كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا

Post image of كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 12

كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا

قۇرىغار(غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى (Westlife) تورداشلارغا چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. قۇرىغار (غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى 1998-يىلى ئېرلاندىيەدە قۇرۇلغان ئەرلەر ناخشا گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېرلاندىيە ۋە ئەنگىلىيىدە نام قازانغان، شۇنىڭدەك ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيەدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەمدە چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ دۇنيادا سېتىلىشى 40 مىليون دانىدىن ئاشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  بۇ ناخشا گۇرۇپپىسى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ھالدا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان. تۆۋەندە بىز بۇ ئوغلانلارنىڭ «كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا» ناملىق ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى

ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

توردىكى نامىم Tumani، يەنى ئانا يۇرتۇم قەشقەرنىڭ ئەزىز دەرياسى «تۈمەن دەرياسى»نىڭ نامىدا قويۇلغان، ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىققاچقا دەسلەپتە توردا ھېكايە، شېئىرلانى يېزىپ تۇردۇم، كېيىنچە، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە تاھىر خۇددى زۆھرەگە ئاشىقى–بىقارار بولغاندەك ئاشىق بولدۇم. شۇندىن بۇيان «تۈمەنى تەرجىمىلىرى» نامىدا تا ھازىرغىچە فىلىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن

2012.04.18 ئاپتور: تۈمەنى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

12 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.04.18
17:12
1-قەۋەت: «چاتاقچى» مۇنداق دېدى:

شاھ بلوگ ھەقىقەتەن ئىسىل نەرسىلەرنى يوللايدۇ،مەن ياقتۇرىمەن.
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىلىپسىلەر.رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.18
21:27
2-قەۋەت: «مەلەك» مۇنداق دېدى:

ئارقا كوچىدىكى بالاڭزىلارنىڭكىدىن باشقا گورۇپنىڭ ناخشىلىرىنى ئانچە ئاڭلىمايتىم ، بۇمۇ بوپ قويىدىكەن رەھمەت.
شاھ بلوگىنىڭ سىنادىكى خەت ساندۇقىغا بىر نەرسە يوللاپ قويغانىدىم قاراپ باققايسىلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلەك خانقىز .
بىلمىدىم سىز سابىق مۇنبەردىشىم قەشقەرلىك مەلەك شۇمۇ ياكى مەن تور نامىڭىزغا قاراپلا سىزنى خاتا تونىۋالدىممۇ ؟ ئەگەر سىز شۇ بولسىڭىز ، ھە قاچان مىنىڭ تور نامىمنى كۆرۈپ تونىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، توپنى قولتۇقىڭىزغا قىستۇرۋالمىسىڭىزمۇ تونىيالايمەن ھەدە ، ھې ھې

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ھە نىمە بولسا خۇداغا شۈكىرى دىدار غەنىيمەت بولدى . بۇرۇنلاردا پىنگىۋىندا بار ئىدىڭىز ، نەلەرگە يوقاپ كەتتىڭىزكىن ؟ سىزنى بىر ئەسىرىڭىز بىلەن مەلۇم مۇنبەردە ئۇچىراتقان پىتى مانا ساق ئىككى يىلدىن كىيىن بۇ بىلوگدا ئۇچراتتىم دىسە . خالسىڭىز مېنى قوشۇۋىلىڭ ھە ؟ ھازىرىقى ئېشلىتىۋاتقان نومۇرۇم 979770938

2012.04.18
22:24
3-قەۋەت: «ۋاسكېتبول گۈزىلى» مۇنداق دېدى:

بۇلارنىڭ گورۇپىسىدىكى ناخشىلارغا بىزنىڭ يىگىت شۇنداق مەستانە ، بەزىدە توۋا دەپ قالاتتىم . بېراق بۈگۈنكى بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمە قىسمنى كۆرۈپ ئاندىن مەنمۇ خىلى ياقتۇرۇپ قالدىم . تۈمەنىنىڭ يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىمەن.!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ئىش قىلىپ مەن بۇ بىلوگىنى بايقاپ كىرگەندىن بۇيان بۇرۇن ش . ئە ئۇيغۇرى ئەپەندىنىڭ ئاندىن خوتەن ئەركانىنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنى كۆپ كۆرىدىغان ، ھازىر بولسا سىزنىڭكى ھەم يەنە بىر مۇشۇنداق بىلوگى بار ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ، شۇنىڭكىنى كۆپ ئۇچىرتىدىغان بولدۇم . قولىڭىز ۋە ئىلھاملىرىڭىزغا ئاپىرىن ! بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق كۆپ تەرجىمە ئەسەرلەر بىلەن بىزنى ئۇچىراشتۇرۇپ تۇرغايسىز !

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تۈمەنى مۇنداق يازغان:

ئالدى بىلەن سىزگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن! رەھمەت! … ئالدىنقى تەرجىمەمگە ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەنسىز، ئەپسۇس تېخى بۈگۈن كۆردۈم، (رەنجىمىگەنسىز – ھە ). مەن تېخى سىزنى تەرجىمىلەرنى «ئاز، ساز» يوللايدىغان ئوخشايدۇ دېسەم، ئەسلىدە تەرجىمىلىرىڭىز ئامباردا بېسىقلىق ئىكەندە- ھە. ئىش-پىشلار بولسا «ھايت» دېسىڭىز، بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ «ھە-ھۇ» دېمەمتىم دەيمەن. خالىسىڭىز مېنى پىنگىۋېنىڭىزغا قوشۇۋېلىڭ: 364070714…

2012.04.19
19:53
4-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆپچىلىك سىلەر بەك قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كىتىپسىلەر ھە؟؟؟؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ئەسلىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتمەيتۇق . شۇ دىدارلاشمىغىلى ئۈچ – تۆت يىل بولۇپ كەتكەن سابىق مۇنبەرداشلار بىلەن بۇ تېمدا دىدار غەنىيمەت بولۇپ قالدۇق ، شۇڭا …
بىزنى بىرەر قىتىم توغرا چۈشىنىپ تۇرۇڭلار باللا مۇنداق :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.19
19:58
5-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

تۈمەنى تېخمۇ ياخشى،نادىر ئەسەرلەرنى يوللىشىڭزنى ئۈمۇد قىلىمەن؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量