ئەلقىسسە كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ مانا 2012-يىللىق نەۋرۇزنى كۈتىۋالماقتىمىز، ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان تارىختىن بېرى يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن بۇ قۇتلۇق مىللىي بايرىمىمىز بولغان نەۋرۇز كۈنى تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ قەدىرلىك بولۇپ كەلمەكتە، تور بېتىمىز تورداشلارغا گەرچە گەرچە مەخسۇس نەۋرۇز ئۈچۈن ئالاھىدە بىرەر نەرسە تەييارلاشقا ئاجىزلىق قىلسىمۇ ئەمما تۆۋەندىكى ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئالغاچ كەلدى، مەزكۈر كونسىرت بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۆزبېكىستان دىيارىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە نەۋرۇز ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ كېچىلىكتە ئاۋۋال بىر سائەت ئەتراپىدا ئۆزبېكىستان دىيارىدا خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر قايسى پىشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇيۇن كۆرسەتكەندىن سىرت يەنە ھاجى ئەكبەر قاتارلىق ياش سەنئەتكارلارمۇ كېچىلىككە ئۆزگىچە رەڭ قوشقان، خوش، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ كېچىلىكتىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
توردا تەمىنلىگۈچى : man2rk
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بولسا مۇشۇنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنى چۈشۈر ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلا ئاللاھ قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!
ئېم…………
ئەمدى چۈشەندىم ….
نورۇز بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
ئۆزبەكىستان ،قىرغىزىستان،قاراقئىستان….لاردىكى لەربىلەن قانداق قىلىپ ئالاقىلاشقىلى بولدۇ؟كىكىيۇ دەك پاراڭ دىتالى بامىدۇ ،توربىتىچۇ ئۇلار بىلەن تۇنۇششاق
بىلدىغانلار بامۇ؟تىلفۇن بوممايدۇ مەن پەقەت توردا دىمەكچى
بولىدۇ.مەن ئىلگرى بىر سېستىمىنى ئىشلىتىپ چەتئەلدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقان.بىراق مەن ئۇ سېستىمىنى ئشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولدى .مەن ئىزدەپ باقاي
بۇنىڭدىن سىناپ بېقىڭ
http://skype.tom.com/download
بۇ سېستىما ھەقىقەتەن ياخشى . ئادەتتە چەتئەلدىكىلەر بىلەن توردا ئالاقە قىلىشقا مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق . مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق جىق ئېشلەتكەن .
قانداق مازخەخ بۇ بىزنى دورىۋاپتى غۇ توۋا؟
كۆزىڭىزگە تور تارتىلىۋالدىڭىزمۇ؟ ئۇيغۇر دەۋاتسا يەنە نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسىز، توۋا
مىللى كىملىكىمىزنى يۇقۇتۇپ قويمايلى
ياشا ۋەتەنداشلار
مەن ئەپسۇس كۆرەلمدىم
سىلەر نەۋرۇزغا قانداق قارايسىلەر ؟ نورۇزمۇسۇلمانلارنىڭ بايرامىمۇ ياكى ئەتىياز تىرىلفۇسىنڭ باشلىنىش مەزگىلى؟
ھەجەپ ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بىر سازنى كۆرۈپ قالدىما ئاۋۇ مۇقامدا ، مىللى ساز ئەمەستۇ ؟
11:52
سىلەر نەۋرۇزغا قانداق قارايسىلەر ؟ مەن چەكتىن ئىشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئۈتكۈزسەك بۇلۇدۇ دەپ قارايمە … لىكىن باشقىلار قارىشى چىقۋاتىدۇ سىلەرچىچۇ ؟ بىز ئۇيغۇرلار بىردىن بىر بولغان بايرىمىمىزنى تاشلىۋىتىشىمىز كېرەكمۇ ؟!
بۇ باھاغا پىكرىم بار
muz مۇنداق يازغان:
بۇ بايرام يوقىلىش گىردابىدا تۇرۇپتۇ . ھەر بىر مىللەتنىڭ بايرىمى بولغىندەك بۇ نورۇز تۈرۈك قان سىتىمىسىدىكىلەرنىڭ بايرىمىكەن شۇڭا بىز بۇنى قوغدىشىمىز كىرەك.
نورۇز نىڭ قانداق بايرام ئىكەنلىكىنى ئەمدى تونۇپ يەتكىلى 2 .3 يىلدەك بولۇپ قالدى .
بۇ بايرامنىڭ قايسى زامانلاردا ئاجىزلاشقانلىقى ماڭا نامەلۇمكەن بولسا تورداشلار مۇشۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بەرسەڭلا…
بىز تىخى نورۇز دەپ يۈرگەن بىلەن نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزگەنلەرنى تا ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم.
نورۇز بايرىمىنىڭ مۇشۇ يوقىلىش گىردابىغا بىرىشتا بىرەر تارىخى سەۋەپ بارمۇ قانداق؟
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ئۇمۇدۋار مۇنداق يازغان:
ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم،سىز بۇنى كۈرۈپ بېقىڭ.
http://v.youku.com/v_show/id_XMzU5ODI1Mzk2.html
بۇ باھاغا پىكرىم بار