ئىران ھېكايە فىلىمى : ئوۋچى

Post image of ئىران ھېكايە فىلىمى : ئوۋچى
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 18

ئىران ھېكايە فىلىمى : ئوۋچى

ئىراندا چوڭ سايلام بولۇش ئالدىدا كەچۈرۈم ئېلان قلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئەلى قويۇپ بىرىلىدۇ، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ، شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئەلى ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئەسلىدە ساقچىلار بىلەن توپىلاڭچىلار(ئوخشاش بولمىغان سىياسى قاراشتىكىلەر) ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتا، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا بىگۇناھ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ  قالىدۇ، ئۇنداقتا ئەمدىلا تۈرمىدىن چىققان ئەلى قانداق قىلىدۇ؟

مەزكۇر فىلىم 2010-يىللىق بىرلىن كىنوفېستۇۋالىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن بولۇپ مەزكۈر فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى ئەمما مەزمۇنى تىرەن، كۆرۇرمەنلەر ئىختىيارى ھالدا كىنۇدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا جۆر بولۇپ كېتىدۇ.

كىنو نامى : پارىسچە : شىكارچى، ئېنگىلىزچە : The Hunter
تىلى : پارس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

2011.03.25 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

18 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.26
03:25
1-قەۋەت: «تۇرانىم» مۇنداق دېدى:

تەرجىمە قىلىش سۇرىتىڭلار خىلى تىزلىشىپ قاپتۇ جۇمۇ … ئىشلىرىڭلار ئۇقۇشلۇق بولسۇن ! ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.26
04:13
2-قەۋەت: «1024 - سەلتەنەت» مۇنداق دېدى:

ھەققەتەن ياخشى كىنو ئىكەن .. ئەجىرىڭلارغا تەشەككۈر… بۇنداق ياخشى كىنولارنى نەدىن تاپىدىغانسىلەر … ئېران ۋە تۈركىيەگە دائىر كىنولارنى توردىن ئىزدەپ تىپىش بەكمۇ تەسكەن ..تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن .. لىكىن دەي خانىلاردا كۆپ … نەدىن چۈشۈردىغاندۇ مۇشۇنداق كىنولارنى.. سۈزۈك نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويماقچى ئىدىم …!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.26
10:06
3-قەۋەت: «چۈشتاق» مۇنداق دېدى:

ياخشى كىنو، مەنمۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ كۆرۈپ، ئاخىرىدا ئەلىنى ھېلىقى ساقچى ئېتىۋەتكەندە بىرسى مۈرەمدىن تۇتۇپ سىلكىگەندەك ئەندىكىپ كەتكەن ئىدىم. كىنونىڭ يۇقىرى پەللىسى دەل ئاشۇ يەردە.
مەزكۇر كىنونى تەرجىمە قىلغان ئەزىزلەرنىڭ ئىشلىرى راۋان بولغاي!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.26
11:12
4-قەۋەت: «kamal37» مۇنداق دېدى:

چىقمايدىعۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.26
12:09
5-قەۋەت: «كىنوچى» مۇنداق دېدى:

تەرجىمە ئىشلىرىڭلار بارغانسىرى كۆپ قىرلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.
پەقەت ئامرىكىلا كىنو ئىشلىمىگەندىكىن، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ نادىر فىلىملىرىغا تورداشلارمۇ قىزىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.27
10:50
6-قەۋەت: «ئىكرام تور بىتى» مۇنداق دېدى:

مەن بۇ كىنونىڭ خەنچىسىنى بۇرۇن كۆرگەن،لىكىن بەزى يەرلىرىنى چۈشىنەلمىگەن ،مۇمكىن بولسا كىنونىڭ خىتىنى ئىۋاتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.27
16:38
2011.03.28
02:41
8-قەۋەت: «ۋىناس» مۇنداق دېدى:

ئوۋچى دىگەن كىنونى كۈرەي دىگەن بىراق چىقمايدىكەنغۇ خاپا بولماي كۈرۈپ باقامسىلەر رەخمەت ئاللاغا ئامانەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.28
03:40
9-قەۋەت: «نالە» مۇنداق دېدى:

