك ئەدەپ ئاخلاقىنى ئۆگىنىپ ئۆزبېك كېلىنلىرىدەك ئۆي ئىشلىرىنى جان جەھلى بىلەن قىلىشى سەردارنىڭ بۇ يالغاندىن باشلانغان مۇھەببەت ئۇيۇنىنىڭ راستقا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قىز سەردارنىڭ ئاپىسىنى تەسىرلەندۈرەلەمدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى
ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى تۇغما خاراكتىرلاردىن بىرى، ھەر قانداق ئىنسان ھەرقانداق مىللەتتە ئۆزىگە خاس بولغان ۋەتەن سۆيگۈسى بولىدۇ، تۆۋەندە بىز داڭلىق ئۆزبېك ناخشىچىسى زىيادە ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىغا ئاتاپ ئېيتقان تۆۋەندىكى ناخشىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
ئۆزلەشتۈرگۈچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئەلقىسسە كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ مانا 2012-يىللىق نەۋرۇزنى كۈتىۋالماقتىمىز، ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان تارىختىن بېرى يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن بۇ قۇتلۇق مىللىي بايرىمىمىز بولغان نەۋرۇز كۈنى تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ قەدىرلىك بولۇپ كەلمەكتە، تور بېتىمىز تورداشلارغا گەرچە گەرچە مەخسۇس نەۋرۇز ئۈچۈن ئالاھىدە بىرەر نەرسە تەييارلاشقا ئاجىزلىق قىلسىمۇ ئەمما تۆۋەندىكى ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئالغاچ كەلدى، مەزكۈر كونسىرت بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۆزبېكىستان دىيارىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە نەۋرۇز ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ كېچىلىكتە ئاۋۋال بىر سائەت ئەتراپىدا ئۆزبېكىستان دىيارىدا خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر قايسى پىشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇيۇن كۆرسەتكەندىن سىرت يەنە ھاجى ئەكبەر قاتارلىق ياش سەنئەتكارلارمۇ كېچىلىككە ئۆزگىچە رەڭ قوشقان، خوش، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ كېچىلىكتىن ئورتاق ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ كېچىلىكتىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
توردا تەمىنلىگۈچى : man2rk