چىقمىدى ؟؟؟ئ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.28
05:36
10-قەۋەت: «ئەركىيە» مۇنداق دېدى:

كىنونى قويسام 该视频不存在或已删除دەپ چىقىۋالۋاتىدۇ،نىمە ئىش بولغىنىدۇ؟ياكى مېنىڭ كومپىيوتورۇمدىكى مەسلىمىدۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئاپتور 2011.03.28
11:52
11-قەۋەت: «ش.ئە.ئۇيغۇرى» مۇنداق دېدى:

بىخەستىلىك سەۋەبىدىن مەزكۈر فىلىمنىڭ كۆرۈش مەنبەسى توردىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، قايتىدىن چىقىرىپ قويدۇم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.28
14:03
12-قەۋەت: «幸福» مۇنداق دېدى:

ياردەم قلامسز؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.29
03:10
13-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

يەنە بىر نادىر فىلىم ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ! يارايسىزلەر!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.31
13:01
14-قەۋەت: «ئەركانى» مۇنداق دېدى:

ئەزىز ئىكرام تور بېتى…..
ئەپسۇس سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئورۇندىيالماسلىقىمىز مۇمكىن، بولسا سىز سۈرەت بىلەن خەت كىرىشتۈرۈلگەن، يۇقاردىكى فىلىم ئارقىلىقمۇ فىلىمنى ئانا تىلدا بىمالال كۆرۈپ چۈشىنەلەيسىز.
بۇ يەردە يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كىلىۋاتىدۇ، ئارتۇقچە بولسىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي:
خىزمەتداشلىرىم مەيلى خەنزۇچە خەتلىك فىلىم بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملار بولسۇن ، كۆرگەن ۋاقىتىدا خېتىنى ئوقۇپ بولغىچە، كۆرۈنۈش ئۆتۈپ كېتىپ كىنو كۆرگەندەك بولمىغانلىقىدەك قاخشاپ بەرگەنىدى…
مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەرگەنىدىم، توغرا دەسلەپتە كۆرگەندە، ھەر قانداق كىشىدە شۇنداق تۇيغۇ بولىدۇ، يەنى سۈرەتنى كۆرمىسە تېخى، خەتنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە تېخى، ئەمما خەتلىك فىلىملەرنى كۆرىۋەرگەندە، بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، يەنى كۆرۈش سەزگۈسىمۇ تېزلىشىپ، بىر تەرەپتىن سۈرەتلەردىن ھوزۇرلانغاچ،يەنە بىر تەرەپتىن خەتلەرنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولىدۇ، ئىشەنمىسڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، داۋاملىق خەتلىك فىلىم كۆرۈشكە ئادەتلىنىڭ!…
يەنە بىر ئامال فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، چۈشۈرۈپ كۆرگەندە، بىلەلمىگەن دىئالوگ بولسا ، فىلىمنى توختىتىپ، ئالدىرىماي ئوقۇپ چۈشىنىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
:razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئويغاق مۇنداق يازغان:

توغرا ئېيىتتىڭىز .خەتلىك كىنولارنى كۆپ كۆرگەندە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىدىكەن كۈرۈش ئىنكاسىمۇ تىزلىشىپ قالىدىكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.4
08:52
15-قەۋەت: «ئاللايار» مۇنداق دېدى:

راستىنلا ياخشى فىلىم ئىكەن. بولسا مۇشۇنداق فىلملەرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ تۇرساڭلار! رەھمەت سىزلەرگە… :cool:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.1
10:51
16-قەۋەت: «ئۇيغۇر بۇرە تۇپى» مۇنداق دېدى:

سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بۇلدۇ ماڭ بۇ ناخشىنى تەرجىمە قىلىىپ بەرگەن بولسىڭىز ‹It’s My Life› ئاۋارە قلىدىم……

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.9
13:45
17-قەۋەت: «تەۋپىق(ئا لىم)» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنو ئادەمنى باشقىچىلا ھىسياتقا ئەكىلىپ قۇيدىكەن دىسە ،.. ياخشىكەن ! رىياللققا قايتاي….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量